يوقالغان قوي

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 18- باب

12ئويلاپ بېقىڭلارچۇ؟ بىر ئادەمنىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى ئادىشىپ قالسا، ئۇ توقسان توققۇز قوينى تاغقا تاشلاپ، ھېلىقى ئاداشقان قويىنى ئىزدىمەمدۇ؟ 13بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر ئۇنى تېپىۋالسا، ئۇ قوي ئۈچۈن بولغان خۇشاللىقى ئاداشمىغان توقسان توققۇزى ئۈچۈن بولغان خۇشاللىقىدىن چوڭ بولىدۇ. 14شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ بۇ سەبىيلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئېزىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 15- باب

4_ ئەگەر ئىچىڭلاردا بىرەيلەننىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى يوقىلىپ كەتكەن بولسا، ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ جەزمەن قالغان توقسان توققۇز قوينى ئوتلاققا تاشلاپ، ھېلىقى يوقالغان قويىنى تېپىلغۇچە ئىزدەيدۇ. 5تېپىۋالغاندا، ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ، قوينى مۈرىسىگە ئارتىپ، 6ئۆيىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئاندىن، قولۇم-قوشنا، يار-بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «يوقالغان قويۇمنى تېپىۋالغىنىمغا ئىنتايىن خۇشالمەن! تەبرىكلەيلى!» دەيدۇ. 7مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلغان بىر گۇناھكار ئۈچۈن بولىدىغان ئەرشتىكى خۇرسەنلىك توۋا قىلىشى ھاجەتسىز بولغان توقسان توققۇز ئادىل كىشى ئۈچۈن بولىدىغان ئەرشتىكى خۇرسەنلىكتىن چوڭ بولىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى