« يوئېل »

3

پەرۋەردىگارنىڭ يات ئەللەرنى جازالىشى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇ كۈنلەر كەلگەندە، مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنى قايتا گۈللەندۈرىمەن،

2ھەممە ئەللەرنى يىغىپ، يىھوشافات [مەنىسى ‹پەرۋەردىگار سوتلايدۇ›] جىلغىسىغا ئاپىرىمەن.

ئۇ يەردە مەن ئۇلارنى سوتلايمەن.

چۈنكى ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى،

يەنى مېنىڭ مۈلكۈم بولغان ئىسرائىللارنى

يات ئەللەرگە تارقىتىۋېتىپ، زېمىنىمنى بۆلۈشتى.

3ئۇلار خەلقىمنى تاللاپ قۇل قىلىشقا چەك تارتىشتى.

ئوغۇللارنى پاھىشىلەرگە تېگىشتى،

قىزلارنى شارابقا سېتىشتى.

4ئەي تىر، سىدون شەھەرلىرى ۋە فىلىستىيەنىڭ بارلىق رايونلىرى، ماڭا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلىدە بولىسىلەر؟ سىلەر مەندىن ئۆچ ئالماقچىمۇ؟ ئەگەر مەندىن ئۆچ ئېلىۋاتقان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەردىن ئۆچ ئېلىپ، بېشىڭلارغا تېزلا بالا-قازا چۈشۈرەي. 5سىلەر مېنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمنى، قىممەتلىك خەزىنىلىرىمنى بۇلاپ كېتىپ، ئۇلارنى بۇتخانىلىرىڭلارغا قويدۇڭلار. 6يەھۇدىيەنىڭ، جۈملىدىن يېرۇسالېمنىڭ خەلقىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىپ، يۇنانلىقلارغا ساتتىڭلار. 7سىلەر ئۇلارنى نەگە ساتقان بولساڭلار، مەن ئۇلارنى شۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىمەن. سىلەر ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىمەن. 8ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەھۇدىيەلىكلەرگە سېتىپ بېرىمەن. يەھۇدىيەلىكلەر ئۇلارنى يىراقتىكى سىبائى خەلقىگە ساتىدۇ. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

9سىلەر باشقا ئەللەرگە مۇنداق دەپ جاكارلاڭلار:

‹ئۇرۇشقا ھازىرلىنىڭلار!

لەشكەرلىرىڭلارنى، پۈتۈن باتۇرلىرىڭلارنى يىغىپ،

ئۇرۇشقا ئاتلىنىڭلار.

10ساپىنىڭلاردىن قىلىچ،

شاخ پۇتايدىغان قايچاڭلاردىن نەيزە سوقۇڭلار.

ئاجىزلارمۇ مەن باتۇر دېسۇن.

11ئەي ئەتراپتىكى بارلىق ئەللەر،

تېز بولۇڭلار، يىھوشافات جىلغىسىغا يىغىلىڭلار!›»

ئى پەرۋەردىگار، لەشكەرلىرىڭنى ئەۋەتكەيسەن.

12«ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەر ئورۇنلىرىدىن قوزغالسۇن،

يىھوشافات جىلغىسىغا يىغىلسۇن.

مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ يەردە سوتلايمەن.

13زىرائەتلەر پىشتى، ئورغاق سېلىڭلار.

شاراب كۆلچىكى ئۈزۈمگە تولدى، كېلىپ ئېزىڭلار.

خۇددى شاراب كۈپلىرىدىن شاراب تاشقاندەك،

ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىمۇ تولۇپ تاشتى.»

14مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كىشىلەر سوت بولىدىغان جىلغىدىدۇر.

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە.

15ئۇ كۈنى ئاي، كۈن تۇتۇلىدۇ، يۇلتۇزلارمۇ چاقنىمايدۇ.

16پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن نەرە تارتىپ،

يېرۇسالېمدىن گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلىگەندە،

ئاسمان-زېمىن لەرزىگە كېلىدۇ.

لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ پاناھگاھى،

ئىسرائىل خەلقىنىڭ قورغىنى بولىدۇ.

يەھۇدىيەنىڭ بەختكە ئېرىشىشى

17پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى،

مۇقەددەس تېغىم سىئوندا تۇرىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر.

يېرۇسالېم مۇقەددەستۇر،

يات ئەللەر ئۇ يەرگە يەنە تاجاۋۇز قىلالمايدۇ.

18ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، تاغلاردىن تاتلىق شەربەت تامىدۇ.

ئېدىرلىقلاردا سۈت ئاقىدۇ،

يەھۇدىيەدىكى بارلىق جىلغىلاردا سۇلار دولقۇنلايدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بىر بۇلاقتىن سۇ ئېقىپ كېلىپ،

شىتتىم ۋادىسىنىڭ قۇرۇق يەرلىرىنى سۇغۇرىدۇ.

19لېكىن مىسىر قاقاسلىققا،

ئىدوم چۆلگە ئايلىنىدۇ.

چۈنكى ئۇلار يەھۇدىيە خەلقىگە زوراۋانلىق قىلىپ،

يەھۇدىيە زېمىنىدا گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكتى.

20لېكىن يەھۇدىيە مەڭگۈ ياشايدۇ،

يېرۇسالېم ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىدۇ.

21مەن پەرۋەردىگار قان قەرزگە بوغۇلغان دۈشمەنلەرنى جازاسىز قويمايمەن.

مەن سىئوندىدۇرمەن.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى