« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

11

1رىخوبئام يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىمالدىكى ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش ئارقىلىق پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىدىن 180 مىڭ سەرخىل لەشكەرنى توپلىدى. 2بىراق پەرۋەردىگار شىمايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:

3_ سەن بېرىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئامغا ۋە پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىگە: 4«پەرۋەردىگار سىلەرگە: ‹سىلەر قېرىندىشىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلساڭلار بولمايدۇ. ھەممىڭلار ئۆيۈڭلارغا قايتىڭلار! چۈنكى بۇ ئىش مەندىن بولدى› دەيدۇ» دېگىن.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ياروبئامغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن ۋاز كەچتى.

يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئام

5رىخوبئام يېرۇسالېمدا ياشىدى. ئۇ يەھۇدىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملىدى. 6ئۇ بەيتلەھەم، ئېتام، تىقوۋا، 7بەيتزۇر، سوكوھ، ئادۇللام، 8گات، مارېشا، زىف، 9ئادورايىم، لاكىش، ئازېقا، 10زورئاھ، ئاييالون ۋە ھىبرون شەھەرلىرىنى ئوڭشىدى. بۇلار يەھۇدا ۋە بىنيامىن تەۋەلىكىدىكى مۇستەھكەم شەھەرلەرگە ئايلاندى. 11رىخوبئام شەھەرلەرنىڭ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملەپ، سەركەردىلەرنى ئەۋەتتى. شەھەرلەرنى يېمەك-ئىچمەك، زەيتۇن يېغى، شارابلار بىلەن تەمىنلىدى. 12ھەرقايسى شەھەرگە قالقان ۋە نەيزىلەرنى توپلاپ، شەھەر مۇداپىئەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنى ئۇنىڭ قولىدا قالدى.

13ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممە يەرلىرىدىكى روھانىيلار ۋە لاۋىيلار رىخوبئامنىڭ تەرەپدارلىرى بولدى. 14ئۇلار ھەتتا ئۆي ۋە زېمىنلىرىنى تاشلاپ، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا يەرلىرىگە كۆچۈپ كەلدى. چۈنكى ياروبئام ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇلارنىڭ روھانىي بولۇپ، پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشىغا يول قويمىغانىدى. 15ياروبئام غەيرىي سەجدىگاھلارغا روھانىيلارنى تەيىنلىدى. ئۇلار ياروبئام ياساتقان تېكە ۋە موزاي بۇتلارغا خىزمەت قىلاتتى. 16ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ ئىچىدىكى پەرۋەردىگار خۇداغا چىن يۈرىكىدىن تەلپۈنىدىغانلار لاۋىيلارغا ئەگىشىپ، يېرۇسالېمغا كەلدى. چۈنكى ئۇلار ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچىدى. 17ئۇلار يەھۇدىيە پادىشاھلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئامغا ئۈچ يىل سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلدى. ئۇلار بۇ جەرياندا داۋۇت ۋە سۇلايمان يولغا قويغان نىزاملارغا رىئايە قىلدى.

18رىخوبئام داۋۇتنىڭ ئوغلى يىرىموتنىڭ قىزى ماخالاتقا ئۆيلەندى. ماخالاتنىڭ ئانىسى ئابىھايىل يىشاينىڭ ئوغلى بولغان ئەلىئابنىڭ قىزى ئىدى. 19ماخالات رىخوبئامغا يىئۇش، شىماريا، زاھام ئىسىملىك ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەردى. 20كېيىن رىخوبئام ئابسالومنىڭ قىزى مائاكانى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۇ ئابىيا، ئاتتاي، زىزا ۋە شىلومىتنى تۇغدى. 21رىخوبئامنىڭ جەمئىي 18 خوتۇنى، 60 توقىلى، 28 ئوغلى، 60 قىزى بار ئىدى. رىخوبئام خوتۇن ۋە توقاللىرىنىڭ ئىچىدە مائاكانى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى. 22شۇڭا ئۇ ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئابىيانى شاھزادىلەرنىڭ ئىچىدىن ۋەلىئەھد قىلىپ تەيىنلىدى. 23رىخوبئام ئاقىلانە ئىش قىلىپ، باشقا شاھزادىلەرنىڭ بەزىلىرىنى يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىكى ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى يېتەرلىك تەمىنات ۋە خوتۇن، توقاللارغا ئىگە قىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى