« زەبۇر »

108

داۋۇت يازغان مۇڭلۇق مۇناجات

1ئىشەنچىم كامىلدۇر ساڭا، ئى خۇدا!

پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەدھىيە ئوقۇيمەن ناخشامدا.

2ئەي لىرا،* چىلتار ئويغان ئەمدى،

قەسىدە ئوقۇپ ئويغىتايلى تاڭنى.

3ئى پەرۋەردىگار، شۈكۈرلەر ئېيتىپ ساڭا،

كۈيلەيمەن سېنى خەلقلەر، يات ئەللەر ئارا.

4چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئاسماندىن بىپايان،

ساداقىتىڭ شۇنچە مولدۇر، بۇلۇتلارغا تاقاشقان.

5ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقۇڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە،

شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە.

6دۇئايىمنى قىلىپ ئىجابەت، قۇتقۇز بىزنى ئوڭ قولۇڭدا،

ئۆزۈڭ سۆيگەن بەندىلىرىڭ نىجاتلىق تاپار شۇندا.

7خۇدا مۇنداق دېدى ئۆز مۇقەددەسلىكى بىلەن:

«شادلىقتا خەلقىمگە بۆلۈپ بېرىمەن شەكەم دىيارىنى،

تەقسىم قىلىپ بېرىمەن سۇككوت ۋادىسىنى.

8گىلئاد رايونى مەنسۇپتۇر ماڭا،

ماناسسەمۇ ھەم تەئەللۇق ماڭا.

ئەفرايىم _ بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر،

يەھۇدا مېنىڭ سەلتەنەت ھاسامدۇر.

9پۇت يۇيىدىغان قاچىدۇر موئاب ماڭا،

چورۇقۇمنى تاشلايمەن ئىدومغا.

چۇقان سالىمەن،

فىلىستىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىمغا.»*

10كىم مېنى ئىدومغا زەپەر بىلەن باشلاپ كىرەر؟

كىم مېنى ئۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ بارار؟

11ئى خۇدا، بىزدىن ۋاز كەچتىڭمۇ؟

بىز بىلەن بىرگە بولمىدىڭ جەڭدىمۇ؟

12دۈشمەنگە قارشى بىزگە بول ياردەمدە،

بىھۇدىدۇر زەپەر قازىنىش ئىنساننىڭ ياردىمىدە.

13خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن جەڭ قىلىمىز باتۇرلارچە،

ئىگەم ئۆزى دەسسەپ چەيلەر دۈشمىنىمىز تۈگىگۈچە.



*2لىرا _ قەدىمكى بىر خىل تارلىق چالغۇ ئەسۋاب.

*98-، 9-ئايەتلەردىكى ناملار، يەرنىڭ ناملىرى بولۇپ، بۇ ئايەتلەرنىڭ ئومۇمىي مەنىسى خۇدا پۈتكۈل دۇنياغا ھۆكۈمراندۇر، ۋە بارچە خەلقلەر قەيەردە بولسىمۇ، ھەممىسى خۇداغا مەنسۇپتۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى