« چۆلدە »

28

كۈندىلىك ھەدىيەلەر

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئۇلار بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان خۇش پۇراقلىق يېمەكلىك ھەدىيەلىرىنى ئەكەلسۇن. 3تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا سۇنىدىغان كۈندىلىك ھەدىيەلىرىدۇر: ھەر كۈنى ئىككى تۇياق بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن، 4بىرى ئەتىگەندە، بىرى گۇگۇم چۈشكەندە قىلىنسۇن. 5شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا بىر لىتىر زەيتۇن يېغىنى قۇيۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن. 6بۇلار، سىناي تېغىدا بەلگىلەنگەن كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولۇپ، ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرۈلگەن خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەردۇر. 7ھەربىر قۇربانلىق قىلىنغان پاقلانغا قوشۇپ بىر لىتىر شاراب ھەدىيە قىلىنىپ، بۇ ئىچىملىك ھەدىيەسى ماڭا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسىغا قۇيۇلسۇن. 8گۇگۇم چۈشكەندە، پاقلان ھەدىيەسى قىلغان ۋاقتىدىمۇ ئەتىگەندىكىگە ئوخشاش ئاشلىق بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلىنىپ، ماڭا ئاتاپ خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق ھەدىيە قىلىنسۇن.»

دەم ئېلىش كۈنىدىكى ھەدىيەلەر

9«دەم ئېلىش كۈنىدە بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن ئىككى تۇياق قۇربانلىق قىلىنسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى قۇيۇلۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلىنسۇن. 10بۇ، ئادەتتىكى كۈنلەردە قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا، دەم ئېلىش كۈنلىرى قىلىنىدىغان ھەدىيەلەردۇر.»

ئاي بېشىدىكى ھەدىيەلەر

11«ئاي بېشىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. 12شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو، 13ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلودىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ماڭا ئاتالغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەدۇر. 14ماللار قۇربانلىق قىلىنغاندا، ئۇلارغا قوشۇپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئىككى لىتىر شاراب، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن بىر يېرىم لىتىر شاراب، ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر لىتىر شاراب قوشۇپ ھەدىيە قىلىنسۇن. بۇلار مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەلەردۇر. ھەربىر يىلنىڭ ھەممە ئايلىرىدا مۇشۇنداق ھەدىيەلەر قىلىنسۇن. 15كۈندىلىك قۇربانلىقلاردىن باشقا يەنە بىر تېكە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇلسۇن. كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا قوشۇپ، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ سۇنۇلسۇن.»

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىكى ھەدىيەلەر

16«1-ئاينىڭ 14-كۈنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى خاتىرىلەڭلار. 1715-كۈنىدىن باشلاپ پېتىر نان ھېيتى باشلىنىدۇ. سىلەر مۇشۇ كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار. 18بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. 19بۇ كۈنى ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان مەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. 20شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىنسۇن. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو، 21ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلودىن ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىنسۇن. 22شۇنىڭ بىلەن بىرگە گۇناھىڭلاردىن ساقىت بولۇش ئۈچۈن بىر تۇياق تېكە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىنسۇن. 23ھەر كۈنى ئەتىگىنى قىلىنىدىغان كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن باشقا يەنە ھېيت كۈنى قىلىنىدىغان قۇربانلىقلار قىلىنسۇن. 24شۇ بويىچە ئۇدا يەتتە كۈن ھەر كۈنى مۇشۇنداق قۇربانلىقلار قىلىنسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىقتۇر. بۇنىڭدىن باشقا، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەلىرى سۇنۇلسۇن. 25يەتتىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.»

ئورما ھېيتىدىكى ھەدىيەلەر

26«ئورما ھېيتى كۈنى، يەنى سىلەرنىڭ تۇنجى پىشقان ئاشلىقىڭلاردىن مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىدىغان كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. 27ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق پاقلاننى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. 28بۇ قۇربانلىقلار بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو، 29ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلودىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. 30بۇنىڭدىن باشقا بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار. 31بۇ قۇربانلىقلار ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا، كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىمۇ سۇنۇلسۇن. مالنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى