مەھبۇسلار

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 39- باب

20ئۇ يۈسۈپنى تۇتۇپ، ئوردا زىندانىغا قاماپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ ئۇ يەردە قاماقتا بولۇپ قالدى.

21لېكىن، پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتى. شۇڭا، زىندان باشقۇرغۇچى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، 22ئۇنى زىنداندىكى باشقا جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش ۋە زىندان ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا تەيىنلىدى. 23يۈسۈپ مەسئۇل بولغان ئىشلارغا زىندان باشقۇرغۇچى باش قاتۇرمايدىغان بولدى. چۈنكى، پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولغاچقا، ئۇ باشقۇرغان ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولغانىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 25- باب

34ئۇ ئوڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە: «ئەي ئاتام تەرىپىدىن بەختلىك قىلىنغانلار، كېلىڭلار! دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان مىراس _ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگە بولۇڭلار! 35چۈنكى، ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز قوينۇڭلارغا ئالدىڭلار، 36يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيىندۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا كېلىپ ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» دەيدۇ.

37ئۇ چاغدا، ھەققانىي ئادەملەر ئۇنىڭغا: «ئى رەببىم، بىز سىزنى قاچان ئاچ كۆرۈپ تويدۇردۇق ياكى ئۇسسۇز كۆرۈپ سۇ بەردۇق؟ 38سىزنى قاچان مۇساپىر كۆرۈپ قوينىمىزغا ئالدۇق ياكى يالىڭاچ كۆرۈپ كىيىندۈردۇق؟ 39سىزنى قاچان كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ يوقلاپ تۇردۇق؟» دەپ سورايدۇ. 40بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلغىنىڭلار دەل ماڭا قىلغىنىڭلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

1ئۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ھىرود خان 2قول ئاستىدىكىلەرگە:

_ بۇ ئادەم چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بولسا كېرەك، ئۇ چوقۇم ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە قۇدرەتلەرگە ئىگە بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ، _ دېدى.

3ھىرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھىرودىيەنى تارتىۋالغاندا، ئۇ ئايالنىڭ تەلىپى بىلەن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. 4چۈنكى، يەھيا ھىرودقا: «ئاكاڭنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر» دەپ كەلگەنىدى. 5ھىرود شۇ سەۋەبتىن يەھيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خەلقتىن قورققانىدى، چۈنكى خەلق يەھيانى پەيغەمبەر، دەپ قارايتتى.

6ھىرودنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئايالى ھىرودىيەنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان قىزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھىرودقا شۇنداق ياقتىكى، 7قىزغا نېمە تىلىسە شۇنى بېرىشكە قەسەم قىلدى. 8قىز ئانىسىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن:

_ دەرھال چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، بىر تەخسىگە قويۇپ ئەكېلىڭ، _ دېدى. 9ھىرود خان بۇنىڭغا ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا قىلغان قەسىمى تۈپەيلىدىن، بۇ تەلەپنى ئورۇنداشنى بۇيرۇدى. 10ئادەم ئەۋەتىپ، زىنداندا يەھيا پەيغەمبەرنىڭ كاللىسىنى ئالدۇردى. 11بىر تەخسىگە قويۇلغان كاللا قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. قىز بۇنى ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 4- باب

16ئۇ ئۆز يۇرتى ناسىرە شەھىرىگە كېلىپ، دەم ئېلىش كۈنى ئادەتتىكىدەك ئىبادەتخانىغا باردى. ئۇ ئۆرە تۇرۇپ مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇماقچى بولغاندا، 17ئىبادەتخانا خىزمەتچىسى ئۇنىڭغا يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى بەردى. ئۇ ئۇنى ئېچىپ، مۇنۇ ئايەتلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى:

18-19«خۇدانىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا. چۈنكى، ئۇ مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللاپ، كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلدى.

ئۇ مېنى تۇتقۇنلارغا: ‹ئازاد بولىسىلەر!›، قارىغۇلارغا: ‹كۆرەلەيدىغان بولىسىلەر!› دەپ جاكارلاشقا ئەۋەتتى.

خۇدا مېنى ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشكە، خۇدانىڭ خەلقىنى قۇتقۇزۇش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتتى.»

20ھەزرىتى ئەيسا يازمىنى يېپىپ ئىبادەتخانا خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، تەلىم بەرگىلى ئولتۇردى. پۈتۈن ئىبادەتخانىدىكىلەر كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرۇشتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 12- باب

6ھىرود خان پېترۇسنى ئېلىپ چىقىپ سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، پېترۇس ئىككى زەنجىر بىلەن باغلانغان بولۇپ، ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى. ئىشىكنىڭ سىرتىغىمۇ قاراۋۇل قويۇلغانىدى. 7تۇيۇقسىز كامېرغا كۈچلۈك بىر يورۇق نۇر چۈشۈپ، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈندى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ مۈرىسىگە قېقىپ:

_ تېز تۇر! _ دەپ ئويغاتتى.

پېترۇسنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇئان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى. 8پەرىشتە ئۇنىڭغا:

_ كىيىمىڭنى كىيىۋال! ئايىغىڭنىمۇ كىي! _ دېدى.

پېترۇس ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلدى. پەرىشتە يەنە:

_ چاپىنىڭنى يېپىنچاقلاپ كەينىمدىن ماڭ! _ دېدى.

9پېترۇس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كامېردىن چىقتى. بىراق، ئۇ پەرىشتىنىڭ قىلىۋاتقىنىنىڭ راستلىقىنى بىلمەي، بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈپتىمەن، دەپ ئويلىغانىدى. 10ئۇلار بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قاراۋۇل پوستىدىن ئۆتۈپ، زىنداننىڭ شەھەرگە چىقىدىغان تۆمۈر دەرۋازىسىغا بارغاندا، دەرۋازا ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار دەرۋازىدىن چىقىپ، بىر كوچىدىن ئۆتكەندە، پەرىشتە تۇيۇقسىز پېترۇسنىڭ يېنىدىن غايىب بولدى.

11شۇ چاغدا، پېترۇس ئېسىگە كېلىپ، ئۆزىگە: «ئەمدى مەن بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى بىلدىم. رەببىم بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ، مېنى ھىرود خاننىڭ قولىدىن ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ماڭا قىلماقچى بولغان بارلىق زىيانكەشلىكىدىن قۇتقۇزۇپتۇ» دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 16- باب

22كۆپچىلىكمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ، ھۇجۇمغا ئۆتكەنىدى. ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ يالىڭاچلاپ، كالتەك بىلەن ئۇرۇشقا ئەمر چۈشۈردى. 23ئۇلار قاتتىق ئۇرۇلغاندىن كېيىن، زىندانغا تاشلاندى. گۇندىپايغا قاتتىق كۆزىتىش بۇيرۇلدى. 24بۇ بۇيرۇق بىلەن گۇندىپاي ئۇلارنى زىنداننىڭ ئىچكىرىدىكى كامېرىغا سولاپ، پۇتلىرىغا ئىشكەل سالدى.

25تۈن يېرىمىغا يېقىن، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. 26تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەپ، زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ سىلكىنىپ كەتتى. زىنداننىڭ پۈتۈن ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، مەھبۇسلاردىكى كىشەنلەرمۇ چۈشۈپ كەتتى. 27ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ زىنداننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرگەن گۇندىپاي ھەممە مەھبۇسلار قېچىپ كەتسە، ئەمەلدارلار چوقۇم مېنى ئۆلتۈرىدۇ دەپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى.

28لېكىن، پاۋلۇس:

_ جېنىڭغا زامىن بولما، ھەممىمىز بار! _ دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى.

29گۇندىپاي چىراغ ئەكەلدۈرۈپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى. 30كېيىن، ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ:

_ قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ _ دەپ سورىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 1- باب

3مەن سىلەرنى ھەر قېتىم ئەسلىگىنىمدە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. 4ھەر قېتىم سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمدا، قەلبىم خۇرسەنلىككە تولۇپ تاشىدۇ. 5چۈنكى، مەن ئاراڭلاردا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىغان بىرىنچى كۈندىن ھازىرغىچە، سىلەر مېنىڭ بۇ خىزمىتىمنى قوللاپ كەلدىڭلار. 6شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، سىلەرنى يېڭى ھاياتلىق يولىغا يېتەكلىگەن خۇدا ئۆزى باشلىغان بۇ ياخشى ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەيسا مەسىھ قايتا كېلىدىغان كۈنى تاماملايدۇ. 7مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىم توغرا، دەپ قارايمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىن ئالغان ئورنۇڭلار ناھايىتى مۇھىم. مەيلى مەن زىنداندا كىشەنلىنىپ ياتقان ۋاقتىمدا بولسۇن ياكى سىرتتا خۇش خەۋەرنى قوغداپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن ۋاقتىمدا بولسۇن، ھەممىڭلار مەن بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

3زىندانغا تاشلانغان ئېتىقادچىلارنى ئۇلار بىلەن بىللە زىنداندا تۇرغاندەك ياد ئېتىپ، ياردەم قىلىڭلار. خورلانغانلارنى خۇددى ئۆزۈڭلارمۇ خورلانغاندەك ھېس قىلىپ، ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 10- باب

32خۇدا قەلبىڭلارنى يورۇتقان ئاشۇ كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. شۇ ۋاقىتلاردا، ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇردۇڭلار. 33بەزىدە خەلقىئالەم ئالدىدا ھاقارەت ۋە خارلىنىشلارغا ئۇچرىدىڭلار. بەزىدە ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلار تەرەپتە تۇردۇڭلار. 34مەھبۇس ئېتىقادچىلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار. مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندىمۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ گۈزەل، باقىي بايلىققا ئىگە بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلگەچكە، خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىڭلار. 35شۇنىڭ ئۈچۈن، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار. بۇ جاسارەتنىڭ ئىنئامى ئىنتايىن زوردۇر. 36خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن، سەۋر قىلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى