« سەردارلار »

18

دان قەبىلىسىنىڭ ياش روھانىي ۋە بۇتلارنى ئېلىپ كېتىشى

1ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ئىسرائىللاردىن بولغان دان قەبىلىسى ماكانلىشىدىغان زېمىن ئىزدەپ يۈرەتتى. چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ قەبىلىلىرىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەندە، دان قەبىلىسى ئۆزىگە بۆلۈنگەن زېمىنغا تېخى ئىگە بولمىغانىدى. 2شۇڭا، دان قەبىلىسى ئۆز قەبىلىسىگە ۋەكىل قىلىپ زورئاھ ۋە ئەشتائولدىن بەش پالۋاننى تاللىدى ھەمدە: «بېرىپ زېمىنلارنى چارلاپ كېلىڭلار!» دەپ، ئۇلارنى ئەۋەتتى. ئۇلار ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا كېلىپ، مىكاھنىڭ ئۆيىگە چۈشتى. 3ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىدە ياش لاۋىينىڭ شېۋىسىدىن ئۇنى تونۇپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن:

_ سېنى بۇ يەرگە كىم ئېلىپ كەلدى؟ بۇ يەردە نېمە قىلىسەن؟ نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

4بۇ ياش لاۋىي ئۇلارغا مىكاھنىڭ ئۆزى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۇنىڭ خاس روھانىيسى بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

5ئۇلار:

_ سەن خۇدادىن سوراپ باققىن، بىزنىڭ سەپىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولامدىكىن، _ دېدى.

6ياش لاۋىي ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ:

_ خاتىرجەم مېڭىۋېرىڭلار، پۈتۈن سەپىرىڭلارنى پەرۋەردىگار كۆزىتىپ تۇرىدۇ، _ دېدى.

7شۇنىڭ بىلەن بۇ بەش پالۋان يولغا چىقىپ، لايىشقا يېتىپ كەلدى. ئۇلار بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ سىدونلۇقلارغا ئوخشاش خاتىرجەم، تىنچ-ئامان ياشاۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇلارغا زومىگەرلىك قىلىدىغان دۈشمەن يوق ئىدى. ئۇلار ئۆز دوستلىرى بولغان سىدونلۇقلاردىن يىراق ياشاپ، ئۇلاردىن باشقىلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايتتى. 8بەش پالۋان ئۆز قەبىلىسى تۇرىدىغان زورئاھ ۋە ئەشتائولغا قايتىپ كەلگەندە، قېرىنداشلىرى ئۇلاردىن:

_ نېمىلەرنى كۆردۈڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

9_ يۈرۈڭلار، بىز ئۇ زېمىنغا ھۇجۇم قىلايلى! ئۇ زېمىنلار ناھايىتى ئېسىل ئىكەن. بىز ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ قانداقمۇ جىم تۇرالايمىز؟ ئىككىلەنمەي بېرىپ ئۇ يەرلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى. 10سىلەر ئۇ يەرگە بارساڭلار خاتىرجەم، تۇرمۇشى پاراۋان ياشاۋاتقان خەلقنى كۆرىسىلەر. خۇدا بىزگە بىپايان، مۇنبەت بولغان بۇ زېمىننى بېرىدۇ! _ دېدى ئۇلار.

11شۇنىڭ بىلەن دان قەبىلىسىدىن 600 ئادەم قوراللىنىپ زورئاھ ۋە ئەشتائولدىن يولغا چىقتى. 12ئۇلار بېرىپ يەھۇدا زېمىنىدىكى قىريات-يىئارىمدا قارارگاھ قۇردى. شۇ سەۋەبتىن قىريات-يىئارىمنىڭ غەربىدىكى شۇ يەرلەر ھازىرغىچە «دان قارارگاھى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. 13ئۇلار يول ئۈستىدە ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى مىكاھنىڭ ئۆيىگە كەلدى. 14لايىش زېمىنىغا چارلاشقا بېرىپ كەلگەن بەش پالۋان ئۆز قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر بۇ ئۆيدە ئېفود، ئويما ۋە قۇيما بۇتلار ۋە كىچىك بۇتلارنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىلەر. شۇڭا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ياخشى ئويلىشىڭلار.

15شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەش پالۋان ياش لاۋىي تۇرىدىغان مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن تىنچلىق سورىدى. 16-17بۇ ۋاقىتتا دان قەبىلىسىنىڭ قوراللانغان 600 ئادىمى ئىشىك ئالدىدا روھانىي ياش لاۋىينى ئارىغا ئېلىۋالدى. دەل شۇ چاغدا ھېلىقى بەش چارلىغۇچى پالۋان ئۆيگە كىرىپ، ئېفود، ئويما ۋە قۇيما بۇتلار ۋە كىچىك بۇتلارنى ئېلىپ ماڭدى.

18ياش روھانىي ئۇلارنىڭ مىكاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئېفود، ئويما ۋە قۇيما بۇتلار ۋە كىچىك بۇتلارنى ئېلىپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن «بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟» دەپ سورىدى.

19ئۇلار جاۋابەن:

_ ئاغزىڭنى يۇم، ئۈنۈڭنى چىقارما! بىز بىلەن ماڭ، بىزگە ئۇستاز ۋە روھانىي بولغىن. بىر ئادەمنىڭ ئائىلىسىدە روھانىي بولغىنىڭدىن ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن بىر قەبىلىسىگە روھانىي بولغىنىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟ _ دېدى.

20روھانىي ئىچىدە خۇشال بولۇپ ئېفود، ئويما بۇت ۋە كىچىك بۇتلارنى ئېلىپ ئۇلارغا قوشۇلدى. 21ئۇلار مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ، بالا-چاقىلىرى ۋە چارۋا-ماللىرىنى ئالدىغا سېلىپ، ئۆز يولىغا راۋان بولدى. 22ئۇلار مىكاھنىڭ ئائىلىسىدىن ئۇزاپ كەتكەندە، مىكاھ بىلەن قوشنىلىرى يىغىلىپ، دان قەبىلىسىدىكىلەرنى قوغلاپ يېتىشۋالدى ۋە 23ئۇلارغا ۋارقىرىدى. دان قەبىلىسىدىكىلەر كەينىگە بۇرۇلۇپ، مىكاھتىن:

_ سەن بۇنچە كۆپ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ نېمە ئىش قىلماقچىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

24_ سىلەر روھانىيىمنى ۋە مەن ياسىغان بۇتلارنى ئېلىپ ماڭدىڭلار، مېنىڭ نېمەم قالدى؟ يەنە مېنىڭدىن «نېمە قىلماقچىسەن» دەپ سوراۋاتامسىلەر؟ _ دېدى مىكاھ.

25_ بىز بىلەن تالاشما! بولمىسا قىزىققان كىشىلەر سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ جېنىنى ئالىدۇ! _ دېدى دان قەبىلىسىدىكىلەر.

26شۇنىڭ بىلەن، دان قەبىلىسىدىكىلەر ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇردى. مىكاھ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئامالسىز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

27دان قەبىلىسىدىكىلەر مىكاھ ياسىغان بۇتلارنى ۋە روھانىي ياش لاۋىينى ئېلىپ، لايىشقا كەلدى. ئۇلار لايىشتا تىنچ-ئامان ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتقان خەلقنى قىلىچ بىلەن قىرغىن قىلىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى. 28ئۇلارنى ھېچكىم قۇتقۇزمىدى، چۈنكى لايىش سىدوندىن يىراق ئىدى، ئۇلار ھەم ھېچكىم بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايتتى. بۇ شەھەر بەيت-رىخوب شەھىرى ئەتراپىدىكى جىلغىغا جايلاشقانىدى. دان قەبىلىسىدىكىلەر بۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئۇ يەردە ياشاپ قالدى. 29ئۇلار بۇ شەھەرنى ئىسرائىللارنىڭ ئوغلى، ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان داننىڭ نامى بىلەن «دان شەھىرى» دەپ ئاتىدى. بۇرۇن بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى لايىش ئىدى. 30دان خەلقى ھېلىقى ئويما بۇتنى تىكلىدى. ئۇلار بۇ زېمىندىكىلەر سۈرگۈن قىلىنغۇچە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ نەۋرىسى، يەنى گېرشومنىڭ ئوغلى يوناتان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى دان قەبىلىسىگە روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى. 31خۇدانىڭ ئىبادەتگاھى شىلو شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، دان قەبىلىسى مىكاھ ياسىغان بۇتنى تىكلىگەنىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى