ھەقىقىي پاكلىق ھەققىدە

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 15- باب

10ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا:

_ قۇلاق سېلىڭلار ھەم شۇنى چۈشىنىڭلاركى، 11ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئاغزىدىن كىرىدىغىنى ئەمەس، بەلكى ئاغزىدىن چىقىدىغىنىدۇر، _ دېدى.

12كېيىن، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز پەرىسىيلەرنىڭ چىشىغا تەگكەنلىكىنى بىلدىڭىزمۇ، _ دېدى.

13ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ ئەرشتىكى ئاتام تىكمىگەن ھەرقانداق ئۆسۈملۈك يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىدۇ. 14ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار قارىغۇلارغا يول باشلايدىغان قارىغۇلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.

15پېترۇس:

_ بايا ئېيتقان ناپاكلىق توغرىسىدىكى تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەيسىز، _ دېدى.

16_ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، 17_ ئېغىزغا كىرگەن نەرسىلەرنىڭ ئاشقازان ئارقىلىق تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەمسىلەر؟ 18لېكىن، ئېغىزدىن چىقىدىغىنى قەلبتىن چىقىدۇ. ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنىمۇ شۇ. 19چۈنكى، يامان نىيەت، قاتىللىق، زىناخورلۇق، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەتخورلۇق قاتارلىق گۇناھلارنىڭ ھەممىسى قەلبتىن چىقىدۇ. 20ئىنساننى مانا شۇلار ناپاك قىلىدۇ. يۇيۇلمىغان قوللار بىلەن تائام يېيىش بولسا ئىنساننى ناپاك قىلمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 8- باب

2ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ:

_ تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن ساقايتىپ پاك قىلغايسىز! _ دېدى. 3ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:

_ خالايمەن، پاك بولغىن، _ دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ماخاۋ كېسىلى شۇئان ساقايدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 23- باب

25ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر تېشىلا پاكىز يۇيۇلغان چىنە-قاچىلارغا ئوخشايسىلەر. قوللىرىڭلارنى ياخشى يۇيىسىلەر، بىراق ئىچىڭلار ئاچكۆزلۈك ۋە شەخسىيەتچىلىك بىلەن تولغان. 26ئەي قارىغۇ پەرىسىيلەر! ئاۋۋال چىنە-قاچىنىڭ ئىچىنى پاكلاڭلار، شۇنداقتا تېشىمۇ پاك بولىدۇ.

27ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئاقارتىپ قويۇلغان، سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، لېكىن ئىچى ئۆلۈك ئۇستىخان ۋە ھەر خىل چىرىغان نەرسىلەرگە تولغان قەبرىلەرگە ئوخشايسىلەر. 28تېشىڭلاردىن كىشىلەرگە دۇرۇس ئادەملەردەك كۆرۈنىسىلەر، لېكىن ئىچىڭلار ساختىپەزلىك ۋە يامانلىق بىلەن تولغان. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

37ھەزرىتى ئەيسا سۆزلىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر پەرىسىي ئۇنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ، داستىخاندا ئولتۇردى. 38ھېلىقى پەرىسىي ئۇنىڭ تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇيۇش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى. 39ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ سىلەر پەرىسىيلەر تېشىلا پاكىز يۇيۇلغان چىنە-قاچىلارغا ئوخشايسىلەر. قوللىرىڭلارنى ياخشى يۇيىسىلەر، بىراق ئىچىڭلار ئاچكۆزلۈك ۋە يامانلىق بىلەن تولغان. 40ئەي نادانلار، تېشىنى ياراتقان خۇدا ئىچىگىمۇ قاراپ ھېساب ئالماسمۇ؟! 41شۇڭا، كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزۈڭلار ئاچكۆزلۈك بىلەن بېسىپ ياتقان تەئەللۇقاتلىرىڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بېرىڭلار. شۇ چاغدىلا، ئىچىڭلار ھەم تېشىڭلار پاك بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 15- باب

3سىلەر پۇتالغان شاخلارغا ئوخشاش بولۇپ، مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن پاك بولدۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 14- باب

13شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر-بىرىڭلارنى ئەيىبلەشنى توختىتىڭلار. قېرىندىشىڭلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپ، ئۇلارنى گۇناھقا يىقىتىشقا سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق ئىش قىلماسلىقنى قارار قىلىڭلار. 14رەببىمىز ئەيساغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، مەن شۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشىنىمەنكى، ھەرقانداق يېمەكلىكنىڭ ئۆزى ھارام ئەمەستۇر. لېكىن، مەلۇم يېمەكلىكنى ھارام دەپ قارىغان كىشى ئۈچۈن، ئۇ يېمەكلىك ھارامدۇر. 15ئەگەر سىلەر يېمەكلىكىڭلار سەۋەبىدىن ئېتىقادى ئاجىز بولغان قېرىندىشىڭلارنى ئۆز ۋىجدانى كۆتۈرمەيدىغان ئىشلارغا دەۋەت قىلساڭلار، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا ماڭمىغان بولىسىلەر. سىلەر بۇ قېرىندىشىڭلارنى يېمەكلىك سەۋەبىدىن نابۇت قىلماڭلار. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان. 16ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلار ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلغاندا باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىساڭلار، ئۇنداقتا بۇنداق ئىشلارنى قىلماڭلار! 17چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېمەك-ئىچمەك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ ياشاش ئەمەس، بەلكى ھەققانىيلىق، ئىناقلىق ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە ياشاش مۇھىمدۇر. 18مۇنداق ياشاش بىلەن ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغان كىشى خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ.

19شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەيدىغان ئىشلارغا ئاتايلى. 20يېمەكلىك سەۋەبىدىن، خۇدانىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى بۇزمايلى. ئەلۋەتتە، ھەممە يېمەكلىك ھالالدۇر. بىراق، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يېمەكلىكى سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالسا، بۇ دۇرۇس بولمايدۇ. 21شۇنىڭ ئۈچۈن، گۆش يېيىش، شاراب ئىچىش، شۇنداقلا باشقا ئىشلارنى قىلىشىڭلار قېرىندىشىڭلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولسا، بۇلارنى قىلمىغىنىڭلار تۈزۈك. 22سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدا بولسۇن. ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلمىغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! 23لېكىن، بىرەر يېمەكلىككە شەك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، يەنە شۇ يېمەكلىكنى يېگەن كىشى ۋىجدانىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزى يېگەن يېمەكلىكنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىدى. توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ يوق ھالدا قىلىنغان ھەرقانداق ئىش گۇناھتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 10- باب

19شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ئەرشتىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا يۈرىكىمىز توق ھالدا كىرەلەيمىز. 20چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىنىڭ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق ئەرشتىكى ئىبادەتخانا پەردىسىدىن ئۆتۈپ، بىزدىن ئاۋۋال ئۇ يەرگە كىرگەن بولۇپ، ئۇ ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يېڭى بىر يولنى بىزگە ئېچىپ بەردى. 21خۇدانىڭ ئائىلىسىگە، يەنى ئېتىقاچىلار جامائەتچىلىكىگە مەسئۇل بىر باش روھانىيىمىز بولغان ئىكەن، 22مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى. چۈنكى، دىللىرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىنىڭ سېپىلىشى بىلەن ۋىجدان ئازابىدىن خالاس بولغان ۋە بەدىنىمىز پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك پاكلانغان. 23باشقىلار ئالدىدا ئېتىراپ قىلغان ئۈمىدىمىزدە ئىككىلەنمەي چىڭ تۇرايلى. چۈنكى، ۋەدە بەرگۈچى خۇدا ئىشەنچلىكتۇر. 24مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە ياخشى ئىش قىلىش ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى قانداق رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى. 25بەزىلەردەك، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە جەم بولۇش ۋە خۇداغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايلى. ئەكسىچە، دائىم جەم بولۇپ، بىر-بىرىمىزنى ئىلھاملاندۇرايلى. بولۇپمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەنىكەنمىز، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى