« پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم »

5

سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئىبادەتخانا سېلىشقا تەييارلىق قىلىشى

1تىر پادىشاھى ھىرام داۋۇت پادىشاھ بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يېقىن دوستلاردىن بولغاچقا، سۇلايماننىڭ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھلىققا تىكلەنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئەلچىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى. 2سۇلايمان ھىرامغا مۇنۇ سۆزلەرنى يوللىدى: 3«ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، ئاتام داۋۇت ئۆپچۆرىسىدىكى دۈشمەنلەر بىلەن بولغان جەڭلەر تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نام-شەرىپىگە ئاتاپ ئىبادەتخانا سالدۇرالمىغانىدى. ئاتام، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى تاپىنى ئاستىغا چۈشۈرۈشىنى ساقلىغانىدى. 4لېكىن ھازىر پەرۋەردىگارىم خۇدا ھەر تەرەپتىن ماڭا ئاراملىق بەردى. دۈشمەنمۇ قالمىدى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش خەۋپىمۇ قالمىدى. 5پەرۋەردىگار، ئاتام داۋۇتقا: ‹مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سالغۇچى _ مەن سېنىڭ تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىدىغان ئوغلۇڭدۇر› دېگەنىدى. شۇڭا مەن ئەمدى، پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىش قارارىغا كەلدىم. 6شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرى ئادەملىرىگە مەن ئۈچۈن لىۋان تاغلىرىدىكى كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىپ بېرىشكە بۇيرۇق بەرگەيلا. مېنىڭ ئادەملىرىم سىلىنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىللە ئىشلىسۇن، ئادەملىرىنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆزلىرىنىڭ دېگىنى بويىچە بېرىمەن. چۈنكى، ئۆزلىرىگە مەلۇم، بىزنىڭ ئارىمىزدا سىلەر سىدونلۇقلاردەك ئۇستا ياغاچ كەسكۈچىلەر يوق.»

7ھىرام سۇلايماننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، تولىمۇ خۇشال بولدى ۋە: «بۇنداق زور خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن، داۋۇتقا مۇشۇنداق بىر ئەقىللىق ئوغۇلنى بەرگەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دېدى.

8ئاندىن ھىرام سۇلايمانغا مۇنۇ سۆزلەرنى يوللىدى: «ماڭا ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم. سىلىنىڭ خائىشلىرى بويىچە بارلىق كېدىر ۋە قارىغاي ياغاچلىرىنى مەن ئۆزۈم تەمىنلەپ بېرىمەن. 9مېنىڭ ئادەملىرىم بۇ ياغاچلارنى لىۋاندىن ئېلىپ چىقىپ، باغلاپ سال قىلىپ، سىلى كۆرسەتكەن يەرگە دېڭىز ئارقىلىق ئېقىتىپ ئېلىپ بارىدۇ. ئادەملىرىم شۇ يەردە ياغاچلارنى چۇۋۇغاندىن كېيىن توشۇپ ئەكەتسەڭلار بولىدۇ. مېنىڭمۇ بىر تەلىپىم بار: سىلى ئوردامنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىن ئەتكەيلا.»

10شۇنىڭ بىلەن ھىرام سۇلايمانغا كېرەكلىك بولغان كېدىر ۋە قارىغاي ياغاچلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. 11سۇلايمانمۇ ھىرامنىڭ بۇ ئەجىرلىرىنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭغا ئىككى مىڭ توننا بۇغداي، ئۈچ مىڭ لىتىر ساپ زەيتۇن يېغى بەردى. سۇلايمان ھىرامنى ھەر يىلى ئەنە شۇنداق تەمىنلەپ تۇردى. 12پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە سۇلايمانغا دانالىق بەردى. ھىرام بىلەن سۇلايمان ئۆزئارا كېلىشىم تۈزۈپ، تىنچلىقنى داۋاملاشتۇردى.

13سۇلايمان پادىشاھ ئىسرائىل خەلقى ئىچىدىن ھاشارچىلارنى يىغدى. ئۇلارنىڭ سانى 30 مىڭ ئادەم ئىدى. 14ئۇلاردىن ھەر ئايدا نۆۋەت بىلەن 10 مىڭ ئادەمنى لىۋان تاغلىرىغا ئەۋەتەتتى. ئۇلار لىۋان تاغلىرىدا بىر ئاي، ئۆيىدە ئىككى ئاي تۇراتتى. ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورام ئىدى. 15سۇلايمان پادىشاھنىڭ تاغدا تاش-ياغاچ توشۇيدىغان ئادىمىدىن 70 مىڭ، تاش قازىدىغان ئادىمىدىن 80 مىڭى بار ئىدى. 16ئۇلاردىن باشقا يەنە سۇلايماننىڭ ئىشلەمچىلەرنى نازارەت قىلىدىغان ۋە ئىشنىڭ بېشىدا تۇرىدىغان 3300 نەپەر ئەمەلدارلىرى بار ئىدى. 17پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كىشىلەر ھەم يوغان ھەم سۈپەتلىك تاشلارنى قېزىپ چىقىرىپ، ئۇلارنى يونۇپ تەييارلىغاندىن كېيىن، ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قىلىشقا ئىشلەتتى. 18شۇنداق قىلىپ سۇلايماننىڭ ۋە ھىرامنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى گىبال شەھىرىدىن كەلگەنلەر بىلەن بىللە تاشلارنى يونۇپ، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا كېتەرلىك تاش-ياغاچلارنى تەييارلاشتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى