« مىسىردىن چىقىش »

36

1بىزالىل، ئوھولىئاب ۋە باشقا ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىقتىدار ئاتا قىلىشى بىلەن ئىبادەت جايىنى قانداق ياساشنى بىلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شۇ خىزمەتلەرنى قىلسۇن.

خەلقنىڭ ھەدىيىلىرى

2مۇسا بىزالىل بىلەن ئوھولىئاب ۋە پەرۋەردىگار قابىلىيەت ئاتا قىلغان، كۆڭلى رىغبەتلىنىپ خىزمەت قىلىشنى خالىغان كىشىلەرنى يىغدى. 3ئۇلار مۇسادىن ئىسرائىللارنىڭ ئىبادەت جايىنى ياساشقا ھەدىيە قىلغان بارلىق سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى، كىشىلەر ئۆز مەيلى بىلەن سوۋغاتلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى. 4شۇڭا، ئىبادەت جايىنى ياساشقا قاتناشقان ئۇستىلار ئۆز خىزمەتلىرىنى توختىتىپ، 5مۇسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: «كىشىلەر ئېلىپ كەلگەن ھەدىيىلەر پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىبادەت جايىنى ياساش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتتى!» دېيىشتى.

6شۇڭا، مۇسا پۈتۈن قارارگاھتىكىلەرنىڭ ئەمدى ئىبادەت جايى ئۈچۈن ھەدىيە قىلماسلىقىنى بۇيرۇدى. كىشىلەر بولسا سوۋغات ئېلىپ كېلىشنى شۇندىلا توختاتتى. 7تاپشۇرۇۋېلىنغان ھەدىيىلەر پۈتۈن ئىبادەت جايىغا يېتىپ، ھەتتا ئېشىپ قالدى.

ئىبادەت چېدىرىنىڭ ياسىلىشى

8خىزمەتچى خادىملار ئىچىدىكى ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى ئون دانە يوپۇقتىن ياسىدى. بۇ يوپۇقلار كەندىر يىپ بىلەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلۇپ، ئۈستىگە قولى چېۋەر ئۇستا تەرىپىدىن قاناتلىق پەرىشتىلەرنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلەندى. 9ھەربىر يوپۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش ھالدا، ئۇزۇنلۇقى ئون تۆت، كەڭلىكى ئىككى مېتىردىن قىلىندى. 10يوپۇقلارنىڭ بەشى بىر پارچە، قالغان بەشى يەنە بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلاندى. 11ئۇلانغان ھەربىر چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگە كۆك رەڭلىك ئىزمە تىكىلدى. 12يوپۇقنىڭ بىر پارچىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگە ئەللىك ئىزمە، يەنە بىر پارچىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە تىكىلدى. 13ئەللىك ئالتۇن ئىلمەك ياسىلىپ، ئىككى پارچە يوپۇق تۇتاشتۇرۇلدى.

14ئىبادەت چېدىرىنى يېپىش ئۈچۈن، ئۆچكە يۇڭىدىن ئون بىر پارچە قېلىن يوپۇق رەخت توقۇلدى. 15يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئون بەش، كەڭلىكى ئىككى مېتىردىن بولدى. 16يوپۇقلارنىڭ بەش دانىسى بىر پارچە، قالغان ئالتىسى يەنە بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلاندى. 17بىرىنچى چوڭ يوپۇقنىڭ ئەڭ چېتىدىكى پارچىسىگە ئەللىك ئىزمە، يەنە بىر چوڭ يوپۇقنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە تىكىلدى. 18تۇچتىن ئەللىك ئىلمەك ياسىلىپ، ئۇلار ئىزمىلەرگە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى پارچە يوپۇق بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، بىر پۈتۈن يوپۇق قىلىندى. 19بۇنىڭدىن باشقا، چېدىرنى قاپلاش ئۈچۈن، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ۋە نەپىس ئىشلەنگەن تېرىدىن يەنە ئىككى پارچە چېدىر يوپۇقى ياسالدى.

20ئىبادەت چېدىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن رام ياسالدى. 21ھەربىر رامنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىر، كەڭلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىر بولدى. 22ھەربىر رامغا بىر-بىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىككىدىن ئۇلىغۇچ ياسالدى. ھەممە راملاردا شۇنداق ئۇلىغۇچ بولدى. 23چېدىرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە يىگىرمە رام ياسالدى. 24راملارنىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسىلىپ، ھەربىر رامنىڭ تېگىگە ئىككىدىن ئورنىتىلدى. 25يەنە چېدىرنىڭ شىمال تەرىپىگىمۇ يىگىرمە رام ياسىلىپ، 26بۇلار ئۈچۈنمۇ كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسىلىپ، ھەربىر رامنىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەييارلاندى. 27لېكىن، چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەربكە قارىتىپ ئالتە رام ياسالدى. 28چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى رام ياسالدى. 29راملار بىر-بىرىگە يېقىن قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچى بىر چەمبەرگە كىرگۈزۈلۈپ مۇقىملاشتۇرۇلدى. ئىككى دوقمۇشنى ھاسىل قىلىدىغان ھەر ئىككى رام شۇنداق ياسالدى. 30دېمەك، چېدىرنىڭ غەرب تەرىپىدە سەككىز رام بولۇپ، ھەربىر رامنىڭ تېگىدە ئىككىدىن جەمئىي ئون ئالتە دانە كۈمۈش پۇت بولدى.

31بۇنىڭدىن باشقا، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئون بەش توغرا بالداق ياسالدى. بۇلاردىن چېدىرنىڭ بىر يېنىدىكى راملارغا بەش دانە، 32يەنە بىر يېنىدىكى راملارغا بەش دانە ھەمدە چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى غەربكە قارايدىغان راملارغىمۇ بەش دانە ئورنىتىلدى. 33راملارنىڭ ئوتتۇرىسىغا چېتىلىدىغان ئوتتۇرا بالداق چېدىرنىڭ بىر بېشىدىن يەنە بىر بېشىغا يەتكۈزۈلۈپ ياسالدى. 34راملار ۋە بالداقلار ئالتۇن بىلەن قاپلاندى، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارمۇ ئالتۇندىن ياسالدى.

35كەندىر يىپ بىلەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن بىر پەردە توقۇلۇپ، ئۇنىڭغا قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن قاناتلىق پەرىشتىلەرنىڭ سۈرىتى كەشتىلەندى. 36بۇ پەردە ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت دانە تۈۋرۈككە بېكىتىلگەن ئالتۇن ئىلمەكلەرگە ئېسىلدى. تۈۋرۈكلەر ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت پۇتنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلدى. 37بۇنىڭدىن باشقا، كەندىر يىپ بىلەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا كەشتىلىك پەردە توقۇلدى. 38پەردىنى ئېسىش ئۈچۈن، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بەش دانە تۈۋرۈك ياسىلىپ، تۈۋرۈك بېشى ئالتۇن بىلەن قاپلاندى. تۈۋرۈكلەردە ئالتۇن ئىلمەكلەر بولدى ھەم تۇچتىن بەش دانە تۈۋرۈك پۇتى ياسالدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى