ئاچچىقلىنىش ھەققىدە

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 14- باب

29ئەقىل-ئىدراكقا ئىگە ئېغىر-بېسىق كىشى،

ئاشكارىلار ئەخمەقلىقىنى چېچىلغاق كىشى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 15- باب

18تېرىككەك جېدەل چىقىرار،

سەۋرچان تالاش-تارتىشلارنى تىنچلاندۇرار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 16- باب

32ئەۋزەلدۇر سەۋرچان ئادەم باتۇردىن،

ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش شەھەر ئالغاندىن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 19- باب

11ئەقىل-ئىدراكلىق كىشى ئاچچىقلانماس ئاسانلىقچە،

باشقىلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈشى شۆھرەت كەلتۈرەر ئۆزىگە. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

21_ ئەجدادلىرىمىزغا «قاتىللىق قىلما، قاتىللىق قىلغان ھەرقانداق ئادەم سوتقا تارتىلىدۇ» دېيىلگەن تەلىمنى ئاڭلىغانسىلەر. 22لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، قېرىنداشلىرىغا غەزەپلەنگەنلەرمۇ سوتقا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغانلار ئالىي كېڭەشمىدە جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەنلەر ئوتلۇق دوزاخقا چۈشىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

26ئەگەر ئاچچىقلانساڭلار، ئاچچىقىڭلار سىلەرنى گۇناھقا باشلىمىسۇن. ئاچچىقىڭلاردىن قايتماي، كۈنمۇ پېتىپ كەتمىسۇن. 27شۇنداق قىلىپ، شەيتانغا پۇرسەت بەرمەڭلار. 28بۇرۇن ئوغرىلىق قىلغانلار ئەمدى ئوغرىلىق قىلمىسۇن. ئەكسىچە، ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلىسۇن. تاپقىنىدىن ھاجەتمەنلەرگە ئۈلەشتۈرسۇن. 29ئاغزىڭلاردىن ھەرگىز يامان سۆزلەر چىقمىسۇن. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارغا پايدىلىق بولسۇن دەپ، مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى قىلىڭلار. 30خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قايغۇغا سالماڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس روھ بولسا سىلەرنىڭ خۇداغا مەنسۇپ بولغانلىقىڭلارنىڭ مۆھرى بولۇپ، ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلىدىغان كۈنۈڭلارنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 31بارلىق ئاداۋەت تۇتۇش، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، جېدەللىشىش، تۆھمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىللەتلەردىن ۋە ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. 32بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، مۇلايىم بولۇڭلار. خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 1- باب

19قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلاشتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن. 20چۈنكى، غەزەپلەنسەڭلار، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھەققانىي ئىشلارنى قىلالمايسىلەر. 21شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر خىل ئىپلاسلىقلارنى ۋە بارلىق يامان قىلمىشلارنى تاشلاڭلار. قەلبىڭلارغا سېلىنغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆزنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆزلەشتۈرۈڭلار. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى