« لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر »

4

ھەزرىتى ئەيسانىڭ سىنىلىشى

1ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ئۇنى چۆل-باياۋانغا ئېلىپ باردى. 2ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە قىرىق كۈن شەيتان تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ بۇ جەرياندا ھېچ نەرسە يېمىدى. بۇ ۋاقىت توشقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقانىدى.

3بۇنى بىلگەن شەيتان ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشنى نانغا ئايلاندۇرۇپ يە! _ دېدى.

4ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:

_ تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ياشىمايدۇ» دەپ يېزىلغان، _ دېدى.

5شەيتان يەنە ئۇنى ئېگىز جايغا چىقىرىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى كۆرسىتىپ:

6-7_ ئەگەر ماڭا سەجدە قىلساڭ، مانا بۇ دۆلەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە شان-شەۋكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا تاپشۇرۇلدى. مەن ئۇنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن، _ دېدى.

8ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن.

9ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا چىقىرىپ، مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ يەردىن سەكرەپ باققىنا! 10چۈنكى، تەۋراتتا: «خۇدا پەرىشتىلىرىگە سېنى قوغداش توغرۇلۇق ئەمر قىلغان، 11پۇتۇڭنىڭ تاشلارغا ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، سېنى قوللىرىدا تۇتۇۋالىدۇ» دەپ يېزىلغان ئەمەسمۇ؟

12_ تەۋراتتا: «رەببىڭلار خۇدانى سىناپ بېقىشقا بولمايدۇ!» دەپمۇ يېزىلغان، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

13شەيتان ھەر خىل ئۇسۇلدا ھەزرىتى ئەيسانى سىناپ ئازدۇرالمىغاندىن كېيىن، ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلاپ كېتىپ قالدى.

ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە

14ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە چۆمگەن ھالدا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ نامى شۇ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقالدى. 15ئۇ ئىبادەتخانىلاردا كىشىلەرگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

16ئۇ ئۆز يۇرتى ناسىرە شەھىرىگە كېلىپ، دەم ئېلىش كۈنى ئادەتتىكىدەك ئىبادەتخانىغا باردى. ئۇ ئۆرە تۇرۇپ مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇماقچى بولغاندا، 17ئىبادەتخانا خىزمەتچىسى ئۇنىڭغا يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى بەردى. ئۇ ئۇنى ئېچىپ، مۇنۇ ئايەتلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى:

18-19«خۇدانىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا. چۈنكى، ئۇ مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللاپ، كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلدى.

ئۇ مېنى تۇتقۇنلارغا: ‹ئازاد بولىسىلەر!›، قارىغۇلارغا: ‹كۆرەلەيدىغان بولىسىلەر!› دەپ جاكارلاشقا ئەۋەتتى.

خۇدا مېنى ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشكە، خۇدانىڭ خەلقىنى قۇتقۇزۇش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتتى.»

20ھەزرىتى ئەيسا يازمىنى يېپىپ ئىبادەتخانا خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، تەلىم بەرگىلى ئولتۇردى. پۈتۈن ئىبادەتخانىدىكىلەر كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرۇشتى. 21ئۇ كۆپچىلىككە:

_ سىلەر ئاڭلىغان بۇ ئايەت بۈگۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، _ دېدى.

22بۇنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى. بىراق، بەزىلەر:

_ قانداق گەپ؟ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ _ دېيىشتى.

23ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

_ سىلەر چوقۇم ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى ئەسلىتىپ، «كەپەرناھۇم شەھىرىدە ياراتقان مۆجىزىلىرىڭدىن خەۋەر تاپتۇق. ئەمدى ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ بىرەر كارامەت كۆرسەتمەمسەن؟» دېمەكچى بولۇۋاتىسىلەر. 24بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتىدا ھەرگىز قارشى ئېلىنمايدۇ. 25ئىلياس پەيغەمبەر ۋاقتىدا، ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي يامغۇر ياغماي، ئىسرائىلىيىنىڭ ھەممە يېرىدە قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ يەردىمۇ ئاچارچىلىقتا قالغان نۇرغۇن بىچارە تۇل ئاياللار بار ئىدى. 26بىراق، ئۇلار خۇدانى رەت قىلغاچقا، گەرچە ئىلياس پەيغەمبەر يەھۇدىي بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلمىگەن. ئەكسىچە، سىدون ۋىلايىتىنىڭ زارىفات شەھىرىدىكى يەھۇدىي بولمىغان ھېلىقى تۇل ئايالغىلا مۆجىزە كۆرسىتىشكە ئەۋەتىلگەن.

27يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش، ئېلىشا پەيغەمبەر زامانىدا، ئىسرائىلىيىدە ماخاۋ كېسىلىگە* گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار خۇدانى رەت قىلغاچقا، ئېلىشا پەيغەمبەر ھېلىقى سۇرىيىلىك نائامان ئىسىملىك يەھۇدىي بولمىغان كىشىنىلا ساقايتىشقا ئەۋەتىلگەن! _ دېدى.

28ئىبادەتخانىدىكىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ «خۇدا ئەمدى سىلەرگە ئەمەس، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ!» دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ، دەرغەزەپكە كەلدى. 29ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى يار ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا ھەيدەپ ئاپىرىپ، ياردىن يىقىتىپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. 30بىراق، ھەزرىتى ئەيسا كىشىلەر ئارىسىدىن بىمالال مېڭىپ چىقىپ كەتتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ جىنلارنى ھەيدىۋېتىشى

31ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم شەھىرىگە قايتىپ باردى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلار دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، خەلققە تەلىم بېرىپ تۇردى. 32ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغانلار ھەيران قېلىشتى. چۈنكى، ئۇنىڭ تەلىملىرى نوپۇزلۇق ئىدى. 33ئىبادەتخانىدا جىن چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى جىنلار:

34_ ئەي ناسىرەلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! بىزنى يوقاتماقچىمۇسەن؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن. خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسەن! _ دەپ توۋلاپ كەتتى.

35بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىكى جىنغا بۇيرۇق قىلىپ:

_ ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق! _ دېدى. جىن ھېلىقى ئادەمنى كىشىلەر ئالدىدىلا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنى ھېچنېمە قىلماي تېنىدىن چىقىپ كەتتى.

36بۇنىڭدىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك بىر-بىرىگە:

_ ئۇنىڭ سۆزلىرى نېمىدېگەن كۈچلۈك! ئۇ دەرۋەقە جىنلارغا بۇيرۇق قىلىش نوپۇزى ۋە قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەن! جىنلار راستتىنلا چىقىپ كەتتى، _ دېيىشتى. 37شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى شۇ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتىشى

38ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپ سىمۇننىڭ ئۆيىگە بارغاندا، سىمۇننىڭ قېينانىسى كېسەل بولۇپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغانىدى. شۇڭا، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن ئۇنى ساقايتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىدى. 39ھەزرىتى ئەيسا كېسەل ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قىزىتمىسىنىڭ يېنىشىنى بۇيرۇدى. قىزىتما شۇ ئان يېنىپ كەتتى. ئۇ ئايال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.

40كۈن پېتىش ۋاقتىدا، كىشىلەر ھەر خىل كېسەللەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قولىنى بىر-بىرلەپ تەگكۈزۈپ قويغانىدى، ئۇلار ساقىيىپ كەتتى. 41كىشىلەرنىڭ تېنىدىن چىققان جىنلار: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەيتتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا بولسا ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشىغا يول قويمىدى.

42تاڭ ئاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا شەھەردىن چىقىپ، تىنچ بىر جايغا كەتتى. كۆپچىلىك ئۇنى ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاخىر تاپتى ۋە ئۇنى كەتكۈزمەي ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرغۇزماقچى بولۇشتى. 43لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ باشقا شەھەر-يېزىلارغىمۇ بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقىتىشىم كېرەك. چۈنكى، خۇدا مېنى بۇ خىزمەت بىلەن ئەۋەتكەن، _ دېدى.

44شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا يەھۇدىيلارنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بەردى.



*27ماخاۋ كېسىلى _ بىر خىل قورقۇنچلۇق تېرە كېسىلى بولۇپ، يەھۇدىيلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى ناپاك، دەپ قارايتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى