شەخسىيەتچىلىك

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 14- باب

21يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر،

ھاجەتمەنلەرگە رەھىم قىلغان بەختلىكتۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 28- باب

27موھتاجلىقتا قالماس نامراتلارغا خەيرخاھلىق قىلغان،

نۇرغۇن لەنەتكە قالار ئۇلارنى كۆرمەسكە سالغان. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 31- باب

10كىم ئالالايدۇ پەزىلەتلىك ئايالنى؟

ئارتۇقتۇر گۆھەردىنمۇ ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 31- باب

20ئايىماس ئۇ يوقسۇللاردىن ياردىمىنى،

ئۇزىتار ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قولىنى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

30بىرسى سىلەردىن بىرنېمە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلارنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىماڭلار. 31باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار.

32ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ. 33ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! 34ئەگەر سىلەر قەرزنى قايتۇرالايدىغانلارغىلا بەرسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ! [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 20- باب

33سىلەرگە مەلۇمكى، مەن ھېچقاچان ھەرقانداق كىشىنىڭ كىيىملىرىگە ياكى ئالتۇن-كۈمۈشىگە كۆز قىرىمنىمۇ سالمىدىم. 34مەن ئىككى بىلىكىمگە تايىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ۋە ھەمراھلىرىمنىڭ ھاجىتىدىن چىقتىم. 35ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە مۇشۇنداق ئەجىر ئارقىلىق ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش لازىملىقىنى كۆرسەتتىم. شۇنداق قىلساڭلار، رەببىمىز ئەيسا ئۆزى ئېيتقان: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەخت» دېگىنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارمايسىلەر! [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 15- باب

1ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولغان بىزلەر ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىماستىن، ئېتىقادى ئاجىز قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. 2ھەربىرىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىشىمىز كېرەك. 3ئەيسا مەسىھمۇ ئۆزىنى ئەمەس، خۇدائاتىسىنى خۇرسەن قىلىشنى ئويلىدى. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئى خۇدا، سەن ھاقارەت قىلىنغان چاغلاردا، ئۆزۈم ھاقارەت قىلىنغاندەك بولدۇم.» [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 10- باب

23بەزىلەر: «خۇدا تەرىپىدىن مەنئى قىلىنمىغان بولسا، نېمە قىلىمەن دېسەم ئۆز ئىختىيارىم» دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، ھەممە ئىش پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ. «نېمە قىلىمەن دېسەم، ئۆز ئىختىيارىم» دېگەن بۇ سۆز توغرا بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئىش قېرىنداشلىرىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتە كۈچلۈك بولۇپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرەلمەيدۇ. 24ھەركىم پەقەت ئۆز مەنپەئىتىنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ مەنپەئىتىنى كۆزلىسۇن. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 5- باب

14بىزنى شۇنداق قىلىشقا قىستاۋاتقىنى ئەيسا مەسىھنىڭ مۇھەببىتىدۇر. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەممىمىز ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇن ياشاپ كەلگەن ھاياتىمىزغا نىسبەتەن ئۆلگەنلىكىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز. 15ئەيسا مەسىھ پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆلدى. مەقسەت، ئۇ ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلگەن ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ياشىسۇن، دېگەنلىكتىن ئىبارەت. [داۋامى]

ئىنجىل، « فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 2- باب

3ھەرقانداق ئىشتا شەخسىيەتچىلىك ۋە قۇرۇق شۆھرەتكە بېرىلمەڭلار. ئەكسىچە، كەمتەر بولۇپ، باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن ئۈستۈن كۆرۈڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 6- باب

17بۇ دۇنيادا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، ئۆتكۈنچى بايلىققا ئۈمىد باغلىماسلىقنى بۇيرۇغىن. ئۇلار ئۈمىدىنى بىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگۈچى خۇداغا باغلىسۇن. 18ئۇلارغا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى كۆپ قىلىشنى، مەرد ۋە قولى ئوچۇق بولۇشنى بۇيرۇغىن. 19بۇنداق قىلغاندا، ئۇلار ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كېلەچەكتە ئۆزلىرىگە پۇختا ئاساس بولىدىغان بىر خەزىنە توپلىيالايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 3- باب

1شۇنى بىلگىنكى، ئاخىر زاماندا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ. 2ئۇ چاغدا، ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، ماختانچاق، تەكەببۇر ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان، خۇداغا بىپەرۋالىق قىلىدىغان، 3كۆيۈمسىز، باشقىلارنى كەچۈرمەيدىغان، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، شۇنداقلا خەير-ساخاۋەتنىڭ دۈشمىنى بولىدۇ. 4ئۇلار ساتقۇن، تەلۋە ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ، كەيپ-ساپانى خۇدادىن ياخشى كۆرىدۇ. 5سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە كۆڭلىدە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

5ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن:

«سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن،

سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن.» [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

16ياخشىلىق قىلىشنى ۋە باشقىلارنى ئۆزىمىزدە بار بولغاندىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشنى ئۇنتۇمايلى. چۈنكى، خۇدا بۇنداق قۇربانلىقلاردىن خۇرسەن بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

17ئەگەر مال-دۇنياسى بار بولغان كىشى قېرىندىشىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟ 18ئەزىز بالىلىرىم، قۇرۇق سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەت بىلەن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى