« سەردارلار »

4

دىبورا بىلەن باراقنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى

1ئېھۇد ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان ئىش قىلدى. 2شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنى خازور شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان كەنئان پادىشاھى يابىننىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. يابىننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرا خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىدە تۇراتتى. 3ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلەپ نالە-پەرياد قىلدى. چۈنكى يابىننىڭ 900 تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئۇ ئىسرائىللارغا 20 يىل رەھىمسىزلىك بىلەن زۇلۇم سېلىپ كەلگەنىدى. 4ئۇ چاغدا دىبورا ئىسىملىك بىر ئايال پەيغەمبەر ئىسرائىللارغا ھاكىملىق قىلاتتى، ئۇ لاپپىدوتنىڭ ئايالى ئىدى. 5ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى راماھ بىلەن بەيتەلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ خورما دەرىخى بولۇپ، دىبورا ئۇ خورما دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، دەرد ئېيتىپ كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ دەۋالىرىنى سورايتتى (بۇ دەرەخ كېيىنچە «دىبورا دەرىخى» دەپ ئاتالغان).

6بىر كۈنى ئۇ نافتالىدىكى قەدەش شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا: «نافتالى ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 10 مىڭ ئادەمنى يىغىپ، ئۇلارنى تابور تېغىغا باشلاپ كەل. 7مەن يابىننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرانى جەڭ ھارۋىلىرى ۋە قوشۇنلىرى بىلەن قىشون دەرياسى بويىدا سەن بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقىرىمەن، ھەمدە ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن» دەپ ئەمر قىلدى، _ دېدى.

8باراق ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر سىز بىللە بارسىڭىز، مەن باراي، سىز بارمىسىڭىز مەنمۇ بارمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

9دىبورا:

_ بولىدۇ، مەن بىللە باراي. بىراق سەن غەلىبە قىلساڭمۇ شان-شۆھرىتىڭ بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار سىسىرانى بىر ئايالنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن بولىدۇ، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن دىبورا بىلەن باراق بىللە قەدەش شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. 10باراق زەبۇلۇن ۋە نافتالى قەبىلىلىرىنى قەدەش شەھىرىگە چاقىرىپ، ئۇلاردىن 10 مىڭ كىشىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ ماڭدى. دىبورامۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدى.

11ئۇ چاغدا قېنلاردىن بولغان خەبەر، قەدەش شەھىرىگە يېقىن بولغان زائاناننىمدىكى بىر تۈپ دۇپ دەرىخى يېنىدا چېدىر تىككەنىدى. ئۇ باشقا قېنلاردىن ئايرىلىپ تۇراتتى. ئۇلار مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قېيىنئاكىسى خوبابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.

12سىسىرا ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنىڭ تابور تېغىغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، 13900 تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىسى ۋە پۈتۈن قوشۇنىنى يىغىپ، ئۇلار بىلەن خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىدىن قىشون دەرياسى بويىغا باردى.

14دىبورا باراققا:

_ ئالغا! بۈگۈن پەرۋەردىگار سىسىرانى قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىدىغان، ساڭا يولباشچى بولىدىغان كۈن ئەمەسمۇ؟ _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن باراق 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ تابور تېغىدىن چۈشتى. 15باراقنىڭ قوشۇنى ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، پەرۋەردىگار سىسىرانى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنلىرىنى جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن قوشۇپ تىرىپىرەن قىلىۋەتتى. سىسىرا ھارۋىسىنى تاشلاپ پىيادە قېچىپ كەتتى. 16باراق ئۇلارنىڭ قوشۇنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىگىچە قوغلاپ باردى. سىسىرانىڭ پۈتۈن قوشۇنىدىكى ئادەملەردىن بىرىمۇ قالماي قىلىچ ئاستىدا جان بەردى. 17سىسىرا قېچىپ قېنلاردىن بولغان خەبەرنىڭ خوتۇنى يائېلنىڭ چېدىرىنىڭ يېنىغا كەلدى. چۈنكى خازور پادىشاھى يابىن خەبەر بىلەن دوست ئىدى.

18يائېل سىسىرانىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى ۋە ئۇنىڭغا:

_ جانابلىرى ئىچكىرىگە مەرھەمەت قىلسىلا، قورقمىسىلا، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن سىسىرا چېدىرغا كىردى. يائېل ئۇنى كارىۋات ياپقۇچى بىلەن يوشۇرۇپ قويدى.

19سىسىرا ئۇنىڭغا:

_ ئۇسساپ كەتتىم. ئازراق سۇ بەرسىڭىز، _ دېدى. يائېل ئۇنىڭغا بىر تۇلۇمنى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن سۈت قۇيۇپ بەردى ۋە ئۇنى يەنە يوشۇرۇپ قويدى. 20سىسىرا يائېلغا:

_ چېدىرنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرغايسىز، ئەگەر بىرى كېلىپ، بۇ يەردە ئادەم بارمۇ؟ دەپ سورىسا، يوق دېگەيسىز، _ دېدى.

21سىسىرا ئىنتايىن چارچاپ كەتكەچكە، يېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتى. خەبەرنىڭ خوتۇنى يائېل قولىغا توقماق بىلەن چېدىرغا قاقىدىغان قوزۇقتىن بىرنى ئېلىپ، سىسىرانىڭ يېنىغا ئاستا كېلىپ، قوزۇقنى ئۇنىڭ چېكىسىگە قېقىپ يەرگە پاتۇرىۋەتتى. سىسىرا ئۆلدى.

22باراق سىسىرانى ئىزدەپ كەلگەنىدى، يائېل ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ:

_ بۇ ياققا كېلىڭ، مەن سىز ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنى كۆرسىتەي، _ دېدى. باراق ئۇنىڭ بىلەن چېدىرغا كىرىپ، سىسىرانىڭ ئۆلۈك ياتقىنىنى ۋە چېكىسىگە قوزۇق قېقىلغانلىقىنى كۆردى.

23ئۇ كۈنى خۇدا ئىسرائىللارغا كەنئان پادىشاھى يابىننى باش ئەگدۈرۈپ بەردى. 24شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللار بارغانسېرى كۈچىيىپ، كەنئان پادىشاھى يابىن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئاخىرى ئۇنى يوقاتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى