« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

42

يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مىسىرغا ئاشلىق ئالغىلى بېرىشى

1كەنئان زېمىنىدىمۇ ئاچارچىلىق بولغانىدى. ياقۇپ مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئوغۇللىرىغا:

_ سىلەر بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپلا تۇرامسىلەر! نېمىشقا بىر چىقىش يولى تاپمايسىلەر؟ 2ئاڭلىشىمچە، مىسىردا ئاشلىق بار ئىكەن. ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتمەيلى. ئۇ يەرگە بېرىپ، بىرئاز ئاشلىق سېتىۋېلىپ ئەكېلىڭلار، _ دېدى.

3بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپنىڭ ئون ئۆگەي ئاكىسى مىسىرغا ئاشلىق سېتىۋالغىلى باردى. 4لېكىن، ياقۇپ يۈسۈپنىڭ ئىنىسى بىنيامىننى ئۇلار بىلەن ئەۋەتمىدى. چۈنكى، ياقۇپ ئۇنىڭ بىرەر يامانلىققا ئۇچراپ قېلىشىدىن قورقاتتى.

5ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقىلار ئاشلىق سېتىۋالغىلى مىسىرغا بېرىشتى. چۈنكى، كەنئاندىمۇ ئاچارچىلىق ئېغىر بولغانىدى. 6يۈسۈپ مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بولغاچقا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەنلەرگە ئاشلىق سېتىپ بېرىشكە مەسئۇل ئىدى. شۇڭا، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. 7يۈسۈپ ئاكىلىرىنى كۆرۈپلا تونۇپ قالدى، لېكىن تونۇماسقا سېلىۋېلىپ، ئۇلاردىن جىددىي قىياپەتتە:

_ سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

_ بىز كەنئاندىن ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدۇق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار.

8يۈسۈپ ئاكىلىرىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يۈسۈپنى تونۇمىغانىدى. 9ئۇ ئاكىلىرى توغرىسىدىكى كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارغا:

_ سىلەر جاسۇس، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار! _ دېدى.

10ئۇلار:

_ ياق جانابلىرى، كەمىنىلىرى ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدى. 11بىز ئاكا-ئۇكىلار راستچىل ئادەملەرمىز، كەمىنىلىرى ھەرگىز جاسۇس ئەمەس! _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى.

12يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ ياق، سىلەر مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار! _ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.

13ئۇلار:

_ ئى جانابلىرى، كەمىنىلىرى ئەسلىدە بىر ئاتىدىن ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق. ئاتىمىز كەنئاندا تۇرىدۇ. ئەڭ كىچىك ئىنىمىز ئۇنىڭ يېنىدا قالدى، يەنە بىر ئىنىمىز بولسا ئۆلۈپ كەتكەن! _ دېدى.

14يۈسۈپ يەنە چىڭ تۇرۇپ:

_ ياق! مەن ھازىر ئېيتقاندەك، سىلەر راستتىنلا جاسۇس. 15سىلەرنىڭ سەمىمىي ياكى سەمىمىي ئەمەسلىكىڭلارنى سىناش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، كىچىك ئىنىڭلار بۇ يەرگە كەلمىگۈچە، سىلەرنى ھەرگىز قويۇۋەتمەيمەن. 16سىلەردىن بىرىڭلار بېرىپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار. گېپىڭلار ئىسپاتلانغۇچە، قالغانلىرىڭلار بۇ يەردە زىنداندا تۇرىسىلەر. ئىنىڭلارنى ئەكەلمىسەڭلار، ھەممىڭلار چوقۇم جاسۇس بولۇپ ھېسابلىنىسىلەر! _ دېدى.

17شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنى زىندانغا قاماپ، ئۈچ كۈن تۇتۇپ تۇردى.

18ئۈچىنچى كۈنى، يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەممەن. ئەگەر سىلەر مېنىڭ شەرتىمنى قوبۇل قىلساڭلار، بىر قوشۇق قېنىڭلاردىن كېچىمەن. 19ئۆزۈڭلارنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بىر ئادىمىڭلارنى زىنداندا گۆرۈگە قويۇپ، قالغانلىرىڭلار قايتىپ، ئالغان ئاشلىقلارنى ئائىلەڭلەردىكى ئاچارچىلىقتا قالغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىڭلار. 20ئاندىن، كىچىك ئىنىڭلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنداق قىلغاندىلا، سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقى ئىسپاتلىنىدۇ-دە، ئۆلۈمدىن ئامان قالىسىلەر! _ دېدى.

ئۇلار بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىپ، 21ئۆزئارا: «بۇرۇن بىز ئىنىمىزغا زىيانكەشلىك قىلغاچقا، ئەمدى ئۇنىڭ قىساسىغا قالدۇق! بىز ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، يالۋۇرسىمۇ پىسەنت قىلمىغانىدۇق. شۇڭا، بۇ بالا-قازاغا يولۇقتۇق!» دېيىشتى.

22رۇبېن ئۇلارغا:

_ مەن سىلەرگە: «بۇ بالىغا تەگمەيلى» دېسەم، سىلەر ئاڭلىمىدىڭلار. ئەمدى شۇ قان قەرزىنى تۆلەيدىغان بولدۇق! _ دېدى.

23يۈسۈپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى چۈشەندى. ئاكىلىرى بولسا بۇنى بىلمەيتتى، چۈنكى يۈسۈپ ئۇلار بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشكەنىدى.

24يۈسۈپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يىغلاپ تاشلىدى. ئاندىن قايتىپ كىرىپ، شىموننى ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇنى باغلاتتى.

يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرىنىڭ كەنئانغا قايتىشى

25يۈسۈپ خىزمەتچىلىرىگە ئاكىلىرىنىڭ تاغارلىرىغا ئاشلىق تولدۇرۇپ، ئاشلىققا تۆلىگەن پۇللىرىنى تاغارلىرىغا سېلىپ قويۇشنى ۋە ئۇلارغا يوللۇق ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ھەممە تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن، 26ئۇلار ئالغان ئاشلىقلىرىنى ئېشەكلىرىگە ئارتىپ، يولىغا راۋان بولدى. 27قونالغۇ جايغا بارغاندا، ئۇلاردىن بىرى ئېشەكلەرگە يەم بېرىش ئۈچۈن تاغىرىنى ئېچىپ، ئۆز پۇلىنىڭ تاغاردا تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، 28قېرىنداشلىرىغا:

_ ئۇلار پۇلۇمنى قايتۇرۇۋېتىپتۇ. مانا تاغارنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ! _ دېدى. ئۇلار ھاڭ-تاڭ بولۇپ، قورققان ھالدا ئۆزئارا: «بۇ، خۇدانىڭ بىزگە قىلغان نېمە ئىشىدۇ؟» دېيىشتى.

29ئۇلار كەنئانغا قايتىپ كېلىپ، ئاتىسى ياقۇپنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆتكەن ئىشلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. 30ئۇلار مۇنداق دېدى:

_ مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بىزگە قاتتىق گەپ قىلىپ، بىزنى ئۇلارنىڭ دۆلىتىنى چارلىغىلى كەلگەن، دەپ ئەيىبلىدى. 31بىز ئۇنىڭغا: «بىز جاسۇس ئەمەسمىز، بىز سەمىمىي ئادەملەر. 32بىر ئاتىدىن جەمئىي ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق، بىر ئىنىمىز ئۆلۈپ كەتتى. ئەڭ كىچىك ئىنىمىز كەنئاندا ئاتىمىزغا ھەمراھ بولۇپ قالدى» دېگەنىدۇق. 33بىراق، ئۇ: «سىلەرنىڭ سەمىمىي ياكى سەمىمىي ئەمەسلىكىڭلارنى سىنايمەن. بىر ئادىمىڭلارنى قاماقتا تۇتۇپ تۇرىمەن. قالغانلىرىڭلار قايتىپ، ئالغان ئاشلىقىڭلارنى ئاچارچىلىقتا قالغان ئائىلەڭلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىڭلار. 34ئاندىن، كىچىك ئىنىڭلارنى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرنىڭ جاسۇس ئەمەس، بەلكى سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭلارغا ئىشىنىپ، قېرىندىشىڭلارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن. بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىپ، ئوقەت قىلساڭلارمۇ بولىدۇ» دېدى.

35كېيىن ئۇلار ئاشلىقلارنى تۆككەندە، ئۆز پۇللىرىنىڭ تاغاردا ئىكەنلىكىنى كۆرۈشتى. ئاتا-بالىلار پۇل قاپچۇقلىرىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقتى. 36ياقۇپ ئۇلارغا:

_ سىلەر مېنى ھەممە ئوغۇللىرىمدىن ئايرىۋېتەمسىلەر؟ يۈسۈپ يوق بولدى، شىمونمۇ تۈگەشتى. ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولدۇڭلارمۇ؟ بالا-قازانىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كېلەمدىغاندۇ! _ دېدى.

37رۇبېن ئاتىسىغا ۋەدە بېرىپ:

_ ئەگەر مەن بىنيامىننى قايتۇرۇپ كەلمىسەم، مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭ. كىچىك ئىنىمىز بىنيامىننى ماڭا ئامانەت قىلىڭ. مەن ئۇنى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىمەن، _ دېدى.

38لېكىن، ياقۇپ ئۇلارغا:

_ بۇ ئوغلۇم سىلەر بىلەن بارمىسۇن! ئۇنىڭ بىر قورساقتىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، يالغۇز قالدى. مۇبادا ئۇ يولدا بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقۇپ قالسا، مەن ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كېتىمەن، _ دېدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى