سەۋرچانلىق

« زەبۇر » 37- مۇناجات

7سەۋر بىلەن سۈكۈت قىلىپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى،

بىئارام بولمىغىن روناق تاپقان رەزىللەردىن،

ھارام پىلانى ئەمەلگە ئاشقانلاردىن.

8يانغىن ئاچچىقىڭدىن، باسقىن غەزىپىڭنى،

بىسەرەمجان بولما، بىئاراملىق ئېلىپ كېلەر پەقەت يامانلىقنى.

9زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ رەزىللىك قىلغۇچىلار،

ئەمما زېمىنغا ئىگە بولىدۇ ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 15- باب

18تېرىككەك جېدەل چىقىرار،

سەۋرچان تالاش-تارتىشلارنى تىنچلاندۇرار. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 12- باب

12ئۈمىد ئىچىدە شاد-خۇرام ياشاڭلار، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىڭلار. ھەر ۋاقىت دۇئادا بولۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 13- باب

4مېھىر-مۇھەببەت سەۋرچان ۋە مېھرىباندۇر. مېھىر-مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ، ماختانچاقلىق ۋە تەكەببۇرلۇقمۇ قىلمايدۇ. 5مېھىر-مۇھەببەت ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. 6مېھىر-مۇھەببەت ناھەقچىلىكتىن خۇرسەن بولمايدۇ، ئەكسىچە ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ. 7مېھىر-مۇھەببەت ھەممىگە بەرداشلىق بېرىدۇ، ھەممىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، ھەممە ئىشتا ئۈمىدۋار ۋە چىداملىق بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 5- باب

22ۋەھالەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاشنىڭ بېرىدىغان مېۋىلىرى مېھىر-مۇھەببەت، خۇشال-خۇراملىق، تىنچ-ئامانلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، سادىقلىق، 23مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇلار ھېچقانداق قانۇنغا زىت ئەمەستۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 2- باب

24رەببىمىزنىڭ خىزمەتكارى جېدەلخور بولماسلىقى، ئەكسىچە ھەممىگە مېھرىبان ۋە تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەك. 25رەببىمىزنىڭ تەلىمىگە قارشى تۇرغانلارغىمۇ مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلىش كېرەك. بەلكىم خۇدا ئۇلارغا ھەقىقەتنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن توۋا قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. 26بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئارزۇسىغا يەتمەكچى بولغان شەيتاننىڭ تورىدىن قۇتۇلالايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 10- باب

35شۇنىڭ ئۈچۈن، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار. بۇ جاسارەتنىڭ ئىنئامى ئىنتايىن زوردۇر. 36خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن، سەۋر قىلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. 37چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا مۇنداق دېگەن:

«كەلگۈچى پات يېقىندا كېلىدۇ، كېچىكمەيدۇ.

38مەن ‹ھەققانىي› دېگەن ئادەم، ئېتىقادى بىلەن ياشايدۇ.

ئەگەر ئۇ ئېتىقادىدىن يانسا، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولمايمەن.»

39بىراق، بىز ئېتىقادىدىن يېنىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد قىلىپ قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىدىغانلاردىندۇرمىز. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 1- باب

19قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلاشتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن. 20چۈنكى، غەزەپلەنسەڭلار، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھەققانىي ئىشلارنى قىلالمايسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 5- باب

7-8شۇڭا، قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا قايتا كېلىدىغان كۈنگىچە سەۋر-تاقەت قىلىپ تۇرۇڭلار. دېھقانلار مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن باھار ۋە كۈز يامغۇرلىرىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتكىنىگە ئوخشاش، سىلەرمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈڭلار. ئىرادەڭلار مۇستەھكەم بولسۇن. چۈنكى، رەببىمىز ئەيسانىڭ قايتا كېلىشىگە ئاز قالدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى