« مىسىردىن چىقىش »

3

خۇدانىڭ مۇسانى چاقىرىشى

1مۇسا قېيناتىسى، مىديان روھانىيسى يېترو (يەنە بىر ئىسمى رەئۇل)نىڭ قويىنى باقاتتى. بىر كۈنى، ئۇ پادىسىنى ھەيدەپ چۆلنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇدانىڭ تېغى _ سىناي تېغىغا كەلدى. 2ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى* تىكەنلىكتىكى يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوت ئىچىدىن مۇساغا تۇيۇقسىز كۆرۈندى. مۇسا تىكەنلىكتە ئوت يېنىۋاتقان بولسىمۇ، تىكەنلىكنىڭ كۆيۈپ كەتمەيۋاتقانلىقىنى كۆردى. 3ئۇ «بۇ ئاجايىپ ئىشقۇ، تىكەنلىك نېمىشقا كۆيۈپ كەتمەيدىغاندۇ؟ يېنىغا بېرىپ قاراپ باقايچۇ!» دەپ ئويلىدى.

4مۇسانىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى كۆرگەن پەرۋەردىگار تىكەنلىكنىڭ ئىچىدىن:

_ مۇسا! مۇسا! _ دەپ توۋلىدى.

_ مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا.

5خۇدا ئۇنىڭغا:

_ بۇ يەرگە يېقىن كەلمە، چورۇقلىرىڭنى سالغىن. چۈنكى، سەن تۇرۇۋاتقان يەر مۇقەددەستۇر. 6مەن سېنىڭ ئاتاڭ، شۇنداقلا ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن، _ دېدى.

بۇنى ئاڭلىغان مۇسا خۇداغا قاراشقا پېتىنالماي، يۈزىنى ئېتىۋالدى.

7پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. 8شۇڭا، مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىپايان مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشتۈم. ئۇ يەر كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىدۇر. 9خەلقىمنىڭ قىلغان نالە-پەريادى قۇلىقىمغا ئاڭلانماقتا. مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارنى قانداق ئەزگەنلىكىمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرماقتا. 10شۇڭا، ئەمدى سېنى مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىمەن. بېرىپ، ئۆز خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىق.

11لېكىن، مۇسا خۇداغا:

_ مەن مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقالايدىغان قانچىلىك چوڭ ئادەم ئىدىم؟ _ دېدى.

12خۇدا ئۇنىڭغا:

_ مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، سىلەر بۇ تاغقا كېلىپ ماڭا ئىبادەت قىلىسىلەر. مانا بۇ مېنىڭ سېنى ئەۋەتكەنلىكىمنىڭ بەلگىسى، _ دېدى.

13_ مەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا: «مېنى بۇ يەرگە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەۋەتتى» دېسەم، ئۇلار ماڭا ئىشەنمەي: «قايسى خۇدا ھەققىدە سۆزلەۋاتىسەن؟ ئۇنىڭ نام-شەرىپى نېمە؟» دەپ سورىسا، مەن نېمە دەيمەن؟ _ دېدى مۇسا.

14خۇدا مۇنداق دېدى:

_ مەن «مەڭگۈ بار بولغۇچى»دۇرمەن. سەن بېرىپ، ئۇلارغا: «مېنى سىلەرگە ‹مەڭگۈ بار بولغۇچى› ئەۋەتتى» دېگىن.

15خۇدا مۇساغا يەنە:

_ ئىسرائىللارغا: «‹مەڭگۈ بار بولغۇچى›، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مېنى يېنىڭلارغا ئەۋەتتى» دېگىن. بۇ، مېنىڭ مەڭگۈلۈك نامىم. ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مۇشۇ نام بىلەن ئەسكە ئېلىنىمەن. 16سەن بېرىپ ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار، يەنى سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ماڭا كۆرۈندى. ئۇ مېنىڭ سىلەرگە: ‹مەن مىسىرلىقلارنىڭ سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 17مەن سىلەرنى ئۇلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋەدە قىلدىم. مەن سىلەرنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا، يەنى كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىغا ئېلىپ بارىمەن› دەپ يەتكۈزۈشۈمنى ئېيتتى» دېگىن.

18_ ئاقساقاللار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ. ئاندىن كېيىن سەن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ھەممىڭلار بىر ئېغىزدىن: «پەرۋەردىگار _ ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسىز» دەڭلار. 19ماڭا مەلۇمكى، مەن مىسىر پادىشاھىنى بېسىم بىلەن مەجبۇر قىلمىغۇچە، ئۇ سىلەرگە ئىجازەت بەرمەيدۇ. 20شۇڭا، مەن ئۆز قۇدرىتىمنى ئىشقا سېلىپ، خەلقىئالەم ئالدىدا ھەر خىل مۆجىزىلىرىمنى كۆرسىتىش ئارقىلىق مىسىرلىقلارنى جازالايمەن. شۇنىڭ بىلەن، مىسىر پادىشاھى سىلەرنى ئۇ يەردىن چىقىرىۋېتىدۇ.

21سىلەر مىسىردىن چىقىدىغان ۋاقتىڭلاردا، مەن مىسىرلىقلارنى سىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىدىغان قىلىمەن. شۇڭا، سىلەر ئۇ يەردىن چىققاندا، قۇرۇق قول چىقمايسىلەر. 22ئىسرائىل ئاياللارنىڭ ھەممىسى مىسىرلىق قوشنىلىرى ۋە قوشنىلىرىنىڭ مېھمانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملار ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ نەرسىلەر بىلەن بالىلىرىڭلارنى ياساندۇرىسىلەر. مانا شۇنداق قىلىپ، مىسىرلىقلارنىڭ بايلىقلىرىنى تارتىۋالغان بولىسىلەر، _ دېدى.



*2بۇ خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى