سوئال

تەۋرات، « مالاكى » 2- باب

16پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «مەن ئاجرىشىشقا نەپرەتلىنىمەن» دەيدۇ. «ئاجرىشىش خۇددى بىرسىگە قىلغان زوراۋانلىق بىلەن باراۋەردۇر. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، ساداقەتسىزلىك قىلماڭلار!» [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 19- باب

3ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:

_ بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

4ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ تەۋراتنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ياراتقۇچى بۇرۇنلا ئىنسانلارنىڭ بىر گەۋدە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى» ۋە 5«بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر» دېدى. 6شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بىر تەندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن.

7پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇنداقتا، مۇسا پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا ئەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا بىر پارچە تالاق خېتىنى بېرىپلا ئۇلارنى تالاق قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى؟ _ دەپ سوراشتى.

8ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ تەرسالىقىڭلاردىن مۇسا پەيغەمبەر ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلسا رۇخسەت قىلغان. بىراق، ئالەم ئاپىرىدە بولغاندا بۇنداق ئەمەس ئىدى. 9بىلىپ قويۇڭلاركى، ئايالىنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن باشقا بىرەر سەۋەب بىلەن تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

31_ سىلەر «كىمدەكىم ئايالىنى تالاق قىلسا، تالاق خېتىنى بەرسۇن» دېگەن تەلىمنىمۇ ئاڭلىغان. 32بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىر ئادەم ئۆز ئايالىنىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشىدىن باشقا ئىشىنى سەۋەب قىلىپ ئۇنى تالاق قىلسا ھەمدە تالاق قىلىنغان ئايال يەنە بىر ئەرگە تەگسە، تالاق قىلغان ئادەم ئۆز ئايالىنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 13- باب

3گەرچە پۈتۈن مېلىمنى سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتسەممۇ، ھەتتا خۇدانىڭ خىزمىتىدە جېنىمنى قۇربان قىلىپ، تېنىمنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشىگە رازى بولساممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، بۇ قىلغانلىرىمنىڭ ماڭا ھېچ پايدىسى يوقتۇر.

4مېھىر-مۇھەببەت سەۋرچان ۋە مېھرىباندۇر. مېھىر-مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ، ماختانچاقلىق ۋە تەكەببۇرلۇقمۇ قىلمايدۇ. 5مېھىر-مۇھەببەت ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. 6مېھىر-مۇھەببەت ناھەقچىلىكتىن خۇرسەن بولمايدۇ، ئەكسىچە ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ. 7مېھىر-مۇھەببەت ھەممىگە بەرداشلىق بېرىدۇ، ھەممىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، ھەممە ئىشتا ئۈمىدۋار ۋە چىداملىق بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

2سىلەر ھەمىشە كەمتەر، مۇلايىم، سەۋرچان بولۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. 3بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ ئېتىقادچىلارغا بەرگەن بىرلىكىنى ساقلاشقا تىرىشىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

13بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا بىركىم سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى ئاغرىتقان بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. رەببىمىز سىلەرنى كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار. 14ئەڭ مۇھىمى، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇڭلار. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت بىر-بىرىمىزنى باغلاپ، مۇكەممەل ئىناقلىققا باشلايدۇ. 15ئەيسا مەسىھ ئاتا قىلغان تىنچ-ئامانلىق قەلبىڭلارنى باشقۇرسۇن. چۈنكى، سىلەر بىر تەننىڭ ئەزالىرى بولۇپ، بۇ ئىناقلىق ئىچىدە ياشاشقا چاقىرىلدىڭلار. ھەمىشە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر