« زەبۇر »

135

1-2ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا،

مەدھىيەلەر ئېيتىڭلار ئۇنىڭ نامىغا.

ئەي پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلار،

ئۇنىڭ ئۆيىدە ئىبادەتتە بولىدىغانلار،

ئىگىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا تۇرىدىغانلار،

مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار ئۇنىڭغا.

3مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى،

چۈنكى شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار.

كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار ئۇنىڭ نامىنى،

چۈنكى ئۇنى كۈيلىمەك بىزنى شاد قىلار.

4پەرۋەردىگار تاللىۋالدى ياقۇپ قوۋمىنى،

ئۆزىگە تەۋە قىلىپ ئىسرائىللارنى.

5بىلىمەن، بەرھەق پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر،

رەببىمىز غەيرىي ئىلاھلاردىن* ئۈستۈندۇر.

6ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان، چوڭقۇرلۇقلاردا،

نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلار خۇدا.

7ئۇ، زېمىننىڭ تۆت تەرىپىدىن ئەكېلىپ بۇلۇتلارنى،

يامغۇر ياغدۇرۇپ ھەم چاقتۇرۇپ چاقماقلارنى،

كۇھىقاپلىرىدىن ئېلىپ چىقار شاماللارنى.

8ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ ھالاك قىلدى تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى،

يەنى ھالاك قىلدى ئادەم ۋە ماللارنىڭ تۇنجىلىرىنى.

9ئۇ مىسىردا كۆرسەتتى مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىنى،

جازالىدى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىنى.

10ۋەيران قىلدى ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى،

ئۆلتۈردى قۇدرەتلىك پادىشاھلارنى.

11ئۆرۈۋەتتى ئۇ ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى،

باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى،

ھەتتا كەنئاندىكى بارلىق پادىشاھلارنى.

12ئۇلارنىڭ زېمىنىنى بەردى ئۆز قوۋمىغا،

ئاتا قىلدى ئۇلارنى ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا.

13ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتۇلمايدۇ سېنىڭ نامىڭ،

ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە دەۋر سۈرەر شۆھرىتىڭ.

14خۇدا «گۇناھسىز» دەپ جاكارلار ئۆز قوۋمىنى،

كۆرسىتەر ئۇنىڭ قۇللىرىغا ئۆز رەھىمىنى.

15ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتۇر يات ئەللەرنىڭ بۇتلىرى،

ياسىغاندۇر ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ قوللىرى.

16ئۇلارنىڭ ئاغزى بار سۆزلىيەلمەس،

كۆزلىرى بار كۆرەلمەس.

17قۇلاقلىرى بار ئاڭلىماس،

ئاغزىدا يوقتۇر نەپەس.

18بۇتلارنى ياسىغانلار، ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار،

ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاپ قالار.

19ئەي ئىسرائىل جەمەتى، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،

ئەي ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار.

20ئەي لاۋىي جەمەتى، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،

ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار.

21پەرۋەردىگار تۇرار يېرۇسالېمدا،

ھەمدۇسانا ئېيتىلسۇن سىئوندا،

ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ئۇنىڭغا.



*5ئىلاھلار _ بۇ يەردە ئېيتىلغان «ئىلاھلار» دۇنيادىكى ھەر خىل خەلقلەر ئىشىنىدىغان يالغان ئىلاھلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى