« نەزمىلەر شاھى »

1

1بۇ نەزمە سۇلايمانغا مەنسۇپتۇر،

دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل نەزمىدۇر.

بىرىنچى بۆلەك

2ئوتلۇق لەۋلىرىڭدە سۆيگىن سەن مېنى،

شارابتىن شېرىن بىلىمەن مۇھەببىتىڭنى.

3ئەتىرىڭدىن چېچىلار خۇش پۇراقلار،

شۆھرىتىڭ پۇراقلىق مايدەك تارقىلار،

شۇڭا سېنى سۆيىدۇ قىزلار.

4يۈر، قاچايلى، ئېلىپ كەت مېنى،

ئېھ پادىشاھىم، ئېلىپ كىرگىن ھۇجراڭغا مېنى.

ئى پادىشاھىمىز،

شادلىنىمىز خۇشال بولۇپ سېنىڭدىن،

سۆيگۈڭنى تەرىپلەيمىز ئارتۇق شارابتىن.

ئەجەبلىنەرلىك ئەمەستۇر قىزلارنىڭ سېنى سۆيۈشى،

ھەقلىقتۇر ئۇلارنىڭ ساڭا ئاشىق بولۇشى.

5ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى، گۈزەلدۈرمەن قارا بولساممۇ،

قېدار خەلقىنىڭ چېدىرلىرىدەك قارا بولساممۇ،

چىرايلىقمەن سۇلايماننىڭ پەردىلىرىدەك.

6ھەيران بولماڭلار ئۆڭۈمگە قاراپ،

قارىلىقىمدىن قارىمايسىلەر بەلكىم ماڭا،

چۈنكى تېرىلىرىم كۆيگەندۇر ئاپتاپتا.

ئاچچىقلىنىپ ماڭا ئاكىلىرىم،

ئىشلەتتى مېنى ئۈزۈمزارلىقتا،

پۇرسەت بەرمەي قاراشقا ئۆز بېغىمغا.*

7ئەي سۆيۈملۈكۈم، ئېيتقىنە ماڭا،

قويلىرىڭنى ئوتلىتىسەن قەيەردە؟

قەيەردە دەم ئالدۇرىسەن چىڭقى چۈش مەزگىلىدە؟

ئېيتمىساڭ، ئىزدەيمەن سېنى ئۇياتسىز ئاياللاردەك چۈمپەردە تارتىپ يۈزۈمگە.*

دوستلىرىڭنىڭ پادىلىرى ئوتلىغان يەرلەردە.

8ئەي گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى،

ئەجەبا، بىلمەمسەن ئۇ يەرنى؟

ئۇنداقتا پادامنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ،

پادىچىلار چېدىرىنىڭ يېنىدا باققايسەن ئۆچكىلىرىڭنى.

9ئېھ ئامرىقىم،

ئوخشايسەن پىرئەۋننىڭ جەڭ ئاتلىرى ئارىسىدىكى بايتالغا.

10نەقەدەر گۈزەل ھالقىلىرىڭ جۇلاسىدىكى مەڭزىلىرىڭ،

نەقەدەر چىرايلىق ئۈنچە-مارجان ئاسقان بويۇنلىرىڭ.

11مەن ساڭا كۈمۈشتىن كۆزلەر قويۇلغان،

ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەت ياساپ بېرىمەن.

12پادىشاھىم يانپاشلاپ ياتقىنىدا،

خۇشبۇي ئەتىرلىرىم ھىدىنى چاچاتتى ئەتراپىدا.

13سۆيۈملۈكۈم مۇرمەككىدەك* گويا،

قونۇپ قالار كۆكسۈلىرىم ئارىسىدا.

14قەدىرلىكىم خېنە گۈلىدۇر گويا،

ئېچىلغان ئېنگەدى* ئۈزۈمزارلىقىدا.

15ئېھ ئامرىقىم، چىرايلىقسەن نەقەدەر،

گۈزەلدۇر كۆزۈڭ كەپتەر كەبى شۇ قەدەر.

16ئېھ جانانىم، سەن نەقەدەر قامەتلىك،

سەن نەقەدەر سۆيۈملۈك،

سېلىنچىمىزدۇر يېشىل چىمەنلىك.

17كېدىردىن ياسالغاندۇر ئۆگزىمىزنىڭ لىملىرى،

ئارچىدۇر ئۇنىڭغا يېپىلغان ۋاسىلىرى.



*6بېغىم _ كۆچمە مەنىدە بولۇپ، قىزنىڭ تېنىنى كۆرسىتىدۇ.

*7قەدىمقى ئىسرائىلىيەدە پاھىشەلەر ئۆزلىرىنى باشقىلارنىڭ تونۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، يۈزىنى يېپىپ يۈرەتتى.

*13مۈرمەككە _ خۇشپۇراقلىق بۇيۇم بولۇپ، ئۇنى قىزلار تۈگۈنچەككە سېلىپ، بوينىغا ئېسىۋالاتتى.

*14ئىگنەدى _ ئۆلۈك دېڭىزنىڭ غەربىي قىرغىغىدىكى بىر بوستانلىقنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئۇ يەر باشقا يەرلەرگە قارىغاندا ناھايتى گۈزەل ۋە مۇنبەت ئىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى