« يوئېل »

2

پەرۋەردىگارنىڭ «چېكەتكە قوشۇنى»

1سىئوندا بۇرغا چېلىڭلار،

پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغىدىن خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار!

زېمىندىكى بارلىق ئادەملەر تىترىسۇن!

پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە، ئاز قالدى.

2ئۇ كۈن قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك ۋە قارا بۇلۇتلۇق كۈندۇر.

قاراڭغۇلۇق تاغلارنى قاپلىغاندەك،

زور كۈچلۈك قوشۇن زېمىننى قاپلايدۇ.

بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلار بۇرۇنمۇ بولمىغان

ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.

3ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوت يانىدۇ،

ئارقىسىدىمۇ ئاتەش يالقۇنلايدۇ.

ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن ئېرەم باغدەك گۈزەل بولسا،

كېلىپ كەتكەندىن كېيىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.

ھېچنېمە ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

4ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى ئاتقا ئوخشايدۇ،

ئۇلار خۇددى ئۇرۇش ئېتىدەك چېپىپ يۈرۈشىدۇ.

5ئۇلاردىن جەڭ ھارۋىلىرىدەك چاراسلىغان ئاۋاز چىقىدۇ.

ئۇلار تاغ چوققىلىرىدا سەكرەپ يۈرىدۇ.

ئۇلاردىن يەنە قۇرۇق چۆپلەر كۆيگەندەك قاراسلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ.

ئۇلار خۇددى ئۇرۇشقا سەپ تۈزگەن چوڭ قوشۇنغا ئوخشايدۇ.

6خەلق ئۇلارنى كۆرۈپ، ھوشىنى يوقىتىدۇ

ۋە چىرايلىرىدا قان قالمايدۇ.

7ئۇلار ھۇجۇم قىلىۋاتقان باتۇرلارغا،

سېپىلغا يامىشىۋاتقان لەشكەرگە ئوخشايدۇ.

ئۇلار سەپ بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ،

سەپلىرىنى قەتئىي بۇزمايدۇ.

8ھېچكىم بىر-بىرىنى قىستاشماي،

ھەركىم ئۆز يولىدا ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ.

ئۇلار توسۇقلاردىن بۆسۈپ ئۆتىدۇ،

ھېچكىم ئۇلارنى توسالمايدۇ.

9ئۇلار شەھەرگە قاراپ ئېتىلىدۇ،

سېپىللارنىڭ ئۈستىدە چېپىشىدۇ.

ئۆيلەرگە يامىشىدۇ،

دېرىزىلەردىن ئوغرىدەك كىرىدۇ.

10ئۇلار نەگىلا بارسا،

ئاسمان-زېمىن تىترەيدۇ.

كۈن، ئاي تۇتۇلىدۇ،

يۇلتۇزلارمۇ چاقنىمايدۇ.

11پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ بۇ خاس «قوشۇن»ىغا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ،

ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سانى يوقتۇر.

ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغانلار كۈچلۈكتۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى شۇنچىلىك قورقۇنچلۇقتۇر،

ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟

پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىشقا چاقىرىش

12پەرۋەردىگار: «ھازىرمۇ روزا تۇتۇڭلار، يىغلاڭلار، ھازا ئېچىڭلار،

پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن يولۇمغا قايتىڭلار» دەيدۇ.

13كىيىمىڭلارنى ئەمەس، قەلبىڭلارنى يىرتىپ، ئۆزگىرىڭلار.

پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار!

چۈنكى ئۇ شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر،

ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدۇ، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر.

بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدۇ.

14كىم بىلىدۇ، بەلكىم ئۇ نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ،

سىلەرگە ئىچى ئاغرىشى ۋە بەخت ئاتا قىلىپ،

مول ھوسۇل بېرىشى مۇمكىن.

ئۇ چاغدا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنالايسىلەر.

15سىئون تېغىدا بۇرغا چېلىڭلار،

روزا تۇتۇشقا چاقىرىڭلار،

مۇقەددەس يىغىلىشنى ئېلان قىلىڭلار.

16خەلقنى يىغىڭلار،

ئۇلار ئۆزلىرىنى پاكلىسۇن.

ياشانغانلارنى ۋە بالىلارنى يىغىڭلار،

ھەتتا بوۋاقلارمۇ يىغىلسۇن.

يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەر ھۇجرىلىرىدىن چىقسۇن.

17پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار

ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىغا يىغىلسۇن.

ئۇلار مۇنداق دەپ دۇئا قىلسۇن:

«ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئايىغايسەن.

ئۆز خەلقىڭنى يات ئەللەرنىڭ خورلۇقى ۋە مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن.

يات ئەللەرنىڭ ‹قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى؟› دېگەن سۆزىگە قويمىغايسەن.»

پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى

18ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئۆز زېمىنىغا ئېچىنىپ،

خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىدۇ.

19ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەرگە ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغى بېرىمەن،

سىلەرنى تويدۇرىمەن.

ئەمدى سىلەرنى باشقا ئەللەردە يەنە خار قىلمايمەن.

20شىمالدىن كەلگەن دۈشمەننى قوغلاپ چىقىرىمەن،

ئۇلارنى قاقاس ۋە چۆل بىر يەرگە قوغلىۋېتىمەن.

ئالدىن يۈرەر قوشۇننى ئۆلۈك دېڭىزغا،

قالغان قوشۇنلارنى ئوتتۇرا دېڭىزغا غەرق قىلىمەن.

ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ سېسىق پۇرىقى جاھاننى بىر ئالىدۇ.»

پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدى.

21ئەي زېمىن، قورقما،

خۇشال بول، شادلان!

چۈنكى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدى.

22ئەي دالادىكى ھايۋانلار، قورقماڭلار،

ئوتلاقلار ياپيېشىل كۆكلەيدۇ،

مېۋىلىك دەرەخلەر مېۋە بېرىدۇ،

ئەنجۈر، ئۈزۈم شاخلىرى مېۋىگە تولىدۇ.

23ئەي سىئون خەلقى، شادلىنىڭلار،

پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن خۇشاللىق تېپىڭلار.

ئۇ ئۆز ۋاقتىدا يامغۇرلارنى ياغدۇرىدۇ،

چۈنكى ئۇ بىزگە ساداقەتلىكتۇر.

سىلەرگە بۇرۇنقىغا ئوخشاش كۈز ۋە باھار يامغۇرى ياغدۇرۇپ بېرىدۇ.

24خامىنىڭلار ئاشلىققا تولىدۇ،

شاراب ۋە زەيتۇن يېغىڭلار كۈپلەرگە پاتماي قالىدۇ.

25پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«كۈزلۈك چېكەتكىلەر، پىيادە چېكەتكىلەر،

يېتىلگەن چېكەتكىلەر ۋە باشقا بىر توپ يېتىلگەن چېكەتكىلەر

يەپ كەتكەن زىرائەتلەرنى ئەمدى مەن سىلەرگە تولۇقلاپ بېرىمەن.

ئۇ كۈچلۈك ‹قوشۇن›نى سىلەرگە قارشى مەن ئەۋەتكەنىدىم.

26سىلەر ئەمدى تويغۇچە يەيسىلەر،

پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نامىنى مەدھىيەلەيسىلەر،

چۈنكى مەن سىلەر ئۈچۈن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدىم.

ئەمدى مېنىڭ خەلقىم قايتا نومۇسقا قالمايدۇ.

27ئۇ ۋاقىتتا سىلەر مېنىڭ ئىسرائىلىيەدە ئىكەنلىكىمنى،

مېنىڭ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى

ۋە مەندىن باشقا ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.

ئەمدى مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر قايتا نومۇسقا قالمايسىلەر.»

پەرۋەردىگارنىڭ ئىنسانلارنى ئۆز روھىغا چۆمدۈرۈشى

28پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمنىڭ روھىغا چۆمدۈرىمەن،

ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزىدۇ.

سۆزلىرىم ياشانغانلارغا چۈشلىرى ئارقىلىق،

يىگىتلەرگە غايىبانە ئالامەتلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.

29ئاشۇ كۈنلەردە مەيلى قۇل، مەيلى دېدەك بولسۇن،

ھەممىسىنى روھىمغا چۆمدۈرىمەن.

30مەن ئاسمان-زېمىندا مۆجىزە كۆرسىتىمەن،

سىلەر قان، ئوت ۋە تۈتۈنلەرنى كۆرىسىلەر.

31قۇياش غۇۋالىشىدۇ، ئاي قان رەڭگىگە كىرىدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن،

بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

32ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.»

پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك،

سىئون تېغىدا ۋە يېرۇسالېم شەھىرىدە ھايات قالغان كىشىلەر بولىدۇ،

ھايات قالغانلار دەل پەرۋەردىگار چاقىرغان كىشىلەردۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى