« رۇت »

2

رۇتنىڭ بوئازنىڭ ئېتىزىدا باشاق تېرىشى

1نائومىنىڭ بوئاز ئىسىملىك باي ھەم ئابرۇيلۇق بىر تۇغقىنى بار بولۇپ، ئۇ نائومىنىڭ ئېرى ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتىدىن ئىدى.

2بىر كۈنى رۇت نائومىغا:

_ مېنىڭ ئېتىزغا بېرىپ باشاق تېرىشىمگە ماقۇل بولسىڭىز، بېشىمنى سىلايدىغان بىرەر كىشىنىڭ كەينىدە ئىشلەي، _ دېدى.

_ مەيلى، بارغىن، قىزىم، _ دېدى نائومى.

3رۇت ئېتىزغا بېرىپ، ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، چېچىلىپ كەتكەن ئارپا باشاقلىرىنى تەردى. بۇ ئېتىز دەل بوئازنىڭ ئىدى.

4رۇت ئېتىزدا باشاق تېرىۋاتقاندا، بوئاز بەيتلەھەمدىن كەلدى. ئۇ ئورمىچىلارغا:

_ پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! _ دەپ سالام بەردى.

_ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! _ دەپ سالام قايتۇردى ئۇلار.

5بوئاز ئورمىچىلارغا مەسئۇل كىشىدىن:

_ ئاۋۇ كىمنىڭ قىزى ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى.

6ئۇ:

_ ئۇ موئابلىق قىز ئىكەن، نائومى بىلەن بىللە موئابتىن كەپتۇ. 7ئۇ مەندىن ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، باغلاملارنىڭ ئارىسىدىن يەرگە چېچىلىپ كەتكەن باشاقلارنى تېرىۋېلىشنى تەلەپ قىلغانىدى. سەھەردىن بېرى ئىشلەپ، كەپىدە پەقەت بىر ئاز ئارام ئېلىپ، يەنە ئىشلەۋاتىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

8بوئاز رۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا:

_ ئەي قىزىم، گېپىمگە قۇلاق سال! سەن باشاقنى باشقىلارنىڭ ئېتىزلىرىغا بېرىپ تەرمەي، بۇ يەردە قېلىپ، ئايال خىزمەتكارلىرىمنىڭ قېشىدا تەرگىن. 9ئەر خىزمەتكارلىرىم قەيەردە ئورما ئورسا، سەن ئايال خىزمەتكارلىرىم بىلەن بىللە ئاشۇ يەرگە بار. ئەر ئورمىچىلىرىمغا سېنى بوزەك قىلماسلىقنى تاپىلايمەن. ئۇسسىساڭ، ئۇلار توشقۇزۇپ قويغان كومزەكلەردىن سۇ ئېلىپ ئىچكىن، _ دېدى.

10رۇت بوئازنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ:

_ مەن بىر مۇساپىر تۇرسام، نېمىشقا بېشىمنى سىلاپ، بۇنچىۋالا غەمخورلۇق قىلىسىز؟ _ دېدى.

11بوئاز ئۇنىڭغا:

_ سەن تۇل قالغاندىن كېيىن قېيناناڭغا قىلغان ۋاپادارلىقىڭنى ئاڭلىغانىدىم. سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ۋە ئۆز يۇرتۇڭدىن قانداق ئايرىلىپ، بۇ يات خەلق ئىچىگە قانداقچە كېلىپ قالغانلىقىڭدىن تولۇق خەۋىرىم بار. 12پەرۋەردىگار قىلغان ياخشىلىقلىرىڭنى ئۆزۈڭگە ياندۇرغاي. سەن قانىتى ئاستىدا پاناھلىق ئىزدىگەن ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ساڭا مول ئىلتىپاتىنى ياغدۇرغاي، _ دېدى.

13رۇت ئۇنىڭغا:

_ خوجام، سىز ماڭا بەك چوڭ ياخشىلىق قىلدىڭىز، گەرچە مەن سىزنىڭ دېدەكلىرىڭىزدىن بولمىساممۇ، ماڭا شۇنداق مۇلايىم سۆزلەرنى قىلىپ، كۆڭلۈمگە تەسەللى بەردىڭىز، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

14تاماق ۋاقتى بولغاندا، بوئاز رۇتقا:

_ قېنى، كەلگىن، نانغا ئېغىز تەگكىن. ئاچچىقسۇغا تەگكۈزۈپ يېگىن، _ دېدى.

رۇت ئورمىچىلار بىلەن بىللە ئولتۇردى. بوئاز ئۇنىڭغا قوماچتىن ئېلىپ بەردى. ئۇ تويغۇچە يېدى ۋە ئاشۇرۇپ قويدى. 15رۇت ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە باشاق تەرگىلى كەتكەندە، بوئاز ئەر ئورمىچىلىرىغا:

_ ئۇ ئورۇلغان باغلاملارنىڭ ئارىسىدا يۈرۈپ تەرسىمۇ توسماڭلار ۋە ئازار بەرمەڭلار. 16ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن باغلاملاردىن ئازراق سۇغۇرۇپ چىقىرىپ قويۇڭلار. ئۇنى ئەيىبلىمەڭلار، _ دەپ تاپىلىدى.

17شۇنىڭ بىلەن رۇت كەچ كىرگۈچە ئېتىزدا ئىشلىدى. ئۇ تېرىپ كەلگەن باشاقلارنى سوققاندا، يېرىم خالتا دېگۈدەك دان چىقتى. 18رۇت ئارپىسىنى ئېلىپ، شەھەرگە قايتىپ كەلگەندە، قېينانىسى ئۇنىڭ تەرگەن ئارپىسىنى كۆردى. رۇت ئېشىپ قالغان تامىقىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. 19نائومى ئۇنىڭغا:

_ بۇنچىۋالا كۆپ ئارپىنى قەيەردىن تېرىپ كەلدىڭ؟ سەن كىمنىڭ ئېتىزىدا ئىش قىلدىڭ؟ ساڭا غەمخورلۇق قىلغان شۇ كىشىگە خۇدا رەھمەت قىلسۇن! _ دېدى.

رۇت قېينانىسىغا ئۆزىنىڭ بوئازنىڭ ئېتىزىدا ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. 20نائومى روھلانغان ھالدا:

_ ­­­­ھايات بىزلەرگە مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىش بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئەرلىرىمىزگە سادىق بولغان بوئازغا پەرۋەردىگار زور بەخت ياغدۇرسۇن! _ دەپ دۇئا قىلدى. ئۇ يەنە:

_ ئۇ كىشى بىزنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىمىزنىڭ بىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىزگە قاراش مەسئۇلىيىتىى بار، _ دېدى.

21_ يەنە مېنىڭ تاكى ئورما ئاياغلاشقۇچە ئۆز ئورمىچىلىرىنىڭ كەينىدىن باشاق تېرىشىمگە رۇخسەت بەردى، _ دېدى رۇت.

22نائومى كېلىنىگە:

_ شۇنداق قىلغىن، قىزىم! بوئازنىڭ ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئىشلىگىن. ئەگەر باشقا كىشىلەرنىڭ ئېتىزلىرىغا بارساڭ، سېنى بوزەك قىلىشى مۇمكىن، _ دېدى.

23شۇنداق قىلىپ، رۇت ئارپا، بۇغدايلار ئورۇلۇپ بولغانغا قەدەر، بوئازنىڭ ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە باشاق تەردى. ئۇ قېينانىسى بىلەن بىللە تۇرىۋەردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى