سوئال

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 28- باب

9پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە كىمكى قۇلاق سالمىسا،

ئۇنىڭ دۇئالىرىمۇ يىرگىنچلىكتۇر ھەتتا. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 6- باب

12شۇنداق ئىكەن، گۇناھ ھەرگىزمۇ ھامان ئۆلىدىغان تېنىڭلارنى باشقۇرمىسۇن. بولمىسا، ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ كېتىسىلەر. 13تېنىڭلارنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسىنى يامان ئىشلارغا قورال قىلىپ، گۇناھقا تۇتۇپ بەرمەڭلار. ئەكسىچە، ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاڭلار. چۈنكى، سىلەر ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلدۈڭلار. تېنىڭلارنىڭ ھەربىر ئەزاسىنى ھەققانىي ئىشلارنىڭ قورالى قىلىڭلار. 14گۇناھ سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانىڭلار ئەمەس. چۈنكى، سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزنى گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس قىلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىتۇسقا يېزىلغان خەت » 1- باب

16ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز، دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيىتىدە ئۇنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە بويسۇنمايدىغان يىرگىنچلىك كىشىلەر بولۇپ، قولىدىن ھېچقانداق ياخشى ئىش كەلمەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

18ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئەيسا مەسىھ گۇناھ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھەممىمىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز گۇناھكارلارنىڭ ئورنىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ بىرلا قېتىملىق قۇربانلىق قىلىنىشى بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلدى. ئۇنىڭ تېنى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى تىرىلدۈرۈلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

8لېكىن، گۇناھ سادىر قىلىۋېرىدىغان كىشى شەيتانغا مەنسۇپتۇر. چۈنكى، شەيتان ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشتىكى مەقسىتى شەيتاننىڭ قىلمىشلىرىنى يوقىتىشتۇر. 9خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان كىشى گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭدا خۇدانىڭ تەبىئىتى مەۋجۇت بولغاچقا، گۇناھ سادىر قىلىۋېرەلمەيدۇ. 10ھەققانىي يول تۇتمايدىغان ياكى قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمەيدىغان كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى ئەمەستۇر. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن شەيتاننىڭ پەرزەنتلىرى مانا مۇشۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 1- باب

8گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ھەقىقەت قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. 9گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئىشەنچلىك ۋە ئادىل خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاك قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 2- باب

1ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەرنى گۇناھ سادىر قىلمىسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى يازماقتىمەن. مۇبادا بىرىمىز گۇناھ سادىر قىلساق، ئاقلىغۇچىمىز بولغان ئادىل ئەيسا مەسىھ ئەرشتىكى ئاتىمىزنىڭ ئالدىدا بىزنى ئاقلايدۇ. 2ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشى پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر