« چۆلدە »

16

كوراھ، داتان ۋە ئابىراملارنىڭ ئاسىيلىقى

1لاۋىينىڭ ئەۋرىسى، قوھاتنىڭ نەۋرىسى، يىزھارنىڭ ئوغلى بولغان كوراھ رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىن ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ھەم ئابىرام ۋە پەلەتنىڭ ئوغلى ئونلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، 2مۇساغا قارشى تۇردى. ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن 250 ئادەم ئۇلارغا قوشۇلدى. ئۇلار جامائەتتىن تاللانغان ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئىدى. 3ئۇلار بىرلىشىپ مۇسا ۋە ھارۇنغا:

_ سىلەر ھەددىڭلاردىن بەك ئېشىپ كەتتىڭلار! ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەربىر ئادىمى پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر، پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەنمۇ بىللىدۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى چوڭ تۇتۇپ، ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىدىن ئۈستۈن قىلىۋالىسىلەر؟ _ دېيىشتى.

4مۇسا بۇنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ، بېشىنى يەرگە قويدى، 5ئاندىن كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە:

_ ئەتە سەھەردە پەرۋەردىگار كىمنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ ئۆزىگە ئاتالغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا بارسا بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ. 6كوراھ، سەن شېرىكلىرىڭ بىلەن مۇنداق قىلغىن: ھەربىرىڭلار ئىسرىقدان ئېلىپ كېلىپ، 7ئەتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭغا چوغ سېلىپ، ئىسرىق سېلىڭلار. پەرۋەردىگار كىمنى تاللىسا شۇ ئۇنىڭغا ئاتالغان بولىدۇ. سىلەر لاۋىيلار ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار! _ دېدى.

8مۇسا يەنە كوراھقا مۇنداق دېدى:

_ ئەي لاۋىيلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! 9ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى باشقا ئىسرائىللاردىن ئايرىۋېلىپ، سىلەرنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلدۇرۇشى، پۈتۈن جامائەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تاللىشى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ 10ئەي كوراھ، پەرۋەردىگار سېنى ۋە باشقا لاۋىيلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ كەلدى. لېكىن سىلەر ئەمدى روھانىيلىقنىمۇ تالاشماقچىمۇ؟ 11سەن ۋە سېنىڭ شېرىكلىرىڭنىڭ بىرلىشىپ قارشى تۇرغىنى ھارۇن بولماستىن ئەمەلىيەتتە پەرۋەردىگاردۇر!

12مۇسا ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ۋە ئابىرامنى چاقىرتتى. لېكىن ئۇلار:

_ بىز بارمايمىز! 13سەن بىزنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىن ئېلىپ چىقىپ مۇشۇ چۆلدە ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ ئەجەبا، بۇ يەتمەمدۇ؟ ھازىر سەن يەنە ئۆزۈڭنى پادىشاھتەك كۆرۈپ بىزنى باشقۇرماقچىمۇ؟ 14يەنە كېلىپ سەن بىزنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا باشلاپ كىرمىدىڭ ياكى ۋەدە قىلغىنىڭدەك ئېكىنزارلىق ۋە ئۈزۈمزارلىقمۇ بەرمىدىڭ. سەن كۆزلىرىمىزنى باغلاپ، بىزنى يەنە داۋاملىق ئالدىماقچىمۇ؟ ياق! بىز بارمايمىز! _ دېدى.

15شۇنىڭ بىلەن مۇسا ناھايىتى ئاچچىقلاندى ۋە پەرۋەردىگارغا:

_ ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمىغىن. مەن ئۇلارنىڭ بىر تۇياق ئېشىكىنىمۇ ئېلىپ باقمىدىم ياكى ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە زىيانمۇ يەتكۈزمىدىم، _ دېدى.

16شۇنىڭ بىلەن مۇسا كوراھقا يەنە:

_ ئەتە سەن بارلىق شېرىكلىرىڭ ۋە ھارۇن بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىڭلار. 17ھەركىم ئۆز ئىسرىقدانلىرىدا ئىسرىق سالسۇن. جەمئىي 250 ئىسرىقدان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلسۇن. سەن ۋە ھارۇن ئۆز ئىسرىقدانلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.

18شۇنىڭ بىلەن ھەركىم ئۆز ئىسرىقدىنىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا چوغ ۋە ئىسرىق تولدۇرۇپ، مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن بىللە ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشتى. 19كوراھ بارلىق جامائەتنى يىغىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا مۇسا ۋە ھارۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلاندى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى پۈتۈن جامائەتكە زاھىر بولدى. 20پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا:

21_ سىلەر جامائەتتىن ئايرىلىپ چىقىڭلار. مەن مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن، _ دېدى.

22لېكىن مۇسا بىلەن ھارۇن ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇپ، نالە قىلدى:

_ ئى خۇدا، ئىنسانلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا، بىر ئادەمنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۈچۈن پۈتۈن جامائەتكە غەزەپلىنەمسەن؟

23پەرۋەردىگار مۇساغا:

24_ جامائەتكە ئېيتقىن، ئۇلار كوراھ، داتان ۋە ئابىراملارنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق تۇرسۇن! _ دېدى.

25مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ، داتان ۋە ئابىراملارنىڭ يېنىغا باردى. ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 26ئۇ جامائەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ:

_ بۇ رەزىل كىشىلەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق تۇرۇڭلار! ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىگە تەگمەڭلار، بولمىسا ئۇلارنىڭ گۇناھىغا سىلەرمۇ چېتىلىپ، بىرلىكتە ۋەيران بولىسىلەر، _ دېدى.

27شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراقلاشتى. داتان بىلەن ئابىرام ئاياللىرى، پەرزەنتلىرى ۋە كىچىك بالىلىرى بىلەن بىرگە چىقىپ، ئىشىكلىرى ئالدىدا تۇرۇشتى. 28مۇسا جامائەتكە مۇنداق دېدى:

_ مەن قىلغان بارلىق ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىلىۋاتقانلىقىمنى، شەخسىي غەرىزىمنىڭ يوقلۇقىنى تېزلا بىلىپ قالىسىلەر. 29ئەگەر بۇ كىشىلەر ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلسە، ياكى ئۇلارنىڭ دۇچار بولغىنى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدەك بولسا، پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتمىگەن بولىدۇ. 30ئەگەر پەرۋەردىگار بۇرۇن قىلمىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپ، يەرنى يېرىپ، ئۇلارنى بارلىق نەرسىلىرى بىلەن بىرگە يەر ئاستىغا، يەنى گۆرگە تىرىكلا ئېلىپ كىرىپ كەتسە، بۇنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىدىن بولغان، دەپ بىلىڭلار.

31مۇسا سۆزلىرىنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغىلا، ئۇلار دەسسەپ تۇرغان يەر يېرىلىپ، 32كوراھنىڭ شېرىكلىرى، بالا-چاقىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى بىراقلا يالماپ كەتتى. 33ئۇلار يەر ئاستىغا ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلىرى بىلەن بىرگە تىرىكلا چۈشۈپ كەتتى. يەر ئەسلىگە قايتقاندا، ئۇلار ئاللىقاچان جامائەت ئارىسىدىن غايىب بولغانىدى. 34ئۇلارنى چۆرىدەپ تۇرغان بارلىق ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، بىزنىمۇ يەر يۇتۇپ كەتمىسۇن دەپ قېچىپ كېتىشتى.

35پەرۋەردىگار يەنە ئوت چۈشۈرۈپ، ئىسرىق سېلىۋاتقان 250 ئادەمنى كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلدى. 36پەرۋەردىگار مۇساغا:

37_ روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارغا ئېيتقىن: «ئۇ ئىسرىقدانلارنى قالدۇق ئوتنىڭ ئىچىدىن ئېلىۋالسۇن. چۈنكى ئىسرىقدانلار مۇقەددەستۇر. چوغلارنى يىراقراق جايغا چېچىۋەتسۇن. 38گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولغانلارنىڭ ئىسرىقدانلىرىنى سوقۇپ، نېپىزلىتىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىنى قاپلىسۇن، چۈنكى ئىسرىقدانلاردا مەن پەرۋەردىگارغا ئىسرىق كۆيدۈرۈلگەن. ئۇلار مۇقەددەستۇر. ئۇلار ئىسرائىللارغا ئىبرەت بولسۇن.» _ دېدى.

39شۇنىڭ بىلەن روھانىي ئەلئازار تۇچ ئىسرىقدانلارنى كۆيۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ يېنىدىن يىغىۋالدى ھەمدە ئۇلارنى سوقۇپ، نېپىزلىتىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىنى قاپلاتتى. 40بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارغا، ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ ئىسرىق سالسا بولمايدىغانلىقى، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىدەك بولىدىغانلىقلىرى ھەققىدە ئىبرەت بېرىلدى.

41لېكىن ئىككىنچى كۈنىلا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مۇسا ۋە ھارۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ:

_ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار! _ دېدى.

42خەلق مۇسا ۋە ھارۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يىغىلىۋاتقاندا، ئۇلار بىردىنلا ئۇچرىشىش چېدىرىنى بۇلۇتنىڭ ئورىۋالغانلىقىنى كۆرۈشتى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى نامايان بولغانىدى. 43مۇسا بىلەن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرى ئالدىغا كەلدى. 44پەرۋەردىگار مۇساغا:

45_ بۇ جامائەتتىن ئايرىلىپ چىقىڭلار. مەن ئۇلارنى بىراقلا ھالاك قىلىمەن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى. 46مۇسا ھارۇنغا:

_ ئىسرىقدىنىڭنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئىسرىق قويغىن. قۇربانلىق سۇپىسىدىن چوغ ئېلىپ سالغىن، ئاندىن تېزلىكتە جامائەتنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلغىن. پەرۋەردىگار قەھر-غەزەپكە كەلدى، ۋابا باشلىنىدىغان بولدى، _ دېدى.

47ھارۇن مۇسانىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، ئىسرىقداننى ئېلىپ جامائەت ئارىسىغا يۈگۈرۈپ باردى. كىشىلەر ئارىسىدا ئاللىقاچان ۋابا تارقىلىشقا باشلىغانىدى. ھارۇن ئىسرىق سېلىپ جامائەتنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىپ، 48ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇردى. شۇ ۋاقىتتا ۋابا توختىدى. 49لېكىن شۇ كۈنىلا كوراھ سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەردىن باشقا 14,700 ئادەم ۋابا بىلەن جېنىدىن ئايرىلدى. 50ۋابا توختىغاندىن كېيىن، ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان مۇسانىڭ يېنىغا كەلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى