« زەبۇر »

60

داۋۇت يازغان تەربىيەۋى قىممەتكە ئىگە بىر مىقتام بولۇپ، «گۇۋاھلىق نېلۇپەرى» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلغان. ئۇشبۇ مىقتام داۋۇت ئاررام-ناخارايىم ۋە ئاررام-زوباھلىقلار بىلەن جەڭ قىلغاندىن كېيىن، ھەمدە لەشكەر بېشى يوئاب تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن ئون ئىككى مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن يېزىلغان.

1ئى خۇدا، يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭ رەت قىلىپ بىزنى،

غەزەپلەندىڭ، ئەمدى قايتۇر يېنىڭغا ھەممىمىزنى.

2سەن تەۋرىتىپ ئېچىۋەتتىڭ يەر-زېمىننى،

مانا سىلكىنمەكتە يەر، ئوڭشا ئۇنى.

3ئى خۇدا، ئازاب سالدىڭ ئۆز خەلقىڭگە،

جازا شارابىنى ئىچكۈزدىڭ بىزگە.

4ئەمما تىكلىدىڭ بەلگە تۇغى ساڭا ئىخلاسى بارلارغا،

پاناھلانغاي دەپ ياۋ ئوقيالىرىدىن قېچىپ ئۇنىڭغا. سېلاھ

5ئوڭ قولۇڭدا قۇتقۇز بىزنى قىلىپ بىزگە ئىجابەت،

ئۆزۈڭ سۆيگەن بەندىلىرىڭ تاپسۇن شۇندا نىجات.

6خۇدا شۇنداق دەيدۇ ئۆز مۇقەددەسلىكى بىلەن:

«شادلىقتا خەلقىمگە بۆلۈپ بېرىمەن شەكەم دىيارىنى،

تەقسىم قىلىپ بېرىمەن سۇككوت ۋادىسىنى.

7گىلئاد رايونى مەنسۇپتۇر ماڭا،

ماناسسەمۇ ھەم تەئەللۇق ماڭا.

ئەفرايىم _ بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر،

يەھۇدا مېنىڭ سەلتەنەت ھاسامدۇر.

8پۇت يۇيىدىغان قاچىدۇر موئاب ماڭا،

چورۇقۇمنى تاشلايمەن ئىدومغا.

چۇقان سالىمەن،

فىلىستىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىمغا.»*

9كىم مېنى ئىدومغا زەپەر بىلەن باشلاپ كىرەر،

كىم مېنى ئۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ بارار؟

10ئى خۇدا، بىزدىن ۋاز كەچتىڭمۇ؟

بىز بىلەن بىرگە بولمىدىڭ جەڭدىمۇ.

11دۈشمەنگە قارشى بىزگە بول ياردەمدە،

بىھۇدىدۇر زەپەر قازىنىش ئىنساننىڭ ياردىمىدە.

12خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن كۈرەش قىلىمىز باتۇرلارچە،

ئىگەم ئۆزى مەغلۇپ قىلار دۈشمىنىمىز تۈگىگۈچە.



*87-، 8-ئايەتلەردىكى ناملار، يەرنىڭ ناملىرى بولۇپ، بۇ ئايەتلەرنىڭ ئومۇمىي مەنىسى خۇدا پۈتكۈل دۇنياغا ھۆكۈمراندۇر، ۋە بارچە خەلقلەر قەيەردە بولسىمۇ، ھەممىسى خۇداغا مەنسۇپتۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى