« يوشۇۋا »

14

ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى زېمىنلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى

1ئىسرائىل خەلقىنىڭ قالغان قەبىلىلىرى روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ تەقسىم قىلىپ بېرىشى بىلەن كەنئان زېمىنىغا ئىگە بولدى. 2يەنى بۇ زېمىنلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە چەك تاشلاپ، توققۇز يېرىم قەبىلىگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلدى. 3مۇسا پەيغەمبەر ئىككى قەبىلە ۋە يەنە بىر قەبىلىنىڭ يېرىمىغا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلارنى تەقسىم قىلغان، ئەمما لاۋىي قەبىلىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرمىگەنىدى. 4يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە ۋە ئەفرايىم دەپ، ئىككى قەبىلىگە ئايرىلاتتى. لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى. ئۇلارغا پەقەت ياشىشى ئۈچۈن ئەتراپىدا مال-چارۋا باقىدىغان ئوتلاقلىرى بولغان شەھەرلەر بېرىلگەنىدى. 5شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە بۆلۈشۈۋالدى.

يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كالىبنىڭ تەلىپى

6ئىسرائىللار گىلگالدا قارارگاھ قۇرۇپ تۇرۇۋاتقان چاغدا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كىرىپ كېلىشتى. قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ كادېش-بارنېيادا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە سەن ۋە مەن توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى سەن بىلىسەن. 7پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا مېنى، بىز بارىدىغان زېمىنلارنى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكەنىدى. شۇ چاغدا مەن قىرىق ياشتا ئىدىم. مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇسا پەيغەمبەرگە شۇ زېمىنلاردا كۆرگەنلىرىمنى ئەينەن ئېيتتىم. 8مەن بىلەن بىللە بارغان ھەمراھلىرىم «ئۇ زېمىندىكىلەر ۋەھشىي ئىكەن!» دەپ، ئىسرائىللارنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويغانىدى، لېكىن مەن ئىككىلەنمەي، پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ بىزنى قوغدايدىغانلىقىغا چىن قەلبىم بىلەن ئىشەندىم. 9شۇ چاغدا مۇسا پەيغەمبەر: «سېنىڭ قەدىمىڭ يەتكەن يەرلەرنىڭ ھەممىسى مەڭگۈ ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەۋە بولسۇن، چۈنكى سەن پەرۋەردىگارىمىزغا سادىقلىق بىلەن بويسۇندۇڭ» دەپ، قەسەم بەرگەن.

10ماڭا قارا، پەرۋەردىگار ۋەدە بەرگىنىدەك، ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنى ساقلاپ قالدى، شۇڭا مەن ھازىرغا قەدەر ياشاپ كەلدىم. پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە ۋەدە بەرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە 45 يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل خەلقى چۆل-باياۋانلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈۋاتقانىدى. ماڭا قارا، مەن ھازىر 85 ياشقا كىردىم. 11مەن ھازىرمۇ مۇسا پەيغەمبەر مېنى چارلاشقا ئەۋەتكەن چاغدىكىدەك تىمەن تۇرۇپتىمەن، ھازىرمۇ شۇ چاغدىكىدەك ئۇرۇش ۋە باشقا ھەممە ئىشلارنى قىلالايمەن. 12پەرۋەردىگارنىڭ شۇ چاغدا ۋەدە قىلغىنى بويىچە بۇ تاغلىق رايونلارنى ماڭا بەرگىن. ئاناق قەبىلىلىرىنىڭ ھېلىمۇ شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىسەن، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى چوڭ ھەم مۇستەھكەم. پەرۋەردىگار مەن بىلەن بىرگە بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدە بەرگىنى بويىچە مەن ئۇلارنى قوغلاپ چىقىراي.

13يوشۇۋا يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگاردىن كالىبغا بەخت تىلىدى ۋە ھىبرون شەھىرىنى ئۇنىڭغا تەقسىم قىلىپ بەردى. 14شۇنىڭ بىلەن ھىبرون شەھىرى ھازىرغا قەدەر قېناز قەبىلىسىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا تۇرۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا سادىقلىق بىلەن بويسۇنغانىدى. 15(بۇرۇن ھىبرون شەھىرى قىريات-ئاربا دەپ ئاتىلاتتى. ئاربا ئاناقلارنىڭ ئەۋلادىدىن چىققان ئۇلۇغ قەھرىماندۇر.)

شۇنىڭدىن كىيىن بۇ زېمىندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى