« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

34

شەكەمنىڭ دىنانىڭ نومۇسىغا تېگىشى

1بىر كۈنى، ياقۇپنىڭ لېياھتىن بولغان قىزى دىنا يەرلىك كەنئانلىقلارنىڭ قىزلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى. 2ئۇ يەرنىڭ قەبىلە باشلىقى خىۋلاردىن بولغان ھامۇرنىڭ شەكەم ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ دىنانى كۆرۈپ، تۇتۇۋېلىپ نومۇسىغا تەگدى. 3ئۇنىڭغا كۆيۈپ قېلىپ، مۇھەببەت ئىزھار قىلدى. 4ئۇ ئاتىسى ھامۇردىن:

_ قانداقلا بولمىسۇن، مۇشۇ قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەر، _ دەپ تەلەپ قىلدى.

5ياقۇپ قىزىنىڭ نوم سىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. لېكىن، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوغۇللىرى يايلاقتا مال بېقىۋاتقاچقا، ئۇ داۋراڭ سالماي، ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتتى. 6شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامۇر ياقۇپنىڭ ئالدىغا قىزىنى سوراپ كەلگەندە، 7ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى يايلاقتىن يېڭىلا كەلگەنىدى. ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق غەزەپكە كەلدى ھەم شەكەمنىڭ ياقۇپنىڭ قىزىنىڭ نومۇسىغا تېگىشى پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىسىنى ھاقارەتلەيدىغان، يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان سەت ئىش، دەپ قارىدى. 8ھامۇر ئۇلارغا:

_ ئوغلۇم شەكەم قىزىڭلارنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۇنى نىكاھىغا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغايسىلەر. 9بىز ئىككى قەبىلە قۇدا بولايلى. سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى بىز ئالايلى، بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى سىلەر ئېلىڭلار. 10شۇنداق قىلىپ، سىلەر بىزنىڭ يۇرتىمىزدا خالىغان يېرىڭلاردا ئولتۇرۇپ، ئەركىن ئوقەت قىلىپ، يەر-زېمىن سېتىۋالساڭلار بولۇۋېرىدۇ، _ دېدى.

11ئارقىدىن، شەكەم ئۆزى دىنانىڭ ئاتىسى ۋە قېرىنداشلىرىدىن مۇنداق دەپ ئىلتىماس قىلدى:

_ سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا مېھىر-شەپقەتكە ئېرىشسەم، مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭلار شۇنى بېرىمەن. 12پەقەت مېنىڭ دىنانى نىكاھىمغا ئېلىشىمغا رۇخسەت قىلساڭلار، قانچىلىك تويلۇق تەلەپ قىلساڭلار قولۇم كۆكسۈمدە.

13شەكەم ياقۇپنىڭ قىزى دىنانىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، دىنانىڭ ئاكىلىرى شەكەمگە ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ھامۇرغا ھىيلە-مىكىر سۆزلەر بىلەن جاۋاب قايتۇردى. 14ئۇلار:

_ بىز سىڭلىمىزنى خەتنە قىلىنمىغان كىشىگە بەرمەيمىز. بۇنداق قىلىش بىزگە نومۇس. 15پەقەت سىلەر بىر شەرتنى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا ماقۇل بولىمىز. سىلەر بىزگە ئوخشاش ھەممە ئەرلىرىڭلارنى خەتنە قىلدۇرۇڭلار. 16شۇنداق بولغاندا، بىز قىزلىرىمىزنى سىلەرگە بېرىمىز ھەم قىزلىرىڭلارنى ئالىمىز ۋە يۇرتۇڭلاردا تۇرۇپ قېلىپ، بىر قەبىلە بولىمىز. 17ئەگەر سىلەر بىزنىڭ خەتنە قىلىش توغرىسىدىكى شەرتىمىزنى قوبۇل قىلمىساڭلار، سىڭلىمىزنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىمىز، _ دېدى.

18ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرى ھامۇر ۋە ئۇنىڭ ئوغلى شەكەمنىڭ قۇلىقىغا ياقتى. 19شەكەم ياقۇپنىڭ قىزىغا كۆيۈپ قالغان بولغاچقا، خەتنە قىلدۇرۇشقا ئالدىرىدى. ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزاسى ئىدى. 20شۇنىڭ بىلەن، ھامۇر ۋە شەكەم شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى كىشىلەر يىغىلىدىغان جايغا بېرىپ، يۇرت ئەھلىگە:

21_ بۇ كىشىلەر ئىناق ئادەملەر ئىكەن. ئۇلار بۇ يەردە تۇرۇپ سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولغۇدەك. بۇ يۇرت كەڭ، ئۇلار سىغىپ كېتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئالساق، ئۇلار بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى ئالسا بولىدۇ. 22لېكىن، بۇ كىشىلەر بىزگە ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان بىر شەرتنى قويۇۋاتىدۇ، يەنى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئەرلىرىگە ئوخشاش خەتنە قىلدۇرۇلۇشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر بىز بۇ شەرتنى قوبۇل قىلساق، ئۇلار بىز بىلەن بىللە ياشاپ، بىر قەبىلە بولىدىكەن. 23بىز ئۇلارنى بۇ يەردە تۇرغۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، بۇ شەرتكە ماقۇل بولايلى. شۇنداق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە پۈتۈن تەئەللۇقاتلىرى بىزنىڭ بولمامدۇ؟ _ دېدى.

24ھامۇر بىلەن شەكەمنىڭ تەكلىپىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا يىغىلغان پۈتۈن خالايىق قۇۋۋەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن، شەھەردىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلدۇردى.

25ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى ئەرلەر خەتنە قىلدۇرۇپ، تېخى ساقايمىغاندا، ياقۇپنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى دىنانىڭ ئۆز ئاكىلىرى شىمون بىلەن لاۋىي قولىغا قىلىچ ئېلىپ، توسالغۇسىزلا شەھەرگە كىرىپ، شەھەردىكى پۈتۈن ئەرلەرنى قىرىپ تاشلىدى. 26ھەتتا ھامۇر بىلەن ئوغلى شەكەمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاندىن، ئۇلار شەكەمنىڭ ئۆيىدىن دىنانى ئېلىپ چىقتى.

27چوڭ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، ياقۇپنىڭ باشقا ئوغۇللىرى شەھەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، سىڭلىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدى. 28ئۇلار قوي، كالا، ئېشەكلىرىنى ۋە شەھەرنىڭ باغ-ۋارانلىرىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى بۇلاپ كەتتى. 29شۇنداقلا، ئۇلار يەنە بارلىق بايلىقلىرىنى، خوتۇن-قىزلىرىنى، بالىلىرىنى ھەمدە ئۆيلىرىدىكى بار بىساتلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. 30ياقۇپ شىمون بىلەن لاۋىيغا:

_ سىلەر مېنى بالاغا تىقتىڭلار. بۈگۈندىن باشلاپ، كەنئانلىقلار، پەرىززىلەر ۋە بۇ يەردىكى باشقا قەبىلىلەر ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. بىزنىڭ ئادەم سانىمىز ئاز، ئەگەر ئۇلار بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلسا، پۈتۈن ئائىلىمىز ھالاك بولىدۇ، _ دېدى.

31لېكىن، ئۇلار:

_ ئۇنداقتا، ئۇلار سىڭلىمىزغا پاھىشە ئايالغا قىلغان مۇئامىلىنى قىلسۇنمۇ؟! _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى