سوئال

ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى

« زەبۇر » 103- مۇناجات

1ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقىن مېنىڭ ئەي قەلبىم،

تەرىپلىگىن ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىنى ئەي ۋۇجۇدۇم.

2ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقىن مېنىڭ ئەي قەلبىم،

ئۇنتۇمىغىن خۇدانىڭ شەپقىتىنى ھەر دائىم.

3كەچۈرەر ئۇ بارلىق گۇناھلىرىڭنى،

ساقايتار ھەرقانداق كېسەللىرىڭنى.

4ئۇ قۇتقۇزار ئۆلۈمدىن ھاياتىڭنى،

ياغدۇرار ھەم مۇھەببىتى، رەھىمدىللىقىنى.

5ئۇ سېنى بەرىكىتىدە مەمنۇن قىلار ئۆمۈر بويى،

ياش چېغىڭدەك كۈچ-قۇۋۋىتىڭ ئۇرغۇپ تۇرار بۈركۈت كەبى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

28ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. 29مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن. شۇڭا، مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. 30مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، تەلىپىم ئېغىر ئەمەس. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 5- باب

8ئەيسا مەسىھ بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدىلا، بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى. مانا بۇ ئارقىلىق خۇدا ئۆزىنىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىسپاتلىدى. 9بىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. شۇنداق ئىكەن، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ ئېنىقتۇر. 10بىز بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن ئىدۇق. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. بىز خۇدا بىلەن يارىشىۋالغانىكەنمىز، ئۇنداقتا ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەن ھاياتى ئارقىلىق خۇدانىڭ جازاسىدىن چوقۇم قۇتۇلدۇرۇلىمىز. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 5- باب

17بىر كىشى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولىدىكەن، ئۇ يېڭىدىن يارالغان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ كونا ھاياتى ئاخىرلىشىپ، يېڭىسى باشلانغان بولىدۇ. 18بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدادىندۇر. خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى، شۇنداقلا بىزگە كىشىلەرنى ئۆزى بىلەن يارىشىشقا چاقىرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. 19دېمەك، خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېساب ئالماي، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى، شۇنداقلا ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇلۇش ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى بىزگە ئامانەت قىلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 2- باب

1سىلەر بۇرۇن خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئىچىدە ياشىغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلۈك ئىدىڭلار. 2ئۇ چاغلاردا، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ يامان يوللىرىدا ماڭغانىدىڭلار، يامان روھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ھەمدە كىشىلەرنى خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرىدىغان شەيتانغا بويسۇنۇپ ياشىدىڭلار. 3بۇرۇن ھەممىمىز ھەم شۇنداق ياشىغانىدۇق. ئۆز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ، شەخسىيەتچىلىككە تولغان ئوي-خىياللىرىمىز بويىچە ياشايتتۇق. شۇڭا، بىزمۇ خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچراشقا لايىق ئىدۇق.

4لېكىن، ئىنتايىن رەھىم-شەپقەتلىك بولغان خۇدا بىزنى شۇ قەدەر سۆيگەچكە، 5گەرچە بىز گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلگەن بولساقمۇ، خۇدا بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ھالدا يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر پەقەت ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 1- باب

13ئۇ بىزنى شەيتاننىڭ زۇلۇم-زەخمىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا ئېلىپ كىردى. 14بىز ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى ئارقىلىق گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن بولدۇق، يەنى گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىندى. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 1- باب

21ئىلگىرى سىلەرمۇ خۇدادىن ئايرىلىپ، قىلغان يامان ئوي-پىكرىڭلار ۋە ئىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەشكەنىدىڭلار. 22بىراق، ھازىر خۇدا ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسان تېنىدە كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئالدىدا پاك، قۇسۇرسىز ۋە ئەيىبسىز بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 1- باب

8گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ھەقىقەت قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. 9گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئىشەنچلىك ۋە ئادىل خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاك قىلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر