خۇدا مۇتلەق پاك-مۇقەددەستۇر

« زەبۇر » 11- مۇناجات

4پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەرشتىدۇر،

ئۇ تۇرار مۇقەددەس دەرگاھىدا.

كۆزىتىپ تۇرار ئۇ ھەممە ئىنسانلارنى،

دىققەت بىلەن تىكىلگەندۇر كۆزلىرى ئىنسانلارغا.

5پەرۋەردىگار كۆزىتەر ھەققانىي ۋە رەزىللەرنى،

ئۆچ كۆرەر زوراۋانلىققا مەپتۇنلارنى. [داۋامى]

« زەبۇر » 15- مۇناجات

1ئى پەرۋەردىگار، كىم كىرەلەر مۇقەددەس چېدىرىڭغا،

كىم ساڭا ئىبادەت قىلالار مۇقەددەس سىئون تېغىڭدا؟

2ئىبادەت قىلالار ئۇ يەردە:

توغرا يولدا ماڭىدىغانلار،

ھەققانىي ئىش قىلىدىغانلار،

ھەقىقەتنى چىن دىلىدىن سۆزلەيدىغانلار،

3باشقىلارغا قارا چاپلىمايدىغانلار،

دوستىغا يامانلىق قىلمايدىغانلار،

قوشنىسىغا ھاقارەت قىلمايدىغانلار.

4پەسكەشلەردىن يىرگىنىدىغانلار،

تەقۋادارلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلار،

زىيان تارتسىمۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلار.

5جازانىغا پۇل قەرز بەرمەيدىغانلار،

پارا يەپ بىگۇناھقا زىيان سالمايدىغانلار،

مەڭگۈ تەۋرەنمەستۇر مانا بۇلار. [داۋامى]

« زەبۇر » 33- مۇناجات

4چۈنكى، ھەقىقەتتۇر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى،

ساداقەتلىكتۇر ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 3- باب

4مۇسانىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى كۆرگەن پەرۋەردىگار تىكەنلىكنىڭ ئىچىدىن:

_ مۇسا! مۇسا! _ دەپ توۋلىدى.

_ مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا.

5خۇدا ئۇنىڭغا:

_ بۇ يەرگە يېقىن كەلمە، چورۇقلىرىڭنى سالغىن. چۈنكى، سەن تۇرۇۋاتقان يەر مۇقەددەستۇر. 6مەن سېنىڭ ئاتاڭ، شۇنداقلا ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن، _ دېدى.

بۇنى ئاڭلىغان مۇسا خۇداغا قاراشقا پېتىنالماي، يۈزىنى ئېتىۋالدى. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 5- باب

16بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئادىل ھۆكۈمى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ،

مۇقەددەس خۇدا ئۆزىنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق مۇقەددەسلىكىنى نامايان قىلىدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 6- باب

3ئۇلار بىر-بىرىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:

«مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار!

پۈتكۈل يەر-زېمىن تولغاندۇر ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 57- باب

15ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت،

نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن،

ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن،

كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن،

توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 52- باب

10پەرۋەردىگار پۈتكۈل ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا،

ئۆزىنىڭ مۇقەددەس، قۇدرەتلىك قولىنى كۆرسىتىدۇ.

يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە

ھەممە ئادەم خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆرەلەيدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 40- باب

25مۇقەددەس خۇدا: «سىلەر كىمنى مەن بىلەن سېلىشتۇرالايسىلەر،

كىم مەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟» دەپ سورايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 12- باب

14كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك ياشاشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى، پاك ياشىمىغان كىشى رەبكە يېقىنلىشالمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 1- باب

14خۇدانىڭ ئىتائەتمەن پەرزەنتلىرىدىن بولۇڭلار. ئەيسا مەسىھنى تونۇمىغان چاغلىرىڭلاردىكىدەك بولمىغۇر ھەۋەسلەرگە بېرىلمەڭلار. 15ئەكسىچە، ھەممە ئىشلىرىڭلاردا پاك بولۇڭلار، چۈنكى سىلەرنى چاقىرغان خۇدا پاكتۇر. 16خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن پاكتۇرمەن» دېگەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 4- باب

8تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنى، ھەتتا قانات ئاستىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز تىنماي مۇنداق دېيىشەتتى:

«مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر،

ئەزەلدىن بار بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچى

ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!» [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 15- باب

4ئى پەرۋەردىگار، سەندىن قورقمايدىغان كىم بار،

نامىڭنى مەدھىيىلىمەيدىغان؟

چۈنكى، يېگانە مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن.

كېلىپ پۈتكۈل خەلقلەر،

ساڭا سەجدە قىلغۇسى.

چۈنكى، ئاشكارا بولغاچ

قىلغانلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى.» [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى