« ئاموس »

6

ئىسرائىللارنىڭ جازالىنىشى

1يېرۇسالېمدا راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

تۆپىلىككە جايلاشقان سامارىيە شەھىرىدە خاتىرجەملىكتە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئەڭ مۇھىم ئەلنىڭ كاتتا ئادەملىرى دەپ بىلىسىلەر،

ئىسرائىلىيە خەلقى سىلەردىن ياردەم سوراپ، ئالدىڭلارغا كېلىدۇ.

2سىلەر خەلققە پو ئېيتىپ مۇنداق دەيسىلەر:

«كالنېھقا بېرىپ كۆرۈڭلار!

ئۇ يەردىن بۈيۈك بولغان خاماتقا بېرىڭلار!

ئاندىن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گات شەھىرىگە بېرىڭلار!

بۇ ئىككى پادىشاھلىق بىزدىنمۇ كاتتىمىكەن؟

ئۇلارنىڭ زېمىنى بىزنىڭ زېمىنىمىزدىنمۇ چوڭمىكەن؟»

3سىلەر كۈلپەت كۈنىنىڭ كېلىشىنى خېلى يىراق دەپ ئويلايسىلەر،

لېكىن قىلمىشىڭلار جازا كۈنىنىڭ كېلىشىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ.

4ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر پىل چىشى بىلەن نەقىشلەنگەن كاتلاردا سوزۇلۇپ،

دىۋانلاردا يانپاشلاپ ياتىسىلەر.

قويلارنى ۋە سېمىز موزايلارنى يەيسىلەر.

5سىلەر ئۆزۈڭلارنى داۋۇت پادىشاھقا ئوخشىتىپ،

چىلتارلارغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىسىلەر.

6چوڭ قەدەھلەردە شاراب ئىچىپ،

ئەڭ ئېسىل مايلارنى ئۆزۈڭلارغا سۈرتىسىلەر.

ئەمما سىلەر ئۆز خەلقىڭلارنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىدىن ئەنسىرىمەيسىلەر.

7شۇڭا سىلەر ھەممىدىن ئاۋۋال سۈرگۈن قىلىنىسىلەر،

سىلەرنىڭ كەيپ-ساپا قىلىپ ياتىدىغان ۋاقتىڭلار ئاياغلىشىدۇ.

8ئىگىمىز پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىدىن نەپرەتلىنىمەن.

ئۇلارنىڭ قورغانلىرىنى ئۆچ كۆرىمەن.

شەھەرلەرنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنى

دۈشمەنلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن.»

9ئەگەر بىر ئۆيدە پەقەت ئون ئادەم ھايات قالغان بولسا، ئۇلارمۇ ئۆلىدۇ. 10ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن بىرى جەسەتنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەندە، ئۆيگە يوشۇرۇنۇۋالغان ئادەمدىن: «ئۆيدە باشقا ئادەم بارمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئۆي ئىچىدىكى ئادەم «يوق» دەپ جاۋاب بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشقا باشلىغاندا، كەلگۈچى: «ئارتۇق گەپ قىلما، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى تىلغا ئالمايلى، بولمىسا بىزمۇ ئۆلىمىز!» دەيدۇ.

11پەرۋەردىگار ئەمر قىلماقتا،

چوڭ ئۆيلەر بۇزۇپ تاشلىنىدۇ،

كىچىك ئۆيلەر ۋەيران قىلىنىپ، ئۇششاق داڭگالغا ئايلىنىدۇ.

12ئات قىيا تاشلار ئۈستىدە چاپالامدۇ؟

ئۆكۈز دېڭىزنى يەردەك ئاغدۇرالامدۇ؟

لېكىن سىلەر شۇنداق قىلىپ، ئادالەتنى زەھەرگە ئايلاندۇردۇڭلار،

ھەققانىيەتنىڭ شېرىن مېۋىلىرىنى قىرتاق قىلدىڭلار.

13سىلەر لودىبار شەھىرىنى ئىشغال قىلغىنىڭىلاردىن پەخىرلىنىسىلەر.

سىلەر ماختىنىپ: «قارنايىم شەھىرىنىمۇ ئىگىلەشكە قۇربىمىز يەتتى!» دەيسىلەر.

14لېكىن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«قاراپ تۇرۇڭلار، ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى،

مەن سىلەرگە قارشى بىر ئەلنى قوزغىتىمەن.

ئۇلار شىمالدىكى لىبو-خاماتتىن جەنۇبتىكى ئاراباھ جىلغىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى زېمىنىڭلارنى بېسىۋېلىپ،

سىلەرنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى