« ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى »

21

پاۋلۇسنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشى

1بىز ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، كېمە بىلەن ئۇدۇل قوس ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق. ئەتىسى، رودوس ئارىلىغا، ئۇ يەردىن پاتارايا شەھىرىگە باردۇق. 2پاتارايادا فەنىكىيە رايونىغا بارىدىغان بىر كېمىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق. 3سىپرۇس ئارىلى كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەنۇبىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، سۈرىيە ئۆلكىسىگە قاراپ مېڭىپ، تىر شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىقتۇق. چۈنكى، كېمە بۇ يەردە يۈكىنى چۈشۈرەتتى. 4بۇ يەردىكى ئېتىقادچىلاردىن بەزىلىرىنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەتتە كۈن تۇردۇق. مۇقەددەس روھ ئۇلارغا پاۋلۇسنىڭ يېرۇسالېمدا تارتىدىغان ئازابلىرىدىن خەۋەر بەرگەنىدى، شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭغا يېرۇسالېمغا بارما، دەپ نەسىھەت قىلدى. 5بىراق، بىز ئۇ يەردە بىر ھەپتە تۇرغاندىن كېيىن، سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ئېتىقادچىلار ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنىڭ ھەممىسى بىزنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئۇزىتىپ چىقتى. ھەممەيلەن دېڭىز بويىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىللە دۇئا قىلدۇق. 6خوشلاشقاندىن كېيىن، بىز كېمىگە چىقتۇق، ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

7تىر شەھىرىدىن دېڭىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، پىتولىماي شەھىرىگە كەلدۇق. ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن تۇردۇق. 8ئەتىسى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، كېمە بىلەن قەيسەرىيە شەھىرىگە كېلىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى فىلىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوندۇق. ئۇ بۇرۇن يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن خىزمەتكە تاللانغان يەتتە كىشىنىڭ بىرى ئىدى. 9بۇ كىشىنىڭ خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزەلەيدىغان، تېخى تالالىق بولمىغان تۆت قىزى بار ئىدى. 10بىز ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر كەلدى. 11بۇ كىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ، پاۋلۇسنىڭ بەلۋېغىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ:

_ مۇقەددەس روھ دېدىكى، بۇ بەلۋاغنىڭ ئىگىسى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيلار تەرىپىدىن مۇشۇنداق باغلىنىپ، رىملىقلارنىڭ سوراق قىلىنىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ! _ دېدى.

12بىز بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۇ يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە پاۋلۇسنى يېرۇسالېمغا بارماسلىققا ئۈندىدۇق. 13لېكىن، پاۋلۇس:

_ سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەببىمىز ئەيسا ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشقىلا ئەمەس، ئۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

14بىز ئۇنى قايىل قىلالماي، بولدى قىلدۇق ۋە:

_ خۇدانىڭ خالىغىنىدەك بولسۇن! _ دېدۇق.

15ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، يۈك-تاقىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، يېرۇسالېمغا باردۇق. 16قەيسەرىيىلىك ئېتىقادچىلاردىن بىرنەچچىسى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ، يېرۇسالېمدا بىزنى مىناسون ئىسىملىك بىر سىپرۇسلۇقنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باردى. بۇ كىشى كونا ئېتىقادچىلاردىن ئىدى.

پاۋلۇسنىڭ ياقۇپ بىلەن كۆرۈشۈشى

17يېرۇسالېمدا ئېتىقادچىلار بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى. 18ئەتىسى، بىز پاۋلۇس بىلەن بىللە ياقۇپنى كۆرگىلى باردۇق. ياقۇپ بىلەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى باشقا يېتەكچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلغانىدى. 19پاۋلۇس ئۇلار بىلەن ئامانلاشقاندىن كېيىن، خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ئىچىدە ئۆزى ئارقىلىق قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۇلارغا تەپسىلىي مەلۇم قىلدى. 20بۇلارنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، پاۋلۇسقا:

_ ئەي قېرىنداش، يېرۇسالېمدا ئەھۋال مۇنداق: يەھۇدىيلار ئىچىدە نەچچە مىڭلىغان كىشى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ. 21ئۇلارنىڭ ئاڭلىشىچە، سىز يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغان پۈتۈن يەھۇدىيلارغا بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرماسلىقىنى، يەھۇدىيلارنىڭ باشقا ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئۆگىتىپ، تەۋراتنى چۆرۈۋېتىپسىز! 22شۇڭا، بۇ يەردىكى يەھۇدىيلار سىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭىزنى ئاڭلىسا، سىزگە چوقۇم زىيانكەشلىك قىلماي قالمايدۇ! ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ 23بىزنىڭچە مۇنداق قىلسىڭىز: ئارىمىزدا خۇدانى رازى قىلىش ئۈچۈن قەسەم بەرگەن تۆت ئادەم* بار. 24سىز ئۇلارنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تەۋراتتىكى تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىدىن ئۆتۈڭ، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق چىقىملىرىنى ئۆزىڭىز كۆتۈرۈڭ. قۇربانلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار قەسەملىرىنىڭ ئادا بولغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چاچلىرىنى چۈشۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خالايىق سىز توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدۇ ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭمۇ تەۋراتقا رىئايە قىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرىدۇ. 25يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلمىسىمۇ بولىدۇ. پەقەتلا ئۆتكەنكى خېتىمىزدە تاپىلىغىنىمىزدەك، بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى يېمىسۇن، قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنىمۇ يېمىسۇن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمىسۇن، _ دېيىشتى.

26بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ تۆت كىشىنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۇلار بىلەن بىللە تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئۆتكۈزۈشكە باردى. ئۇ مەركىزىي ئىبادەتخانىغا كىرىپ، روھانىيلارغا ئۆزلىرىنىڭ پاكلىنىش مۇددىتىنىڭ توشۇپ، ھەرقايسىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىدىغان كۈننى مەلۇم قىلىپ قويدى.

پاۋلۇسنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدا تۇتقۇن قىلىنىشى

27يەتتە كۈنلۈك مۇددەت توشۇشقا ئاز قالغاندا، ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ، جامائەتنى قۇترىتىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىپ:

28_ ئەي ئىسرائىللار، ياردەمدە بولۇڭلار! بۇ ئادەم ھەممە يەردە خەلقىمىزگە، تەۋرات قانۇنىمىزغا ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزغا قارشى سۆزلەرنى تارقىتىۋاتىدۇ. ئەمدىلىكتە، ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنى مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزغا باشلاپ كىرىپ، بۇ مۇقەددەس جاينى بۇلغىماقتا! _ دەپ چۇقان كۆتۈردى. 29(ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار يەھۇدىي ئەمەس ئەفەسلىك تروفىمنى پاۋلۇس بىلەن بىللە شەھەردە كۆرۈپ، پاۋلۇس ئۇنى مەركىزىي ئىبادەتخانىغا باشلاپ كىردى، دەپ خاتا ئويلىغانىدى.)

30شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر تەۋرەپ كەتتى. تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كەلگەن خالايىق پاۋلۇسنى تۇتۇپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ئىبادەتخانىدا قالايمىقانچىلىق چىقمىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى دەرھال تاقىۋەتتى. 31توپىلاڭچىلار پاۋلۇسنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، پۈتۈن يېرۇسالېمنىڭ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق رىم لەشكەرلىرىنىڭ قوماندانىغا يېتىپ باردى. 32قوماندان دەرھال لەشكەر ۋە بىرقانچە يۈزبېشىنى ئېلىپ، توپىلاڭ بولۇۋاتقان يەرگە يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇلارنى كۆرگەن خالايىق پاۋلۇسنى ئۇرۇشنى توختاتتى. 33قوماندان ئالدىغا ئۆتۈپ، لەشكەرلەرنى پاۋلۇسنى تۇتۇپ، ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاشقا بۇيرۇدى. كېيىن، ئۇ:

_ بۇ ئادەم كىم؟ ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ _ دەپ سورىدى.

34توپىلاڭچىلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەر ئۇنى دېسە، بەزىلەر بۇنى دېيىشىپ، قالايمىقانچىلىق بولۇپ كەتتى. شۇڭا، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز قالغان قوماندان ئاخىر پاۋلۇسنى ياندىكى قەلئەگە ئېلىپ كېتىشنى بۇيرۇدى. 35پاۋلۇس قەلئەنىڭ پەلەمپىيىگە كەلگەندە، توپىلاڭچىلار تېخىمۇ زوراۋانلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر ئۇنى قەلئەگە كۆتۈرۈپ ئەكېتىشكە مەجبۇر بولدى. 36ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغان خالايىق:

_ ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار! _ دەپ ۋارقىرىشاتتى.

پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى

37لەشكەرلەر پاۋلۇسنى قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشكە ئاز قالغاندا، پاۋلۇس گرېك تىلىدا قومانداندىن:

_ بىر ئېغىز سۆزۈم بار ئىدى، ئېيتسام بولامدىكىن؟ _ دەپ سورىدى.

_ گرېكچە بىلىدىكەنسەن! 38ئۇنداقتا، ئىلگىرى قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، خەنجەرلىك تۆت مىڭ توپىلاڭچىنى باشلاپ چۆلگە قېچىپ كەتكەن ھېلىقى مىسىرلىق سەن ئوخشىمامسەن؟ _ دەپ سورىدى قوماندان.

39_ ياق! مەن يەھۇدىي! كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان. شۇ مۇھىم شەھەرنىڭ پۇقراسىمەن. خالايىققا بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلىشىمغا ئىجازەت قىلسىڭىز! _ دېدى پاۋلۇس.

40قوماندان ئىجازەت قىلدى. پاۋلۇس پەلەمپەيدە تۇرۇپ، خالايىققا قول ئىشارىتى قىلدى. كۆپچىلىك تىنچىغاندا، ئۇ ئارامىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلىدى.



*23بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنى خۇداغا ۋاقىتلىق ئاتىغانلار بولۇپ، ئۇلار ھاراق ئىچىشتىن ساقلىناتتى، چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇۋېتەتتى. ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، خۇداغا قۇربانلىق قىلىپ چاچلىرىنى كەستۈرۈۋېتەتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى