« مىسىردىن چىقىش »

28

روھانىيلارنىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى

1_ ئىسرائىللار ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامارلارنى ماڭا روھانىيلىق قىلىش ئۈچۈن تەيىنلىگىن. 2ئاكاڭ ھارۇننىڭ سالاپىتى ۋە ھۆرمىتى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مۇقەددەس روھانىيلىق كىيىمى تەييارلىغىن. 3ھارۇننىڭ ماڭا روھانىيلىق قىلىشقا ئاجرىتىلىشى ئۈچۈن، مەن ئىقتىدارلىق قىلغان بارلىق ئۇستىلارنى ئۇنىڭ كىيىملىرىنى تىكىشكە بۇيرۇغىن. 4ئۇلار كۆكرەكلىك، ئېفود، پەرىجە، كەشتىلەنگەن تونچە كۆينەك، سەللە ۋە كەمەرلەرنى تىكىپ تەخ قىلسۇن. ئۇلار بۇ مۇقەددەس كىيىم-كېچەكلەرنى ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ماڭا روھانىيلىق قىلىدىغان ئوغۇللىرى ئۈچۈن تەييارلىسۇن. 5ئۇستىلار بۇلارنى زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپ قاتارلىقلار بىلەن تىكسۇن.

ئېفود دېگەن كىيىمنىڭ لايىھىسى

6_ ئېفود زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن توقۇلغان رەختتىن قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن تىكىلسۇن. 7ئېفودنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسى بولسۇن. ئۇنىڭ ئالدى ۋە كەينى قىسمى بۇ ئىككى تاسما ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلسۇن. 8ئۇنىڭدىن باشقا، كەمەر تەييارلانسۇن. كەمەر زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن توقۇلغان رەختتىن ئۇستىلىق بىلەن تىكىلسۇن. 9ئىككى دانە يوللۇق ھېقىق تېپىپ كېلىنىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ئىسىملىرى ئويۇلسۇن. 10ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە ھەربىر تاشقا ئالتىدىن ئويۇلسۇن. 11ئىسىملار ئۇستىلار تەرىپىدىن مۆھۈرگە ئويۇلغان نەقىشلەردەك ئويۇلۇپ، ئىككى دانە ئالتۇن كۆزلۈككە قويۇلسۇن. 12ئاندىن، ئۇلار ئېفودنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسىغا قادىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ خاتىرە تېشى قىلىنسۇن. ھارۇن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى مۈرىسىگە مانا مۇشۇنداق ئېلىپ، مەن _ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خاتىرە قىلسۇن. 13-14يەنە ساپ ئالتۇندىن ئېشىلگەن شوينىدەك ئىككى تال ئالتۇن زەنجىر سوقۇلسۇن. بۇ زەنجىرلەر ھېقىق قويۇلغان كۆزلۈككە ئۇلانسۇن.

كۆكرەكلىك ياساش

15_ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن كىيىلىدىغان كۆكرەكلىك قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن تىكىلسۇن. تىكىلىش ئۇسۇلى ئېفود بىلەن ئوخشاش بولۇپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپ بىلەن تىكىلسۇن. 16كۆكرەكلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا يىگىرمە ئىككى سانتىمېتىردىن قىلىنىپ، تۆت چاسا ھەم ئىككى قات، يەنى يانچۇقلۇق قىلىپ تىكىلسۇن. 17ئۈستىگە تۆت قۇر قىممەتلىك تاش ئورنىتىلسۇن. بىرىنچى قۇرىغا قىزىل ياقۇت، توپاز ۋە زۇمرەت ئورنىتىلسۇن. 18ئىككىنچى قۇرىغا كۆك قاشتاش، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس ئورنىتىلسۇن. 19ئۈچىنچى قۇرىغا سۆسۈن ياقۇت، ھېقىق ۋە سۆسۈن كۋارتس ئورنىتىلسۇن. 20تۆتىنچى قۇرىغا رەڭسىز ياقۇت، يوللۇق ھېقىق ۋە يېشىل قاشتاش ئورنىتىلسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە ئېلىنىپ، كۆكرەكلىككە قادالسۇن. 21ئىسرائىللارنىڭ ئۇن ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئون ئىككى قىممەتلىك تاشقا ئۇن ئىككى قەبىلىنىڭ ئىسمى خۇددى مۆھۈرگە ئويۇلغان نەقىشلەردەك بىردىن ئويۇلسۇن.

22كۆكرەكلىكنى ئېفودقا بېكىتىش ئۈچۈن، ساپ ئالتۇندىن ئېشىلگەن شوينىدەك ئىككى تال زەنجىر سوقۇلسۇن. 23كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئالتۇن ھالقا بېكىتىلسۇن. 24زەنجىرلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتۇن ھالقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، 25ئېفود تاسمىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ئىككى ئالتۇن كۆزلۈككە ئۇلانسۇن. 26كۆكرەكلىكنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجەكنىڭ ئېفودقا تېگىپ تۇرىدىغان ئىچكى يۈزىگە ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتىلسۇن. 27شۇنداقلا، يەنە ئېفودنىڭ بەل قىسمىغا، يەنى كەمەرنىڭ يۇقىرىسىغىلا ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتىلسۇن. 28بىر تال كۆك يىپ ئارقىلىق كۆكرەكلىكتىكى ھالقىلار بىلەن ئېفودتىكى ھالقىلار ئۆزئارا ئۇلانسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، كۆكرەكلىك پۇلاڭلاپ كەتمەي، ئېفودقا چاپلىشىپ تۇرىدۇ.

29شۇنداق قىلىپ، ھارۇن ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان كۆكرەكلىكنى خۇدانىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈپىتىدە ھەر دائىم مەيدىسىگە ئېسىۋالسۇن. 30بۇنىڭدىن سىرت، يەنە «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»لارنى* كۆكرەكلىكنىڭ ئىچىگە سېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈپىتىدە مەيدىسىگە ئېسىۋالسۇن. مۇشۇنداق قىلغاندا، ھارۇن چېدىردىكى مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ھەر دائىم ئىسرائىللارغا قارىتىلغان خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلدۈرىدىغان نەرسىلەرنى مەيدىسىگە ئېسىۋالغان بولىدۇ.

روھانىيلار كىيىدىغان باشقا كىيىملەر

31_ ئېفودنىڭ ئىچىگە كىيىلىدىغان پەرىجە تىكىلسۇن. پەرىجىنىڭ رەڭگى پۈتۈنلەي كۆك بولسۇن. 32پەرىجىگە ئويما ياقا ئېچىپ، يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ياقىنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز تۇتۇلسۇن. 33-34پەرىجىنىڭ ئاياغ پېشىنىڭ چۆرىسىگە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ رەختتىن ئانارنىڭ نۇسخىسى كەشتىلىنىپ، ھەر ئىككى ئانارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىردىن ساپ ئالتۇندىن ياسالغان كىچىك قوڭغۇراق ئېسىلسۇن. 35ھارۇن روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن چاغدا، بۇ پەرىجىنى كىيىۋالسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرىپ چىققاندا، مەن قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلايمەن-دە، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جېنىنى ئالمايمەن.

36ساپ ئالتۇندىن بىر قاداق ياسالسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر مۆھۈرگە ئويۇلغاندەك ئويۇلسۇن. 37قاداق بىر تال كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىنىڭ ئالدىغا تاقاپ قويۇلسۇن. 38ھارۇن بۇ ئالتۇن قاداقنى پېشانىسىگە دائىم تاقىۋېلىش ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ قۇربانلىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىنى گۇناھكار ھېسابلىغانلىقىدىكى ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرسۇن. بۇ ئالتۇن قاداق ھارۇننىڭ پېشانىسىدە دائىم بولسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، كۆپچىلىك خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

39ھارۇن ئۈچۈن كەندىر يىپتىن تونچە كۆينەك ۋە سەللە توقۇلسۇن ھەم كەمەر كەشتىلەنسۇن. 40ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلىنسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار سالاپەتلىك كۆرۈنۈپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. 41ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى روھانىيلىق كىيىملىرىنى كىيگەندىن كېيىن، سەن ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ سۈركە ۋە روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلە. ئۇلارنى ماڭا روھانىيلىق قىلىش ئۈچۈن ئاجرات.

42بۇنىڭدىن باشقا، كەندىر يىپتىن ئۇلار ئۈچۈن تامبال تىكتۈرۈلسۇن. تامبال بەلدىن تىزغىچە كېلىدىغان قىلىپ تىكىلىپ، ئاستىنقى بەدەننى يېپىپ تۇرسۇن. 43ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ-چىققاندا ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس جايدا ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىنلاشقاندا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلماسلىقى ئۈچۈن، تامبال كىيىۋالسۇن. مانا بۇ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ بويسۇنىدىغان نىزام بولسۇن.



*30كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىشلەرگە ئاساسلانغاندا، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئىزدىگەن چاغدا تاشلىنىدىغان مۇقەددەس چەك بولۇشى مۇمكىن. «ئۇرىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «قارغاش» بولۇپ، «بولمايدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. «تۇممىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «تەلتۆكۈس» بولۇپ، «بولىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى