مۇسا ئەلەيھىسسالام

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 2- باب

1ئىسرائىللارنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىكى بىر كىشى ئۆز قەبىلىسىدىن بولغان بىرسىگە نىكاھلاندى. 2ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا بوۋاقنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇن ساقلىدى. 3ئۇ بالىنى زادى يوشۇرالمايدىغان يەرگە كەلگەندە، قومۇشتىن بىر سېۋەت توقۇپ، ئۇنى موم ۋە لاي بىلەن سۇۋاپ، سۇ ئۆتمەس قىلدى ۋە بالىنى سېۋەتكە سېلىپ، ئاندىن سېۋەتنى نىل دەرياسى بويىدىكى قومۇشلۇققا ئاپىرىپ، يوشۇرۇنچە سۇغا قويۇۋەتتى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 2- باب

10بالا خېلى چوڭ بولغاندا، ئانىسى ئۇنى مەلىكىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. مەلىكە ئۇنى ئۆز ئوغلى قىلىپ بېقىۋالدى ۋە «مەن ئۇنى سۇدىن تارتىپ چىقىرىۋالغان» دەپ، ئۇنىڭغا مۇسا [ئىبرانىي تىلىدىكى «تارتىپ چىقىرىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى.

11مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئىبرانىي قېرىنداشلىرىنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئارىدا، ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 12ئەتراپىغا قاراپ «باشقا ئادەم يوققۇ» دەپ ئويلاپ، ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكىنى قۇمغا كۆمۈۋەتتى. 13ئەتىسى، مۇسا يەنە سىرتقا چىقىپ، ئىككى ئىسرائىلنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ يولسىزلىق قىلغان بىرىگە:

_ نېمىشقا ئۆز قېرىندىشىڭنى ئۇرىسەن؟ _ دېدى.

14ھېلىقى كىشى:

_ كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟ سەن ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ _ دېدى. مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ قالدى. ئۇ ئىچىدە «مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى باشقىلار جەزمەن بىلىپ قاپتۇ» دەپ ئويلىدى.

15پادىشاھ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. بىراق، مۇسا ئۇنىڭدىن قېچىپ، مىديان دېگەن دۆلەتكە باردى.

بىر كۈنى، ئۇ بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 3- باب

4مۇسانىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى كۆرگەن پەرۋەردىگار تىكەنلىكنىڭ ئىچىدىن:

_ مۇسا! مۇسا! _ دەپ توۋلىدى.

_ مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 3- باب

7پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. 8شۇڭا، مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىپايان مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشتۈم. ئۇ يەر كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىدۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 3- باب

14خۇدا مۇنداق دېدى:

_ مەن «مەڭگۈ بار بولغۇچى»دۇرمەن. سەن بېرىپ، ئۇلارغا: «مېنى سىلەرگە ‹مەڭگۈ بار بولغۇچى› ئەۋەتتى» دېگىن. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 14- باب

31ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ زور قۇدرىتى بىلەن مىسىرلىقلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قورقتى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەندى. ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇساغىمۇ ئىشەندى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 34- باب

28مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ يېنىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇرۇپ، ھېچ نەرسە يېمىدى ھەم ئىچمىدى. پەرۋەردىگار ئەھدىنىڭ ئاساسى بولغان ئون پەرزنى ئىككى تاش تاختىغا يېزىپ بەردى.

29مۇسا پەرزلەر يېزىلغان تاش تاختىلارنى ئېلىپ تاغدىن چۈشكىنىدە، پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چىرايى پارقىراپ كەتكەنىدى. بىراق، ئۆزى بۇنى بىلمەيتتى. 30ھارۇن ۋە باشقا ئىسرائىللار مۇسانىڭ چىرايىدىكى نۇرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يېقىن كېلىشتىن قورقۇشتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 9- باب

29ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ يۈزى ئۆزگەردى. كىيىملىرى ئاپئاق بولۇپ، چاقماقتەك چاقنىدى. 30توساتتىن، مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئىلياس پەيغەمبەر پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 7- باب

20مۇسا پەيغەمبەر مانا شۇ چاغلاردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە بالا ئىدى. ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۆيدە ئۈچ ئاي باققاندىن كېيىن، 21سىرتقا تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى. بىراق، پادىشاھنىڭ قىزى ئۇنى قۇتقۇزۇپ، ئۆز ئوغلى قىلىپ چوڭ قىلدى. 22مۇسا پەيغەمبەر مىسىرلىقلارنىڭ ئالىي بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلىنىپ، سۆز قابىلىيىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم بولۇپ چىقتى.

23ئۇ قىرىق ياشلارغا كىرگەندە، ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قارارىغا كەلدى. 24ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ بىر يەھۇدىي قۇلنى سەۋەبسىزلا بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى قوغداپ، يولسىزلىق قىلغان مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بەردى. 25ئۇ، خۇدانىڭ مەن ئارقىلىق يەھۇدىيلارنى قۇتقۇزىدىغانلىقىنى يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم چۈشىنىدىغۇ دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن، ئۇلار بۇنى چۈشەنمىدى. 26ئەتىسى، مۇسا پەيغەمبەر ئىككى يەھۇدىي قېرىنداشنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ياراشتۇرماقچى بولۇپ: «سىلەر قېرىنداش تۇرۇپ، نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا يولسىزلىق قىلىسىلەر؟» دېدى.

27قېرىندىشىنى بوزەك قىلغان كىشى مۇسا پەيغەمبەرنى ئىتتىرىۋېتىپ: «كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟ 28مېنىمۇ تۈنۈگۈنكى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟» دېدى. 29مۇسا پەيغەمبەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، بۇ ئىشنى باشقىلارمۇ بىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قورقۇپ، مىسىردىن مىديان رايونىغا قېچىپ باردى ۋە ئۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قېلىپ، ئىككى ئوغۇلغا ئاتا بولدى.

30قىرىق يىلدىن كېيىن، مۇسا پەيغەمبەرگە سىناي تېغىنىڭ يېنىدىكى چۆلدە كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكنىڭ ئوت يالقۇنىدا بىر پەرىشتە كۆرۈندى. 31بۇ ھالنى كۆرگەن مۇسا پەيغەمبەر ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، تېگى-تەكتىنى بىلىش ئۈچۈن تىكەنلىكنىڭ يېنىغا باردى. بۇ چاغدا، ئۇ خۇدانىڭ: 32«مەن سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى. مۇسا پەيغەمبەر قورقۇنچتا تىترەپ، قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. 33خۇدا ئۇنىڭغا يەنە: «سەن تۇرۇۋاتقان يەر مۇقەددەستۇر. شۇڭا، ئايىغىڭنى سېلىۋەت! 34مەن مىسىردىكى بەندىلىرىمنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ھەقىقەتەن ئاڭلىدىم. شۇڭا، مەن ئۇلارنى قۇتقۇزغىلى چۈشتۈم. ئەمدى بارغىن. مەن سېنى مىسىرغا ئەۋەتەي!» دېدى.

35مانا شۇ مۇسا پەيغەمبەرنى ھېلىقى يەھۇدىيلار: «كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟» دەپ رەت قىلغانىدى. لېكىن، مۇسا پەيغەمبەرگە خۇدانىڭ پەرىشتىسى كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكتە كۆرۈنۈپ: «ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىسەن» دەپ، ئۇنى مىسىرغا ئەۋەتتى. 36ئەنە شۇ مۇسا پەيغەمبەر خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى مىسىردىن چىقارغانىدى ھەمدە مىسىردا قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن شۇ چۆللەردە غايەت زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنىدى. 37شۇ مۇسا پەيغەمبەر ئۆزى ئۇلارغا: «خۇدا قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تىكلەيدۇ» دېگەنىدى. 38ئۇ چۆللەردە ئەجدادلىرىمىزغا باشچىلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، سىناي تېغىدا خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈنۈپ، سۆز قىلدى. مۇسا پەيغەمبەر ھاياتلىق بەخش ئېتىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئەجدادلىرىمىزغا ۋە ئۇلار ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزدى.

39شۇنداق بولسىمۇ، ئەجدادلىرىمىز مۇسا پەيغەمبەرنىڭ گېپىگە كىرمەي، ئۇنى رەت قىلىپ، كۆڭلىدە مىسىرغا قايتىشنى ئارزۇ قىلدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى