غېرىبلىق

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 2- باب

18كېيىن، پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ياردەمچى ھەمراھ يارىتاي» دېدى. [داۋامى]

« زەبۇر » 23- مۇناجات

4ئۆتسەممۇ گەر ئۆلۈم سايە تاشلاپ تۇرغان جىلغىلاردىن،

ئۆزۈڭ ماڭا يار بولغاچ قورقماسمەن خەتەرلەردىن،

ھاساڭ بىلەن تايىقىڭ خالاس قىلار تەشۋىشلەردىن. [داۋامى]

« زەبۇر » 121- مۇناجات

1كۆزلىرىمنى تىكىمەن تاغلارغا،

قەيەردىن كېلەر دەپ ياردەم ماڭا.

2پەرۋەردىگارلا قىلار ياردەمنى،

ئۇ ياراتقاندۇر ئاسمان-زېمىننى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 28- باب

20ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

16مەنمۇ خۇدائاتامدىن سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن. ئۇ سىلەر بىلەن مەڭگۈ بىرگە تۇرىدۇ. 17ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتكە باشلىغۇچى _ مۇقەددەس روھتۇر. ئۇنى بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى كۆرمەيدۇ، تونۇمايدۇ. بىراق، سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ دائىم سىلەر بىلەن بىللە تۇرىدۇ ھەم سىلەردە ياشىماقچى.

18مەن سىلەردىن ئايرىلغاندا، سىلەرنى يېتىم قالدۇرمايمەن. سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن. 19ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى كۆرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۆرىسىلەر. مەن ھايات بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرمۇ ھايات بولىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 8- باب

35ھېچكىم بىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ! ھەرقانداق قىيىن ئەھۋال، جاپا-مۇشەققەت، زىيان-زەخمەت، ئاچ-يالىڭاچلىق ۋە خېيىمخەتەر، ھەتتا قىلىچمۇ بىزنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ! 36خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

«سېنى دەپ كۈن بويى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرۇۋاتىمىز

سويۇلىدىغان قويلار ئورنىدا قارىلىۋاتىمىز.»

37لېكىن، بىزنى سۆيىدىغان خۇدانىڭ كۈچى بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدىن پۈتۈنلەي غەلىبە قىلىمىز. 38شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئۆلۈم ياكى ھاياتلىق بولسۇن، پەرىشتىلەر ياكى جىن-شەيتانلار بولسۇن، ھازىرقى ياكى كەلگۈسىدىكى ھەرقانداق ئىشلار بولسۇن، ياكى روھلار دۇنياسىدىكى ھەرقانداق كۈچلەر بولسۇن، 39ياكى پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان باشقا ھەرقانداق بىر شەيئى بولسۇن، مەيلى بىز ئېگىز ئاسماندا ياكى چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىدە بولايلى، بىزنى خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

4رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەمىشە شاد-خۇرام بولۇڭلار. يەنە تەكرارلايمەنكى، شاد-خۇرام بولۇڭلار! 5خۇش پېئىللىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن. ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى. 6ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار. 7شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تىنچلاندۇرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 4- باب

16بىرىنچى قېتىم سوتلانغىنىمدا، ماڭا ياردەم قىلىدىغانلار چىقمىدى، ئەكسىچە ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. خۇدا ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغاي. 17لېكىن، خۇدا مەن بىلەن بىللە بولۇپ، ماڭا خۇش خەۋەرنى تولۇق جاكارلاشقا مەدەت بەردى. نەتىجىدە، ئۇ يەردىكى ھەممە يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا مېنى بۇ قېتىمقى سوتتىن، يەنى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. 18رەببىمىز مېنى ھەر خىل يامانلىقلاردىن قۇتقۇزۇپ، ئەرشتىكى ئۆز پادىشاھلىقىغا بىخەتەر يەتكۈزگەي. بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى