« مىسىردىن چىقىش »

38

قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساش

1قۇربانلىق سۇپىسى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالدى. سۇپا تۆت چاسا بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر يېرىم، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئىككى يېرىم مېتىردىن قىلىندى. 2سۇپىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە مۈڭگۈزلەر چىقىرىلدى. ئۇلار سۇپا بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنىپ، تۇچ بىلەن قاپلاندى. 3قۇربانلىق سۇپىسىغا ئىشلىتىلىدىغان كۈلدان، گۈرجەك، داس، لاخشىگىر ۋە ئوتدان قاتارلىقلار ياسالدى. بۇ سايمانلارنىڭ ھەممىسى تۇچتىن بولدى. 4بۇنىڭدىن باشقا، قۇربانلىق سۇپىسىغا تۇچتىن بىر شالا ياسىلىپ، قۇربانلىق سۇپا ئوتخانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شالا تەكچىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇلدى. 5ئاندىن، بالداق ئۆتكۈزۈلىدىغان، شالانىڭ تۆت بۇرجىكىگە بېكىتىلىدىغان تۆت دانە تۇچ ھالقا ياسالدى. 6بۇنىڭدىن باشقا، قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياسىلىپ، تۇچ بىلەن قاپلىنىپ، 7ئىككى ياندىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈلدى. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك قىلىنىپ، تاختايدىن ياسالدى.

پاكلىنىش دېسىنى ياساش

8پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار تەرىپىدىن بېرىلگەن تۇچ ئەينەكلەردىن ياسالدى.

ئىبادەت جايىنىڭ ھويلىسى

9ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىنى توسۇپ ھويلا قىلىش ئۈچۈن، كەندىر يىپتىن پەردە توقۇلدى. جەنۇب تەرەپتىكى پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك مېتىر قىلىنىپ، 10پەردىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن يىگىرمە دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسالدى. پەردىلەرنى بېكىتىدىغان تۈۋرۈك ئىلمەكلىرى بىلەن ھالقىلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى. 11شىمال تەرەپكىمۇ پەردە ئورنىتىلدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ ئەللىك مېتىر قىلىنىپ، پەردىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، يىگىرمە دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسالدى. تۈۋرۈك ئىلمەكلىرى بىلەن ھالقىلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى. 12غەرب تەرەپتىكى پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مېتىر قىلىندى. پەردىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئون دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى ئون دانە تۇچ پۇت ياسالدى. 13ھويلىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ يىگىرمە بەش مېتىر قىلىندى. 14كىرىش ئاغزىنىڭ بىر تەرىپىدىكى پەردىنىڭ كەڭلىكى يەتتە يېرىم مېتىر بولدى. پەردىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئۈچ تۈۋرۈك ۋە ئۈچ پۇت ياسالدى. 15يەنە بىر تەرىپىدىكى پەردىنىڭ كەڭلىكى يەتتە يېرىم مېتىر بولدى. ئۇنىڭغىمۇ ئۈچ دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى ئۈچ دانە تۇچ پۇت ياسالدى. 16ھويلىنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق پەردىلەر كەندىر يىپتىن توقۇلدى. 17تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى تۇچتىن، ئىلمەك ۋە ھالقىلىرى بولسا كۈمۈشتىن ياسالدى، تۈۋرۈكنىڭ بېشى كۈمۈشتىن قاپلاندى. ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ ھەممىسىدە كۈمۈش ھالقىلار بولدى. 18ھويلىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىلىرى كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن توقۇلۇپ كەشتىلەندى. پەردىنىڭ كەڭلىكى ئون مېتىر، ئېگىزلىكى بولسا ھويلىنىڭ توسۇق پەردىسىنىڭ ئېگىزلىكىدەك ئىككى يېرىم مېتىر قىلىندى. 19تۆت دانە پۇتلۇق تۇچ تۈۋرۈك ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇردى. تۈۋرۈكلەردىكى ئىلمەك، ھالقىلارنىڭ ھەممىسى كۈمۈشتىن ياسالدى، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىمۇ كۈمۈش بىلەن قاپلاندى. 20ئىبادەت چېدىرىغا ئىشلىتىلگەن بارلىق قوزۇقلار تۇچتىن قۇيۇلدى.

ئىبادەت چېدىرىغا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار

21ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە لاۋىيلار تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەن بولۇپ، روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ سانىقىدىن ئۆتكەنىدى. 22پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغانلارنىڭ ھەممىسىنى يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بىزالىل ياسىدى. 23ئۇنىڭغا ياردەمچى بولغان دان قەبىلىسىدىن بولغان ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىئابنىڭمۇ قولى چېۋەر بولۇپ، ئۇ نەققاشلىق، ئويمىچىلىق ۋە كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ھەم كەندىر يىپتىن كەشتە تىكىشنى بىلەتتى.

24ئىبادەت جايىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاتالغان ئالتۇن رەسمىي ئۆلچەم بويىچە 1000 كىلوغا توغرا كەلدى. 25نوپۇس تىزىملىكىدىكى كىشىلەر سوۋغا قىلغان كۈمۈش رەسمىي ئۆلچەم بويىچە 3440 كىلوغا توغرا كەلدى. 26نوپۇس تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلار جەمئىي 603 مىڭ بەش يۈز ئەللىك نەپەر بولۇپ، رەسمىي ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا ھەربىر كىشى تاپشۇرغان كۈمۈش بەش يېرىم گرام بولدى. 273400 كىلو كۈمۈشتىن ئىبادەت جايى راملىرىنىڭ ۋە پەردىلەر بېكىتىلىدىغان تۈۋرۈكلەرنىڭ يۈز كۈمۈش پۇتى ياسالدى. ھەربىر پۇتقا 34 كىلودىن كۈمۈش ئىشلىتىلدى. 28قالغان 40 كىلو كۈمۈش تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىلمەك ۋە ھالقىلىرىنى ياساشقا ھەم تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىنى قاپلاشقا ئىشلىتىلدى. 29پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تۇچ جەمئىي 2400 كىلو بولۇپ، 30ئۇ پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدىكى تۈۋرۈك پۇتلىرى، قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ تۇچ شالاسى، سۇپىنىڭ پۈتۈن سايمانلىرى، 31ھويلىنىڭ ئەتراپىدىكى توسۇق پەردىنىڭ تۈۋرۈكلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئاغزىدىكى تۈۋرۈك پۇتلىرى، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ۋە ھويلىنىڭ توسۇق پەردىسىنىڭ قوزۇقلىرىغا ئىشلىتىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى