«مۇقەددەس كىتاب» نىڭ كىرىش سۆزى


ھۆرمەتلىك تورداش:
سىز «تەۋرات»، «زەبۇر» ۋە «ئىنجىل» دىن تەركىب تاپقان «مۇقەددەس كىتاب» ھەققىدە ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. «مۇقەددەس كىتاب» بارلىق ئىنسانلارغا ياراتقۇچى خۇدا تەرىپىدىن بېرىلگەندۇر.
«مۇقەددەس كىتاب» «كونا ئەھدە» ۋە «يېڭى ئەھدە» دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. 39 سۈرىدىن تەشكىل تاپقان «كونا ئەھدە» مۇسا ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن «تەۋرات» تىن ئىبارەت بەش سۈرە، شۇنىڭدەك داۋۇت ئەلەيھىسسالامدىكى «زەبۇر» ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«يېڭى ئەھدە» دەپمۇ ئاتالغان «ئىنجىل» بولسا ئەيسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ 27 سۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەزكۇر تور بېتىدىكى تولۇق «ئىنجىل» نى مەزمۇن جەھەتتىن ئۈچكە بۆلۈشكە بولىدۇ:
1. «مەتتا»، «ماركۇس»، «لۇقا» ۋە «يۇھاننا» دىن ئىبارەت بۇ تۆت سۈرىدە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھاياتى، تەلىملىرى ۋە مۆجىزىلىرى بايان قىلىنىدۇ.
2. «ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى» دە ئەيسا ئەلەھىسسالامنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش جەريانى بايان قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولغانلىقىدىن ئۇلارنىڭمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئوخشاش مۆجىزىلەرنى ياراتقانلىقى ھەمدە ھەرقانداق قىيىن ئەھۋال ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، قەيسەرلىك بىلەن كىشىلەرنى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلىگەنلىكى، نەتىجىدە ئېتىقادچىلار سانىنىڭ زور كۆپىيىپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىنىڭمۇ مەيدانغا كەلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
3. «ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ يازمىلىرى» ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ يېڭى قۇرۇلغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە يازغان خەتلىرى بولۇپ، بۇ خەتلەردە ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش يولىنىڭ نېگىزى چۈشەندۈرۈلىدۇ ھەمدە ئېتىقادچىلارغا نەسىھەت، رىغبەت ۋە تەسەللى بېرىلىدۇ.
«مۇقەددەس كىتاب» دۇنيادا سېتىلىش سانى ئەڭ كۆپ بولغان كىتاب بولۇپ، تۆت يۈزدىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. «ئىنجىل» نىڭ ئۆزىلا مىڭدىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. «مۇقەددەس كىتاب» نىڭ بىرىنچى تۈركچە نۇسخىسى 1666-يىلى تۈركىيىنىڭ سۇلتانى مەھمەتنىڭ تەرجىمانى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان. ئەڭ يېڭى نۇسخىسى بولسا 2001-يىلى نەشردىن چىققان. ئۇشبۇ كىتابنىڭ ئاخىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، «ئىنجىل» نىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغىنىغا كەم دېگەندىمۇ مىڭ يىل بولغان بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا تۇرپان ۋە باشقا قەدىمىي شەھەرلەردىن تېپىلغان يادىكارلىقلار بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. «ئىنجىل» نىڭ 20-ئەسىردىكى بىرىنچى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 1914-يىلى، «مۇقەددەس كىتاب» نىڭ تولۇق ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 1950-يىلى نەشر قىلىنغان.
«ئىنجىل» تەخمىنەن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن قەدىمكى گرېك تىلىدا يېزىلغان بولسا، «تەۋرات» نىڭ كۆپ قىسمى ئۇنىڭدىنمۇ كونا بولغان ئىبرانىي تىلىدا يېزىلغان. شۇڭا، ئۇلارنى تەرجىمە قىلىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. ئەينى چاغدىكى تىللارنى بۈگۈنكى تىلىمىزغا توغرا، راۋان ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىش تەرجىمانلاردىن زور ئەمگەك ۋە ئالاھىدە مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. مەزكۇر تور بېتىدىكى بۇ كىتابلار يالغۇز بىر كىشىنىڭ ئەمەس، بەلكى بىرقانچە كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق ئىزدىنىشى، چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقتى. «ئىنجىل» ئەسلىدە ئەدەبىي گرېك تىلىدا ئەمەس، بەلكى ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان ئاممىباب گرېك تىلىدا يېزىلغان. شۇ سەۋەبتىن، تەرجىمانلار «ئىنجىل» نىڭ ئەينى تىلىغا سادىق بولۇش ئۈچۈن، ھازىرقى زامان ئاممىباب ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىشقا تىرىشتى.
خۇدا «مۇقەددەس كىتاب» ئارقىلىق ئۆزىنى ئىنسانلارغا نامايان قىلىپ، ئۇلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە قۇتقۇزۇش پىلانىنى كۆرسەتكەن. بىز كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئاتا قىلغان قۇتقۇزۇلۇش يولىنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى