« چۆلدە »

7

قەبىلە باشلىقلىرى سۇنغان ھەدىيەلەر

1مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇپ بولغان كۈنى، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلەرگە، قۇربانلىق سۇپىسىغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق سايمانلارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى مۇقەددەس قىلدى. 2شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىل ئاقساقاللىرى، يەنى رويخەتكە ئېلىشقا مەسئۇل بولغان ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشتى. 3ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئالتە ھارۋا، ئون ئىككى تۇياق ئۆكۈز ھەدىيە قىلغان بولۇپ، ھەربىر قەبىلە باشلىقى بىردىن ئۆكۈز، ھەر ئىككى قەبىلە باشلىقى بىرلىشىپ، بىردىن ھارۋىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشكەنىدى.

4پەرۋەردىگار مۇساغا:

5_ ئۇلار ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئالغىن. بۇ نەرسىلەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىشقا ئىشلىتىڭلار. لاۋىيلارنىڭ ئىش تەقسىماتىغا قاراپ، بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرگىن، _ دېدى.

6شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۋا ۋە ئۆكۈزلەرنى لاۋىيلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. 7-8ئۇ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان خىزمەتلىرىگە قاراپ، روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى گېرشون ئەۋلادلىرىغا ئىككى ھارۋا بىلەن تۆت ئۆكۈزنى، مىرارى ئەۋلادلىرىغا تۆت ھارۋا بىلەن سەككىز ئۆكۈزنى بەردى. 9بىراق قوھات ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى مۈرىسىدە كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، مۇسا ئۇلارغا ھېچنېمە بەرمىدى.

10قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەندىن كېيىن، ئاقساقاللار بېغىشلاش ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويدى. 11چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا: «ئۇلار قۇربانلىق سۇپىسىنى ماڭا بېغىشلاش ئۈچۈن ھەدىيەلىرىنى سۇنسۇن، ھەر كۈنى بىر ئاقساقال ئۆز ھەدىيەسىنى سۇنسۇن» دېگەنىدى.

12بىرىنچى كۈنى يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. 13ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغانىدى)، 14ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 15كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 16گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 17ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشوننىڭ ھەدىيەلىرى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

18ئىككىنچى كۈنى ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. 19ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغانىدى)، 20ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 21كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 22گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 23ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

24ئۈچىنچى كۈنى زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. 25ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغانىدى)، 26ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 27كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 28گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 29ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئابنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

30تۆتىنچى كۈنى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. 31ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغانىدى)، 32ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 33كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 34گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 35ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇرنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

36بەشىنچى كۈنى شىمون قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. 37ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغانىدى)، 38ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 39كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 40گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 41ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

42ئالتىنچى كۈنى گاد قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. 43ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغانىدى)، 44ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 45كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 46گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 47ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياسافنىڭ ھەدىيەسى شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

48يەتتىنچى كۈنى ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. 49ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغانىدى)، 50ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 51كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 52گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 53ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشامانىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

54سەككىزىنچى كۈنى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. 55ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغانىدى)، 56ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 57كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 58گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 59ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

60توققۇزىنچى كۈنى بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. 61ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغانىدى)، 62ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 63كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 64گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 65ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىداننىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

66ئونىنچى كۈنى دان قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. 67ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغانىدى)، 68ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 69كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 70گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 71ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەرنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

72ئون بىرىنچى كۈنى ئاشېر قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. 73ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغانىدى)، 74ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 75كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 76گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 77ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

78ئون ئىككىنچى كۈنى نافتالى قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. 79ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغانىدى)، 80ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، 81كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، 82گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، 83ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرانىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

84قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەن كۈنى، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى قۇربانلىق سۇپىسىنى خۇداغا بېغىشلاش ئۈچۈن سۇنغان ھەدىيەلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەندىكىدەك: 12 كۈمۈش تاۋاق، 12 كۈمۈش قاچا، 12 ئالتۇن تەخسە. 85مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھەربىر كۈمۈش تاۋاقنىڭ ئېغىرلىقى بىر يېرىم كىلو، ھەربىر كۈمۈش قاچىنىڭ ئېغىرلىقى 800 گىرام بولۇپ، بارلىق كۈمۈشنىڭ ئېغىرلىقى 27 كىلو 600 گىرام ئىدى. 86ئىچىگە ئىسرىق تولدۇرۇلغان 12 ئالتۇن تەخسە، ھەربىر تەخسىنىڭ ئېغىرلىقى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 115 گىرام بولۇپ بارلىق تەخسىلەرنىڭ ئېغىرلىقى 1 كىلو 380 گىرام ئىدى. 87كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن 12 بۇقا، 12 قوچقار، 12 تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان ھەمدە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن 12 تېكە سۇنۇلغانىدى. 88ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ماللار تۆۋەندىكىدەك: 24 بۇقا، 60 قوچقار، 60 تېكە، 60 تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەندىن كېيىن سۇنۇلغان بېغىشلاش ھەدىيەلىرى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.

89مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرگەندە، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «گۇناھتىن پاكلىنىش جايى»غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى «كېرۇب»نىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار شۇ خىل ئۇسۇلدا مۇسا بىلەن سۆزلەشتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى