« ئاموس »

7

چېكەتكە توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەت

1ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. خۇدا بىر توپ چېكەتكىلەرنى زېمىندا پەيدا قىلىپتۇ. بۇ ۋاقىت دېھقانلارنىڭ پادىشاھقا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرۇپ بولۇپ، ئىككىنچى قېتىم تېرىغان زىرائەتلىرىنىڭ يېڭىدىن ئۈنۈشكە باشلىغان ۋاقتى ئىكەن. 2چېكەتكىلەر زېمىندىكى ئۆسۈملۈكلەرنى يەپ بولغاندىن كېيىن، مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدىم:

_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى كەچۈرگەيسەن، ئۇلار بەك ئاجىزدۇر، قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟!

3شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار قارارىنى ئۆزگەرتىپ: «بۇ ئاپەت يۈز بەرمەيدۇ» دېدى.

ئوت توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەت

4ئاندىن ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا باشقا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. ئۇ ئۆز خەلقىنى كۆيدۈرۈپ جازالاش ئۈچۈن ئوتقا ئەمر قىلىپتۇ. ئوت يەر ئاستىدىكى بۈيۈك سۇلارنى قۇرۇتۇپ، زېمىننى كۆيدۈرۈشكە باشلاپتۇ. 5مەن:

_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، توختىغايسەن. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بەك ئاجىزدۇر، قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟! _ دېدىم.

6شۇنىڭ بىلەن ئىگەم پەرۋەردىگار قارارىنى ئۆزگەرتىپ: «بۇ ئاپەتمۇ يۈز بەرمەيدۇ» دېدى.

تامنىڭ ئەگرى، تۈزلۈكى ھەققىدىكى غايىبانە ئالامەت

7ئاندىن كېيىن ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا يەنە بىر غايىبانە ئالامەت كۆرسەتتى. ئىگەم تامنىڭ يېنىدا تامنىڭ ئەگرى، تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى تۇتۇپ تۇرغانىكەن. 8ئۇ مەندىن:

_ ئاموس، سەن نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن:

_ تامنىڭ ئەگرى، تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى كۆردۈم، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ:

_ مەن ئەمدى ئىسرائىل خەلقىمنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ئەگرى، تۈزلۈكىنى مۇشۇ تانا بىلەن تەكشۈرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرالمايمەن. 9ئىسھاقنىڭ ئەۋلادلىرى چوقۇنىدىغان غەيرىي سەجدىگاھلار ۋەيران قىلىنىدۇ، ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ چوقۇنىدىغان جايلىرى خاراب بولىدۇ. مەن قىلىچ بىلەن ياروبئامنىڭ خانىدانلىقىنى يوقىتىمەن، _ دېدى.

روھانىي ئامازيانىڭ ئاموسقا قارشى تۇرۇشى

10بەيتەل شەھىرىنىڭ روھانىيسى ئامازيا ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامغا ئادەم ئەۋەتىپ، مۇنداق ئۇچۇر بەردى: «ئاموس ئىسرائىلىيە خەلقى ئارىسىدا ساڭا قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتى قالمىدى. 11ئۇ: ‹ياروبئام قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ ۋە ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ› دەيدۇ.»

12ئاندىن ئامازيا ئاموسقا مۇنداق دېدى:

_ ئى غايىبنى بىلگۈچى، بۇ يەردىن كەت، يەھۇدىيە زېمىنىغا كەت. شۇ يەردە ۋەھىي يەتكۈزۈپ، جېنىڭنى باق! 13لېكىن بەيتەلدە ھەرگىز ۋەھىي يەتكۈزگۈچى بولما. چۈنكى بۇ يەردە خانلىق سەجدىگاھ ۋە خەلقنىڭ چوڭ بۇتخانىسى بار.

14ئاموس ئامازياغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ مەن پەيغەمبەرمۇ ھەم پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادىمۇ ئەمەس ئىدىم، پەقەت چارۋىچى ئىدىم. ئەنجۈر دەرەخلىرىنىمۇ پەرۋىش قىلاتتىم. 15پەرۋەردىگار مېنى پادىلىرىمدىن ئايرىپ، ماڭا: «بېرىپ ئىسرائىلىيەدىكى خەلقىمگە ۋەھىي يەتكۈزگىن» دېدى. 16سەن ماڭا: «ئىسرائىلىيەگە قارشى ۋەھىي يەتكۈزۈشنى ۋە ئىسھاق ئەۋلادلىرىغا قارشى سۆزلەشنى توختات» دېدىڭ. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قۇلاق سال! 17ئەي ئامازيا، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ:

«ئايالىڭ شەھەردە پاھىشە بولىدۇ،

ئوغۇل-قىزلىرىڭ قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ.

زېمىنىڭ باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ،

ئۆزۈڭ ياقا يۇرتتا ئۆلىسەن.

ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى