« ھوشىيا »

6

توۋا قىلىشقا چاقىرىش

1كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتايلى!

ئۇ بىزنى يارىلاندۇردى، لېكىن ئۇ يەنە ئۆزى بىزنى ساقايتىدۇ.

ئۇ بىزگە زەربە بەردى، لېكىن ئۇ يارىلىرىمىزنى ئۆزى تاڭىدۇ.

2ئىككى كۈن ئۆتۈپلا ئۇ بىزنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ،

ئۈچىنچى كۈنى كەلگەندە، ئۇ بىزنى ئورنىمىزدىن دەس تۇرغۇزىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، بىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ياشايمىز.

3بىز پەرۋەردىگارنى تونۇيلى،

ئۇنى بىلىشكە ئىنتىلەيلى!

تاڭ ئېتىش مۇقەررەر بولغاندەك، ئۇ بىزگە مۇقەررەر ئايان بولىدۇ.

زېمىنغا كۈز ۋە باھار يامغۇرلىرى چوقۇم ياغقاندەك، ئۇ چوقۇم كېلىدۇ.

4پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلاي؟!

ئەي يەھۇدىيە خەلقى، سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلاي؟!

سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار سەھەردىكى سۇس تۇمانغا ئوخشايدۇ،

خۇددى شەبنەمدەك غايىب بولىدۇ.

5شۇڭا مەن پەيغەمبەر ئارقىلىق سىلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدىم،

سۆزلىرىم بىلەن سىلەرنى ئۆلتۈردۈم.

تاڭنىڭ ئېتىشى مۇقەررەر بولغىنىدەك مېنىڭ ھۆكۈملىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

6قۇربانلىقنى ئەمەس، مەن رەھىمدىللىكنى ئىستەيمەن،

مەنكى خۇدانى تونۇش كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

7لېكىن ئۇلار ئادامدا ئەھدىنى بۇزدى.

شۇ يەردە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى.

8گىلئاد رەزىللىككە تولغان، قانغا مىلەنگەن شەھەردۇر.

9روھانىيلار خۇددى قاراقچىلاردەك كۈتۈپ تۇرىدۇ.

شەكەمگە ماڭغانلارنى ئۆلتۈرۈپ، جىنايەت سادىر قىلىدۇ.

10مەن ئىسرائىلىيەدە يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆردۈم،

ئىسرائىلىيە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزىنى بۇلغىدى.

11ئەي يەھۇدىيە، سىلەر ئۈچۈنمۇ مەن بىر جازا كۈنىنى بېكىتتىم.»

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ھەر قېتىم ئىسرائىلىيە خەلقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى،

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى