ئاچچىقلىنىش

« زەبۇر » 37- مۇناجات

7سەۋر بىلەن سۈكۈت قىلىپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى،

بىئارام بولمىغىن روناق تاپقان رەزىللەردىن،

ھارام پىلانى ئەمەلگە ئاشقانلاردىن.

8يانغىن ئاچچىقىڭدىن، باسقىن غەزىپىڭنى،

بىسەرەمجان بولما، بىئاراملىق ئېلىپ كېلەر پەقەت يامانلىقنى.

9زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ رەزىللىك قىلغۇچىلار،

ئەمما زېمىنغا ئىگە بولىدۇ ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 12- باب

16تېزلا بىلىنەر كەلسە ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى،

ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا زېرەك چاندۇرماس ئىنكاسىنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 14- باب

17مىجەزى ئىتتىك ئادەم ئەخمىقانە ئىش قىلار،

بەتنىيەت نەپرەتكە قالار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 14- باب

29ئەقىل-ئىدراكقا ئىگە ئېغىر-بېسىق كىشى،

ئاشكارىلار ئەخمەقلىقىنى چېچىلغاق كىشى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 15- باب

1مۇلايىم جاۋاب باسار غەزەپنى،

قوپال سۆز قوزغار ئاچچىقنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 15- باب

18تېرىككەك جېدەل چىقىرار،

سەۋرچان تالاش-تارتىشلارنى تىنچلاندۇرار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 16- باب

32ئەۋزەلدۇر سەۋرچان ئادەم باتۇردىن،

ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش شەھەر ئالغاندىن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 19- باب

11ئەقىل-ئىدراكلىق كىشى ئاچچىقلانماس ئاسانلىقچە،

باشقىلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈشى شۆھرەت كەلتۈرەر ئۆزىگە. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 22- باب

24تېرىككەك ئادەم بىلەن دوست بولما،

قەھرلىك ئادەم بىلەن ئارىلاشما،

25سەنمۇ ئۇلارنى دورايسەن بولمىسا،

چۈشىسەن ئۆزۈڭ ھەم تۇزاققا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 25- باب

28ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان كىشى،

خۇددى سېپىلى بۇزۇۋېتىلگەن شەھەر كەبى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 29- باب

9ئاقىل ئەخمەق بىلەن دەۋاغا چۈشكىنىدە،

تىنچلىق بولماس، ئەخمەق ھۈرپىيىپ قىلار مەسخىرە. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 29- باب

11ئەخمەق بىراقلا ئاشكارىلار غەزىپىنى،

ئاقىل بېسىۋالار ئۆزىنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 29- باب

22تېرىككەك جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار،

مىجەزى ئىتتىك كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپ بولار. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 12- باب

17ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار، كۆپچىلىك ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىڭلار. 18ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. 19قەدىرلىك دوستلار، ئىنتىقام ئالماڭلار، بۇنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، ئۇنى مەن چوقۇم قىلىمەن.» 20مۇقەددەس يازمىلاردا يەنە مۇنداق يېزىلغان: «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى چىمىلدىتىپ، ئۇنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرىسەن.» سىلەرمۇ ئىنتىقام ئېلىشنىڭ ئورنىغا شۇنداق قىلىڭلار. 21دېمەك، يامانلىق ئالدىدا تىز پۈكمەڭلار، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

26ئەگەر ئاچچىقلانساڭلار، ئاچچىقىڭلار سىلەرنى گۇناھقا باشلىمىسۇن. ئاچچىقىڭلاردىن قايتماي، كۈنمۇ پېتىپ كەتمىسۇن. 27شۇنداق قىلىپ، شەيتانغا پۇرسەت بەرمەڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

31بارلىق ئاداۋەت تۇتۇش، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، جېدەللىشىش، تۆھمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىللەتلەردىن ۋە ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. 32بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، مۇلايىم بولۇڭلار. خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

6خۇدانىڭ غەزىپى مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 7بۇرۇن سىلەرمۇ بۇنداق ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئىچىدە ياشاپ، رەزىل تۇرمۇش كەچۈرگەنىدىڭلار.

8ئەمدى بۇنداق يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تاشلاڭلار. غەزەپلىنىش، ئاچچىقلىنىش، يامان نىيەتتە بولۇش، تۆھمەت قىلىش ياكى ئەدەپسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتەك يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 1- باب

19قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلاشتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن. 20چۈنكى، غەزەپلەنسەڭلار، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھەققانىي ئىشلارنى قىلالمايسىلەر. 21شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر خىل ئىپلاسلىقلارنى ۋە بارلىق يامان قىلمىشلارنى تاشلاڭلار. قەلبىڭلارغا سېلىنغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆزنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆزلەشتۈرۈڭلار. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى