مۇھەببەت

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 10- باب

12ئۆچمەنلىك جېدەل-ماجىرا قوزغار،

مېھىر-مۇھەببەت بارلىق گۇناھلارنى ياپار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 15- باب

17ئۆچ-ئاداۋەت ئىچىدە بوردىغان مالنىڭ گۆشىنى يېگەندىن كۆرە،

ئەۋزەلدۇر كۆكتات يېگەن مېھىر-مۇھەببەت ئىچرە. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 17- باب

9مۇھەببەتنى چىڭايتار گۇناھنى كەچۈرگۈچى،

يېقىن دوستىدىن ئايرىلار كونا خاماننى سورىغۇچى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 22- باب

34پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ سادۇقىيلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر يەرگە جەم بولۇشتى. 35ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيسانى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:

36_ ئۇستاز، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەمر قايسى؟ _ دەپ سورىدى.

37ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ «پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن.» 38ئالدىنقى ۋە ئەڭ مۇھىم ئەمر مانا شۇ. 39ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىم يەنە بىر ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.» 40پۈتۈن تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى بۇ ئىككى ئەمرنى ئاساس قىلغان. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 15- باب

12مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەندەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. 13ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت يوقتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 13- باب

1گەرچە مەن يەر-يۈزىدىكى ھەرقانداق تىلدا، ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرىدا سۆزلىيەلىسەممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، سۆزلىرىم قۇلاققا خۇش ياقمايدىغان داقا-دۇمباق ياكى يېقىمسىز قوڭغۇراق ئاۋازىدەك بولۇپ قالىدۇ. 2گەرچە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىم بولسىمۇ، دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىرلىرىنى بىلسەممۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرگە ئىگە بولساممۇ ۋە تاغلارنى ئورنىدىن قوزغىتالايدىغان كامىل ئىشەنچىم بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بىر ئادەم بولۇپ قالىمەن. 3گەرچە پۈتۈن مېلىمنى سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتسەممۇ، ھەتتا خۇدانىڭ خىزمىتىدە جېنىمنى قۇربان قىلىپ، تېنىمنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشىگە رازى بولساممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، بۇ قىلغانلىرىمنىڭ ماڭا ھېچ پايدىسى يوقتۇر.

4مېھىر-مۇھەببەت سەۋرچان ۋە مېھرىباندۇر. مېھىر-مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ، ماختانچاقلىق ۋە تەكەببۇرلۇقمۇ قىلمايدۇ. 5مېھىر-مۇھەببەت ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. 6مېھىر-مۇھەببەت ناھەقچىلىكتىن خۇرسەن بولمايدۇ، ئەكسىچە ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ. 7مېھىر-مۇھەببەت ھەممىگە بەرداشلىق بېرىدۇ، ھەممىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، ھەممە ئىشتا ئۈمىدۋار ۋە چىداملىق بولىدۇ.

8مېھىر-مۇھەببەت مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىدىغان قابىلىيەت بولسا ھامان ئاخىرلىشىدۇ. مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەش ئاخىر توختايدۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرمۇ ئاخىرلىشىدۇ. 9چۈنكى، بۇ ئالاھىدە بىلىملەر چەكلىكتۇر. شۇنداقلا، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىمىزمۇ چەكلىكتۇر. 10بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى كەلگەندە، بۇنداق چەكلىك قابىلىيەتلەرنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ. 11بۇ خۇددى بالىلىق ۋاقتىمىزدا بالىلارچە سۆزلەپ، بالىلارچە ئويلاپ، بالىلارچە مۇھاكىمە قىلىپ، چوڭ بولغىنىمىزدا بالىلىقىمىزنى تاشلىغىنىمىزغا ئوخشاشتۇر. 12بىز سۇس كۆرۈنىدىغان ئەينەك ئارقىلىق كۆرۈۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەممە نەرسىنى غوۋا كۆرىمىز. لېكىن، كەلگۈسىدە بولسا يۈزمۇيۈز كۆرىمىز. ھازىر مېنىڭ خۇدا توغرىسىدا بىلىدىغىنىم چەكلىكتۇر، ئۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە خۇدا مېنى تولۇق بىلگەندەك، مەنمۇ ھەممىنى تولۇق بىلىدىغان بولىمەن. 13مانا بۇ دۇنيادا ئېتىقاد، ئۈمىد ۋە مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ بولغىنى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

12خۇدا سىلەرنى سۆيۈپ، «ئۆزۈمگە ئاتىغان خەلقىم» دەپ تاللىغانىكەن، رەھىمدىل، مېھرىبان، كەمتەر، مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولۇڭلار. 13بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا بىركىم سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى ئاغرىتقان بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. رەببىمىز سىلەرنى كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار. 14ئەڭ مۇھىمى، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇڭلار. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت بىر-بىرىمىزنى باغلاپ، مۇكەممەل ئىناقلىققا باشلايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 2- باب

8مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمرگە، يەنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بۇ قانۇنىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. 9لېكىن، باشقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ ئاشۇ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 4- باب

8ھەممىدىن مۇھىمى، بىر-بىرىڭلارغا سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇن گۇناھلارنى كەچۈرگۈزۈۋېتىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

16بىز مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلىقىدىن بىلەلەيمىز. شۇڭا، بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. 17ئەگەر مال-دۇنياسى بار بولغان كىشى قېرىندىشىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟ 18ئەزىز بالىلىرىم، قۇرۇق سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەت بىلەن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 4- باب

16بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇپ يېتىمىز ۋە بۇنىڭدىن گۇمانلانمايمىز. خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. شۇڭا، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشىغان كىشى خۇدادا ياشايدۇ، خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ. 17مۇشۇنداق بولغاندا، مېھىر-مۇھەببەت بىزدە مۇكەممەللىشىدۇ. قىيامەت كۈنى، خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرىكىمىز توق بولىدۇ. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك، ھازىر بىزمۇ بۇ دۇنيادا شۇ مېھىر-مۇھەببەتتىن بەھرىمەندۇرمىز. 18مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ بولمايدۇ. مېھىر-مۇھەببەت مۇكەممەل بولسا، قورقۇنچنى يوققا چىقىرىدۇ. چۈنكى، قورقۇنچ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، قورقۇنچ بار كىشىدە مېھىر-مۇھەببەت مۇكەممەل ئەمەستۇر.

19بىزنىڭ قەلبىمىز مېھىر-مۇھەببەتلىك، چۈنكى خۇدا ئالدى بىلەن بىزگە مېھىر-مۇھەببەتلىك بولدى. 20ئەگەر بىرى، «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى، كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغان قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن كىشى كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟ 21شۇڭا، خۇدا بىزگە: «خۇدانى سۆيگەن كىشى قېرىندىشىنىمۇ سۆيسۇن» دەپ ئەمر قىلغان. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى