« فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت »

2

ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىڭلار

1ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەر رىغبەتلەندۈرۈلدۈڭلار ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن تەسەللى تاپتىڭلار. مۇقەددەس روھتىن ئورتاق بەھرىمەن بولدۇڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە رەھىمدىللىكىنى كۆردۈڭلار. 2شۇنداق ئىكەن، سىلەر ئوخشاش ئوي-پىكىر، ساپ مېھىر-مۇھەببەت ۋە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار. شۇنداق بولغاندا، مېنى خۇشاللىققا چۆمدۈرىسىلەر. 3ھەرقانداق ئىشتا شەخسىيەتچىلىك ۋە قۇرۇق شۆھرەتكە بېرىلمەڭلار. ئەكسىچە، كەمتەر بولۇپ، باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن ئۈستۈن كۆرۈڭلار. 4ئۆز مەنپەئىتىڭلارنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنىمۇ ئويلاڭلار. 5ئوي-پىكرىڭلاردا ئەيسا مەسىھتەك بولۇڭلار:

6ئۇ تەبىئىتى جەھەتتە خۇدا بولسىمۇ،

خۇدا بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇشۇم كېرەك، دېمىدى.

7ئەكسىچە، ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇ ئورۇندىن ۋاز كېچىپ،

ئىنسان تېنىدە كېلىپ، ئۆزىنى قۇلدەك تۇتتى.

8ئۇ ئىنسان قىياپىتىدە ياشاپ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ،

تاكى ئۆلگۈچە خۇداغا ئىتائەتمەن بولدى.

ئۇ ھەتتا كرېستكە مىخلانغاندىمۇ شۇنداق قىلدى.

9شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خۇدا ئۇنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈپ،

ئۇنىڭغا ھەممىدىن ئۈستۈن نام-شۆھرەتنى بەردى.

10شۇڭا، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇدات

ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ،

11ئۇنى رەببىم دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن، خۇدائاتىمىز ئۇلۇغلىنىدۇ.

ئالەمدە يورۇقلۇق بولۇڭلار

12شۇڭلاشقا، ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مەن ئاراڭلاردىكى ۋاقتىمدا ھەمىشە سۆزۈمنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، سىلەردىن ئايرىلغان مۇشۇ ۋاقىتلاردىمۇ سۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلاڭلار. خۇدادىن قورقۇپ ۋە ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ، خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزغاندا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتنى تۇرمۇشۇڭلارغا تەتبىقلاشقا تىرىشىڭلار. 13چۈنكى، خۇدا سىلەرنى ئۆزگەرتىپ، سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئارزۇ ھەم كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ.

14ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ئاغرىنماڭلار، تاكاللاشماڭلار. 15-16مۇشۇنداق بولغاندا، ھېچكىم سىلەرنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ. سىلەرمۇ بۇ چىرىكلىشىپ، رەزىللىشىپ كەتكەن ئىنسانلار ئارىسىدا خۇدانىڭ قۇسۇرسىز، پاك پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر ھەمدە ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگىنىڭلاردا، بۇ زۇلمەتلىك دۇنيادا خۇددى چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارغا ئوخشاش چاقناپ تۇرىسىلەر. مانا شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پۈتۈن خىزمىتىم ۋە ئەجرىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن پەخىرلىنەلەيمەن. 17سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلار ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلار خۇداغا ئاتالغان قۇربانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەن ئىسسىق قېنىمنى سىلەرنىڭ بۇ قۇربانلىقىڭلار ئۈستىگە چاچسام، يەنى سىلەر ئۈچۈن ئۆلسەم، خۇرسەن بولىمەن ھەمدە سىلەر بىلەن بىللە شادلىققا چۆمىمەن. 18شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ خۇرسەن بولۇڭلار ھەمدە مەن بىلەن بىللە شادلىققا چۆمۈڭلار.

تىموتىي ۋە ئېپافرودىت

19رەببىمىز ئەيسا خالىسا، تىموتىينى يېقىندا يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۆزئارا ئەھۋالىمىزنى ئۇقۇشۇپ، كۆڭلىمىز ئارام تاپىدۇ. 20ھازىر مېنىڭ يېنىمدا تىموتىيدىن باشقا ماڭا ئوخشاش سىلەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم يوق. 21باشقىلار ئۆز ئىشلىرىنىلا ئويلاپ، ئەيسا مەسىھنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. 22سىلەرگە مەلۇمكى، تىموتىي ئۆزىنىڭ ياخشى بىر ياردەمچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ خۇددى ئوغۇلنىڭ ئاتىسىغا ياردەم قىلغىنىغا ئوخشاش، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش يولىدا مەن بىلەن بىللە ئىشلىدى. 23شۇڭا، مەن زىنداندىن چىقىش ئىشىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەن ھامان، ئۇنى دەرھال يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. 24رەببىمىزگە بولغان ئىشەنچىم كامىلكى، پات ئارىدا ئۆزۈممۇ يېنىڭلارغا بارىمەن.

25مەن ياردەمگە موھتاج بولۇپ تۇرغان ۋاقتىمدا، سىلەر ماڭا ئۇچۇرچى ئېپافرودىتنى ئەۋەتتىڭلار. ھازىر مەن ئۇنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم. ئۇ مەن بىلەن خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان قېرىندىشىم ھەم خىزمەتدىشىمدۇر. 26ئۇ ھەممىڭلارنى سېغىندى ھەمدە ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىڭلار ئۈچۈن بىئارام بولدى. 27دەرۋەقە، ئۇ راستتىنلا كېسەل بولۇپ قېلىپ، ئۆلۈپ كېتىشكە تاس قالغانىدى. لېكىن، ئۇ ئۆلمىدى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى. خۇدا يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، دەرد ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ، ماڭىمۇ رەھىم قىلدى. 28مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ خۇرسەن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۇنى تېزلا يولغا سالماقچىمەن. شۇنداق قىلسام، مەن سىلەردىن كۆپ ئەنسىرمەيدىغان بولىمەن. 29شۇڭا، ئۇنى قېرىندىشىڭلارنى كۈتۈۋالغاندەك خۇشال-خۇراملىق بىلەن كۈتۈۋالغايسىلەر ھەمدە بۇنداق كىشىلەرنى ھۆرمەتلىگەيسىلەر. 30چۈنكى، ئۇ ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، سىلەر ماڭا قىلالمىغان ياردەمنى قىلىمەن دەپ، ئۆلۈشكە تاس قالغانىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى