« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

31

1ھەممە ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن، توپلانغان ئىسرائىللار يەھۇدىيە، بىنيامىن، ئەفرايىم، ماناسسە زېمىنلىرىدىكى ھەممە شەھەرلەرگە بېرىپ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چېقىۋەتتى. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلدى. غەيرىي سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلارنى بۇزدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆز شەھەرلىرىگە ۋە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى.

خىزكىيانىڭ لاۋىيلارغا تەمىنات بېرىشى

2خىزكىيا روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى توپلارغا بۆلدى ۋە ئۇلارغا ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش، پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش، شۇنداقلا باشقا خىزمەتلەرنى قىلىش ئىدى. 3پادىشاھ ئۆز مال-مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا، يەنى سەھەردە ۋە كەچتە قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا، دەم ئېلىش كۈنلىرى، يېڭى ئاي كۈنلىرى ۋە باشقا بەلگىلەنگەن بايرام كۈنلىرى قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا ئاجراتتى. 4ئۇ يېرۇسالېم خەلقىگە:

_ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارغا ئۇلارنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك قىسمىنى بېرىڭلار. شۇنداق بولغاندا ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ بېجىرىدۇ، _ دېدى.

5پادىشاھ بۇيرۇق قىلىشى بىلەنلا يېرۇسالېملىقلار تۇنجى يىغقان ئاشلىقى، شارابى، زەيتۇن يېغى، ھەسىلى ۋە ئېتىزىدىن چىققان زىرائەتلىرىدىن ھەدىيە قىلىشتى. ھەدىيە قىلىنغان ئوندىن بىر ئۈلۈش بۇ نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. 6يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار ئەكەلگەن كالا، قوي ۋە پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتىغان باشقا نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىمۇ شۇنچە كۆپ بولۇپ كەتكەنىدى. 7ئۇلار ئەتىيازنىڭ ئاخىرى* ھەدىيە قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، كۈزنىڭ بېشىغا كەلگەندە* ئاخىرلاشتى. 8خىزكىيا ۋە ئەمەلدارلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن نەرسىلەرنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى ھەمدە پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەخت تىلىدى. 9خىزكىيا دۆۋىلىنىپ كەتكەن بۇ نەرسىلەر ھەققىدە روھانىيلار ۋە لاۋىيلاردىن سوئال سورىدى. 10زادوق جەمەتىدىن بولغان باش روھانىي ئازاريا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئىئانە ئەكەلگەندىن كېيىن، بىز تويغۇچە يەپ-ئىچتۇق، شۇنداقتىمۇ يەنە مۇشۇنداق نۇرغۇنى ئېشىپ قالدى. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خەلقىگە بەرىكەت ئاتا قىلغاچقا، مۇشۇنداق كۆپ ئېشىپ قالدى.

11شۇنىڭ بىلەن خىزكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئامبارلار تەييارلاش بۇيرۇقىنى بەردى. ئامبارلار تەييارلانغاندىن كېيىن، 12ئۇلار ئىئانىلەر، ئوندىن بىر ئۆلۈشى بويىچە ئەكېلىنگەن نەرسىلەر ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان باشقا نەرسىلەرنى ئامبارلارغا سەمىمىيلىك بىلەن ئەكىرىپ قويدى. بۇ ئىشقا لاۋىيلاردىن بولغان كونانيا مەسئۇل بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسى شىمئى ياردەمچىسى بولدى. 13يىخىئېل، ئازازيا، ناخات، ئاسائېل، يىرىموت، يوزاباد، ئەلىئېل، يىسماكيا، ماخات ۋە بىنايالار كونانيا ۋە شىمئىغا ياردەملىشىپ، نازارەتچىلىك قىلىدىغان بولدى. بۇلارنى پادىشاھ خىزكىيا ۋە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى ئازاريا بەلگىلىگەنىدى.

14لاۋىيلاردىن بولغان يىمناھنىڭ ئوغلى كورې ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ دەرۋازىۋىنى ئىدى. ئۇ خۇداغا خالىس قىلىنغان ھەدىيەلەرنى باشقۇرۇشقا ھەم پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ئىئانىلەرنى ۋە ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى تەقسىملەشكە مەسئۇل ئىدى. 15ئېدەن، مىنيامىن، يېشۇۋا، شىمايا، ئاماريا، شىكانيالار كورېنىڭ سادىق ياردەمچىلىرى بولۇپ، ئۇلار روھانىيلار ياشايدىغان باشقا شەھەرلەردە نەرسىلەرنى ئۇلارغا توپلار بويىچە قېرى-ياش دېمەي، بۆلۈپ بېرەتتى. 16ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان، نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان ھەم رويخەتكە ئېلىنغان ئەركەكلەرگە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۈچ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئوغۇللىرىغا نەرسىلەر تارقىتىپ بېرەتتى. 17روھانىيلارغا ئائىلە نەسەبنامىسى بويىچە، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى لاۋىيلارغا نۆۋەتچىلىك خىزمىتى ۋە ۋەزىپىسى بويىچە نەرسىلەر تارقىتىپ بېرىلەتتى. 18ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى بارلىق خوتۇن، بالىچاقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. چۈنكى ئۇلارمۇ سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزلىرىنى پاكلايتتى. 19باشقا شەھەرلەرنىڭ ئوتلاقلىرىدا ياشايدىغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بولغان روھانىيلارغىمۇ نەرسە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئادەملەر ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدىكى بارلىق ئەركەكلەرگە ۋە رويخەتكە ئېلىنغان لاۋىيلارغا تەۋە نېسىۋىلىرىنى تارقىتىپ بېرىش ئىدى.

20پادىشاھ خىزكىيا بۇ ئىشلارنى پۈتۈن يەھۇدىيەدە ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئۆزى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى ۋە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلدى. 21ئۇ مەيلى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىشلار توغرىسىدا بولسۇن، مەيلى قانۇن ياكى ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىش توغرىسىدا بولسۇن، ھەممىسىدە خۇدادىن يول سورىدى، چىن قەلبى بىلەن بېجىردى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى.



*7ئەتىيازنىڭ ئاخىرى _ ئىبرانىي كالېنداردا «3-ئاي» بولۇپ، مىلادىيە كالېندارى بويىچە 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

*7كۈزنىڭ بېشى _ ئىبرانىي كالېنداردا «7-ئاي» بولۇپ، مىلادىيە كالېندارى بويىچە 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى