پەرزەنتلەر

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 20- باب

12ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇ چاغدا مەن ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 1- باب

8ئەي ئوغلۇم، تەربىيىسىگە قۇلاق سال ئاتاڭنىڭ،

تەلىمىگە بىپەرۋالىق قىلما ئاناڭنىڭ.

9ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيىسى بېشىڭغا تاقالغان تاجدۇر،

بوينۇڭغا ئېسىلغان ئالتۇن زەنجىردۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 13- باب

20دانالار بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار،

ھاماقەتلەرگە ھەمراھ بولغان زىيانغا ئۇچرار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 20- باب

11ئايان قىلار ھەتتا بالىمۇ قىلىقلىرىدىن ئۆزىنى،

ھەرىكىتىدە پاكلىق ۋە توغرىلىقنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 6- باب

20ئەي ئوغلۇم، ئەمەل قىل بۇيرۇقىغا ئاتاڭنىڭ،

چىقما تەلىمىدىن ئاناڭنىڭ.

21ئورنىتىپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى قەلبىڭگە،

ئېسىۋال مارجان قىلىپ بوينۇڭغا.

22نەگىلا بارساڭ، يول باشلار ئۇ ساڭا،

قوغدار سېنى ئۇخلىغىنىڭدا،

مەسلىھەت بېرەر ساڭا ئويغانغىنىڭدا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 19- باب

27ئەي ئوغلۇم، توختاتساڭ نەسىھەت ئاڭلاشنى،

قاچۇرغىنىڭدۇر ئىلىم-ھېكمەتتىن ئۆزۈڭنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 23- باب

22ئاڭلا سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى،

كەمسىتمە ئاناڭ ياشانغاندا ئۇنى.

23بەدەل تۆلىسەڭمۇ ھەقىقەتنى تاپ، ساتما ئۇنى،

تاپ ھەم دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتنى.

24ھەققانىي ئوغلى بولغان ئاتا زور خۇشاللىق تاپار،

ئاقىل ئوغۇل تاپقان ئاتا ئۇنىڭدىن شادلىققا تولار.

25ئاتا-ئاناڭ سەندىن خوش بولسۇن!

سېنى تۇغقان ئاناڭ شادلانسۇن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 3- باب

11ئەي ئوغلۇم، باش تارتما پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىدىن،

بىزار بولما ئۇنىڭ تەنبىھىدىن.

12چۈنكى ئاتا تەربىيىلىگەندەك ئەتىۋارلىق ئوغلىنى،

پەرۋەردىگارمۇ تەربىيىلەر سۆيگەنلىرىنى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 19- باب

13قولىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق، شاگىرتلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى. 14ھەزرىتى ئەيسا:

_ بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر، _ دېدى. 15ھەزرىتى ئەيسا قوللىرىنى ئۇلارغا تەگكۈزۈپ بەخت تىلىگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىن ئايرىلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 6- باب

1ئەي بالىلار، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. بۇ، سىلەرنىڭ بۇرچۇڭلاردۇر. 2مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرزنى ئادا قىلىڭلار. بۇ، خۇدانىڭ بىر ۋەدە بىلەن باغلاپ بەرگەن دەسلەپكى پەرزىدۇر. 3بۇ ۋەدە شۇكى، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلساڭلار، «بەختلىك بولىسىلەر ۋە بۇ دۇنيادا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.» [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

20ئەي بالىلار، ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. چۈنكى بۇ، رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 4- باب

12باشقىلار سېنى ياش، دەپ ساڭا سەل قارىمىسۇن. سەن سۆزلىرىڭدە، ئەمەلىيىتىڭدە مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بول. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى