« سامۇئىل بىرىنچى قىسىم »

4

فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قولغا چۈشۈرۈشى

1ئۇ چاغلاردا فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلغانىدى، ئىسرائىللار ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. ئىسرائىللار ئەبەنەزەر دېگەن يەردە، فىلىستىيەلىكلەر ئافېق دېگەن يەردە بارگاھ تىكىشتى. 2فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا قارشى سەپ تۈزۈپ جەڭگە ئاتلىنىپ، بىر مەيدان شىددەتلىك ئېلىشىشتىن كېيىن ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى، نەق مەيداندا ئۇلارنىڭ قوشۇنىدىن تۆت مىڭغا يېقىن ئادەمنى ئۆلتۈردى. 3مەغلۇپ بولغان لەشكەرلەر بارگاھقا قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى:

_ نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار بۈگۈن بىزنىڭ فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولۇشىمىزغا يول قويدى؟ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى شىلودىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەيلى، ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا بولسا، بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن قۇتقۇزىدۇ، _ دېدى.

4شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە ئادەم شىلوغا ئەۋەتىلدى، ئۇلار ئىككى «كېرۇب* »نىڭ ئارىسىدىكى «مېھىر-شەپقەت تەختى»دە* ئولتۇرغان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ شۇ يەرگە ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىللە كەلدى. 5پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارگاھقا يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن ئىسرائىللار يەرنى تەۋرەتكۈدەك كۈچلۈك چۇقان كۆتۈرۈشتى. 6فىلىستىيەلىكلەر چۇقاننى ئاڭلاپ:

_ ئىبرانىيلارنىڭ* بارگاھىدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك قاتتىق چۇقان كۆتۈرۈلۈپ كەتتى؟ _ دەپ ھەيران قېلىشتى. كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ بارگاھقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلىپ، 7قورقۇپ كېتىشتى. ئۇلار:

_ ئىلاھلىرى ئۇلارنىڭ بارگاھىغا كەپتۇ، ھالىمىزغا ۋاي! بىز بۇرۇن ھېچقاچان بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغانىدۇق! 8ئەمدى بىزنى كىممۇ بۇ قۇدرەتلىك ئىلاھلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالايدۇ؟ چۆل-باياۋاندا مىسىرلىقلارنى تۈرلۈك بالايىئاپەتلەر بىلەن ئۇرغانلار ئاشۇ ئىلاھلار ئەمەسمىدى؟ 9قېنى، فىلىستىيەلىكلەر، ئەركەكتەك باتۇر بولايلى! ئۇنداق بولمىسا، ئىبرانىيلارنىڭ بىزگە قۇل بولغىنىغا ئوخشاش، ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ قۇلى بولىمىز. شۇنداق ئىكەن، ئەركەكتەك جەڭ قىلايلى! _ دېيىشتى.

10شۇنىڭدىن كېيىن فىلىستىيەلىكلەر قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ، ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى، قىرغىن قىلىش شۇنداق قاتتىق بولدىكى، 30 مىڭ ئىسرائىلىيە لەشكىرىنىڭ ئۆلۈكى جەڭگاھتا قالدى. ھايات قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى. 11پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى، ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلتۈرۈلدى.

ئەلىنىڭ ۋاپات بولۇشى

12بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم جەڭگاھتىن قېچىپ، شۇ كۈنىلا شىلوغا يېتىپ كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىمىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چاچقانىدى. 13شۇ چاغدا ئەلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىدىن غەم قىلىپ، يۈرىكى ئېغىپ، يول بويىدىكى ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ خەۋەر كۈتۈۋاتقانىدى. ھېلىقى ئادەم شەھەرگە كىرىپ يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بەرگەندە، پۈتكۈل خەلق داد-پەرياد كۆتۈردى. 14ئەلى چۇقان-سۈرەننى ئاڭلاپ:

_ نېمىشقا بۇنچىلىك چۇقان سالىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ھېلىقى ئادەم «بولغان ۋەقەدىن ئەلىنى خەۋەردار قىلىپ قوياي» دەپ، دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. 15ئەلى ئۇ چاغدا توقسان سەككىز ياشتا بولۇپ، كۆزلىرى كۆرەلمەيتتى. 16ھېلىقى ئادەم ئەلىگە:

_ مەن جەڭ مەيدانىدىن كەلگەنمەن، ئۇ يەردىن بۈگۈن قېچىپ كەلدىم، _ دېدى.

_ نېمە بولدى، ئوغلۇم؟ _ دەپ سورىدى ئەلى.

17خەۋەر ئەكەلگەن ئادەم مۇنداق دېدى:

_ ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولدى، لەشكەرلەردىن نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلدى، سىزنىڭ ئوغۇللىرىڭىز خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىمۇ قولدىن كەتتى.

18گەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈستىدە بولغاندا، ئەلى ئورۇندۇقىدىن ئارقىسىچە ئۇچۇپ كەتتى-دە، قېرىلىقى ۋە سېمىزلىكىدىن بوينى ئۈزۈلۈپ، شۇ زامان جان بەردى. ئۇ ئىسرائىللارغا قىرىق يىل يېتەكچىلىك قىلغانىدى.

19ئەلىنىڭ كېلىنى، يەنى پىنىخاسنىڭ خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ، كۆز يورۇشىغا ئاز قالغانىدى. «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قولدىن كەتتى، ئېرىڭ بىلەن قېيىنئاتاڭ ئۆلدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا، ئۇنىڭ تولغىقى قاتتىق تۇتۇپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بوشاندى.

20ئۇ جان ئۈزەي دەپ قالغاندا، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرغان ئاياللار ئۇنىڭغا:

_ قورقما، ئوغۇل تۇغدۇڭ، _ دېيىشتى، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ئېتىبار بەرمىدى، جاۋابمۇ قايتۇرمىدى. 21خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى، قېيىنئاتىسى ۋە ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن ئۇ: «شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى» دەپ، بالىسىغا ئىكابود* دېگەن ئىسىمنى قويدى.

22_ شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قولدىن كەتتى، _ دېدى ئۇ.



*4كېرۇب _ ئەرشتە ياشايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل قاناتلىق مەخلۇق. ئەينى ۋاقىتتا زېمىندا بۇ مەخلۇقنىڭ ئىككى دانە ھەيكىلى بولغان بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان. «تەۋرات. ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 3-باب، 24-ئايەتكە قارالسۇن.

*4تەۋرات. «مىسىردىن چىقىش» 25-باب 17-ئايەتتىن 22-ئايەتكىچە قارالسۇن.

*6قەدىمكى يەھۇدىيلارنى، يەنى ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ.

*21ئىبرانىي تىلىدا «شان-شەرەپ قەيەردە؟» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى