« پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم »

15

يەھۇدىيە پادىشاھى ئابىيا

1نىباتنىڭ ئوغلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئابىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابسالومنىڭ قىزى مائاكا ئىدى. 3ئابىيا ئەجدادى داۋۇت پەرۋەردىگار خۇداغا جان-دىلى بىلەن سادىق بولغاندەك سادىق بولمىدى، ئەكسىچە ئاتىسى بۇرۇن قىلغان گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. 4لېكىن، پەرۋەردىگار خۇدا داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، يېرۇسالېمدا ئابىيانىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمىدى. ئۇنىڭ ئوغلىنى تەختكە ۋارىسلىق قىلدۇرۇپ، يېرۇسالېمنى قۇدرەت تاپقۇزدى. 5پەرۋەردىگارنىڭ بۇنداق قىلىشى، داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن ئىدى. داۋۇت خىتلاردىن بولغان ئۇرىيانىڭ ئىشىدىن باشقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ھېچقاچان خىلاپلىق قىلىپ باقمىغانىدى. 6رىخوبئام بىلەن ياروبئام ئارىسىدا باشلانغان ئۇرۇش ئابىيا پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلدى. 7ئابىيا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. ئابىيا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام ئارىسىدا ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. 8ئابىيا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كېتىپ، داۋۇت شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاسا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا

9ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى ئاسا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 10ئۇ يېرۇسالېمدا 41 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ مومىسى ئابسالومنىڭ قىزى مائاكا ئىدى. 11ئاسا ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 12ئۇ سەجدىگاھلاردىكى ئەر-ئايال پاھىشىلەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئاتا-بوۋىلىرى ياساتقان بۇتلارنى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلىدى. 13ئۇ ھەتتا مومىسى مائاكانىڭ مەلىكىلىك مەرتىۋىسىنى بىكار قىلدى* . چۈنكى ئۇ ئاشېرانىڭ بىر يىرگىنچلىك بۇتىنى ياساتقانىدى. ئاسا ئۇ بەتبەشىرە بۇتنى چېپىپ يىقىتىپ، ئۇنى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. 14گەرچە غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاسا ئۆمۈر بويى جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ كەلدى. 15ئۇ ئاتىسى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلەرنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى.

16يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. 17ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا يەھۇدىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ، راماھنى بېسىۋالدى. ھېچكىمنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ زېمىنىغا كىرىپ-چىقماسلىقى ئۈچۈن، راماھ شەھىرىنىڭ سېپىلىنى مۇستەھكەملىدى. 18شۇنىڭ بىلەن ئاسا پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىلىرىدە قالغان پۈتۈن ئالتۇن-كۈمۈشلەر ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بايلىقلارنى ئېلىپ، ئۇلارنى ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق دەمەشقتىكى ئاررام پادىشاھى بەنھادادقا ئەۋەتتى. بەنھاداد خەزيوننىڭ نەۋرىسى، تابرىمموننىڭ ئوغلى ئىدى. ئاسانىڭ ئەمەلدارلىرى بەنھاداد پادىشاھقا: 19«ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا سۈلھى بولغىنىدەك، ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىمۇ سۈلھى بولسۇن. مانا بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سىلىگە سوۋغات قىلدىم. ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا بىلەن بولغان سۈلھىنى بىكار قىلغايلا. شۇندا، ئۇ زېمىنىمدىن ئۆز قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرىدۇ» دېگەن خەۋەرنى ئېلىپ باردى. 20بەنھاداد پادىشاھ ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرىنى ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئىيون، دان، بەيت-مائاكادىكى ئابېل، جەلىلىيە كۆلى ئەتراپىدىكى بارلىق جايلار ۋە پۈتۈن نافتالى زېمىنىنى ئىشغال قىلدى. 21باشا پادىشاھ بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپلا، راماھ سېپىلىنى مۇستەھكەملەش ئىشىنى توختىتىپ، تىرزاھ شەھىرىدە تۇرۇپ قالدى. 22شۇنىڭ بىلەن ئاسا پادىشاھ پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، باشا پادىشاھنىڭ راماھنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان ياغاچ-تاشلارنى يۆتكىگۈزدى. ھېچكىم بۇ ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولمايتتى. ئاسا پادىشاھ بۇ ياغاچ-تاشلار بىلەن بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھ ۋە مىزپاھ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملىدى.

23ئاسا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، قولغا كەلتۈرگەن ھەممە نەتىجىلىرى، بارلىق پائالىيەتلىرى ۋە مۇستەھكەملىگەن شەھەرلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. ئۇ ياشىنىپ قالغاندا، پۇتلىرى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانىدى. 24ئاسا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا، يەنى ئەجدادى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھوشافات ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى ناداب

25ياروبئامنىڭ ئوغلى ناداب يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 26ناداب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇنىڭ ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇرغان گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى. 27ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان ئاخىيانىڭ ئوغلى باشا ناداب پادىشاھقا قارشى سۇيىقەست پىلانلىدى. ناداب پۈتۈن ئىسرائىللارنى باشلاپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گىببىتون شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغىلى كەلگەندە، باشا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 28بۇ ئىش يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ئۈچىنچى يىلى يۈز بەردى. باشا ئۇنىڭ ئورنىغا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. 29ئۇ تەختكە چىقىشى بىلەنلا ياروبئام جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى قىرىپ تۈگەتتى. پەرۋەردىگار، خىزمەتكارى بولغان شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقاندەك، باشا ياروبئام جەمەتىنىڭ كىشىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرماي پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋەتتى. 30بۇنىڭ سەۋەبى، ياروبئامنىڭ ئۆزىنىڭ گۇناھ قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇرۇشى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى. 31ناداب پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. 32يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا

33يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئاخىيانىڭ ئوغلى باشا تىرزاھتا پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 24 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 34ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ياروبئامنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇردى.



*13مەلىكىلىك مەرتىۋىسى _ بۇ قەدىمكى يەھۇدىيە ۋە بەزى قوشنا دۆلەتلەردە پادىشاھتىن قالسىلا سىياسىي ئىشلاردا تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان ئىككىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋە.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى