« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

14

پادىشاھ ئاسانىڭ كۇشنى مەغلۇپ قىلىشى

1ئابىيا ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاسا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

ئاسا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە دۆلەتتە ئون يىل تىنچ-ئامانلىق بولدى. 2ئاسا پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى ھەم دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 3غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھىغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى يوقاتتى، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چېقىۋەتتى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. 4پادىشاھ ئاسا يەنە يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئىنتىلىشكە ۋە ئۇنىڭ قانۇن ۋە ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشقا پەرمان چۈشۈردى. 5ئۇ يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلار ۋە ئىسرىقدانلارنى ئېلىۋەتتى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە پادىشاھلىق تىنچ-ئامانلىقتا ئۆتتى.

6پادىشاھ ئاسا يەھۇدىيەنىڭ تىنچ-ئامانلىق مەزگىلىدە شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇرۇش بولمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلغانىدى. 7ئۇ يەھۇدىيەلىكلەرگە مۇنداق دېدى:

_ بىز شەھەرلىرىمىزنى مۇستەھكەملەيلى، ئەتراپىغا سېپىل ۋە كۆزىتىش مۇنارلىرى ياسايلى، بالداقلىق دەرۋازىلارنى ئورنىتايلى. بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىنتىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، بىز بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتىمىز، پەرۋەردىگار چېگرالىرىمىزنى ئامان قىلدى.

شۇنداق قىلىپ ئۇلار شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى، ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى. 8ئاسانىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان چوڭ قالقانلىق ۋە نەيزىلىك 300 مىڭ لەشكىرى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان كىچىك قالقانلىق ۋە ئوقيالىق 280 مىڭ لەشكىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىللانغان لەشكەرلەر ئىدى.

9كۇشتىن كەلگەن زەراخ 100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن ۋە 300 جەڭ ھارۋىسى بىلەن يەھۇدىيەگە يېقىنلاپ، مارېشا شەھىرىگە بېسىپ كەلدى. 10ئاسا لەشكەرلىرى بىلەن دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئۇلار ئىككى تەرەپ مارېشا شەھىرىگە يېقىن يەردىكى زىفاتا جىلغىسىدا سەپ تارتىشتى. 11ئاسا پەرۋەردىگارى خۇدادىن مۇنداق دەپ ئۆتۈندى:

_ ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، پەقەت سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا ئاجىزلار كۈچلۈكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ. ئۆتۈنەي، بىزگە ياردەم قىلغايسەن. بىز ساڭىلا تايىنىمىز. سېنىڭ نامىڭ بىلەن بۇ چوڭ قوشۇنغا قارشى ئاتلاندۇق. ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇرسەن. ئۇ ئادەملەرنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلىشىغا يول قويمىغايسەن.

12شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار كۇشلارنى ئاسا ۋە يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلدى. كۇشلار قاچتى. 13ئاسا قوشۇنىنى باشلاپ، ئۇلارنى قوغلاپ، تاكى گىرارغىچە باردى. كۇشلار پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىدا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، قىرىلىپ كەتتى، ھەتتا بىرەرسىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىدى. يەھۇدىيەلىكلەر ناھايىتى كۆپ مال-مۈلۈكنى ئولجا ئالدى. 14گىرار ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكى خەلقلەر پەرۋەردىگاردىن ۋەھىمىگە چۈشكەنلىكتىن، يەھۇدىيەلىكلەر ئۇ يەرلەرنىمۇ ھۇجۇم بىلەن ئالدى. شەھەرلەردە ناھايىتى كۆپ بايلىق بار ئىدى، ئۇلار ھەممىسىنى ئولجا ئالدى. 15ئۇلار يەنە پادىچىلارنىڭ چېدىرلىرىنى بۇزۇپ، نۇرغۇن قوي، ئۆچكە ۋە تۆگىلىرىنىمۇ ئولجا ئالدى، ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى