« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

7

1سۇلايمان دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن باشقا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىغا تولدى. 2ئىبادەتخانىغا تولغان پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىدىن روھانىيلار ئىبادەتخانىغا كىرەلمەي قالدى. 3بارلىق ئىسرائىللار ئوتنىڭ چۈشكەنلىكىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ ئىبادەتخانىنىڭ ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، باشلىرىنى تاش ياتقۇزۇلغان يەرگە تەگكۈزۈپ، تەزىم قىلىشتى ۋە «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ شۈكۈر ئېيتىشتى.

ئىبادەتخانىدا قىلىنغان تۇنجى قۇربانلىقلار

4ئاندىن كېيىن پادىشاھ ۋە بارلىق خەلق پەرۋەردىگار ئالدىدا قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلدى. 5سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەقدىم قىلغان قۇربانلىقى 22 مىڭ تۇياق كالا، 120 مىڭ تۇياق قوي بولدى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق ئىبادەتخانىنى خۇداغا بېغىشلىدى. 6روھانىيلار ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن جايلىرىدا تۇرۇپ، كاناي چالاتتى. لاۋىيلار ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرۇشۇپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن تەييارلانغان سازلارنى تۇتۇپ تۇراتتى. داۋۇت پادىشاھ بۇ سازلارنى پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ياساتقانىدى. لاۋىيلار بۇ سازلار بىلەن «پەرۋەردىگارنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مەدھىيە ئوقۇغانىدى. پۈتۈن خەلق ئۆرە تۇراتتى. 7سۇلايمان تۇچ بىلەن قاپلاپ ياساتقان قۇربانلىق سۇپىسىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغى پاتماي قالغانىدى، شۇڭا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى، ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرنى مۇقەددەس يەر قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇلارنى شۇ يەردە كۆيدۈردى.

8شىمالدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن تارتىپ تاكى جەنۇبتىكى مىسىر چېگراسىدىكى دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كېلىپ توپلانغان پۈتكۈل ئىسرائىللار ناھايىتى زور جامائەت بولدى. سۇلايمان پادىشاھ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە يەتتە كۈن كەپە تىكىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. 9ئاندىن ئەتىسى ئۇلار يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئۇلار قۇربانلىق سۇپىسىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلاش مۇراسىمىنى يەتتە كۈن ئۆتكۈزۈپ، يەنە يەتتە كۈن كەپە تىكىش ھېيتى قىلغانىدى.

107-ئاينىڭ 23-كۈنى* سۇلايمان جامائەتنى ئۆيلىرىگە قايتۇردى. جامائەت پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت، سۇلايمان ۋە ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا كۆرسەتكەن شاپائىتىدىن تولىمۇ سۆيۈندى ۋە خۇرسەن بولدى.

پەرۋەردىگارنىڭ سۇلايمانغا يەنە زاھىر بولۇشى

11سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋە پادىشاھلىق ئوردىسىنى پۈتتۈردى. ئۇ، ئىبادەتخانا ۋە ئوردا قۇرۇلۇشىدا ئارمان قىلىپ كەلگەن ھەممە ئىشنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇردى. 12پەرۋەردىگار سۇلايمانغا بىر كۈنى كەچتە زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سېنىڭ قىلغان دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. مەن بۇ جاينى ئۆزۈمگە قۇربانلىق قىلىدىغان ئۆي قىلىپ تاللىدىم. 13ئەگەر مەن ئاسمانلارنى يېپىپ، يامغۇر ياغدۇرمىسام ياكى چېكەتكە ئەۋەتىپ، زېمىندىكى زىرائەتلەرنى يېگۈزسەم ياكى خەلقىم ئارىسىغا ۋابا چۈشۈرسەم، 14ماڭا مەنسۇپ بولغان خەلقىم گۇناھىنى تونۇپ، دۇئا قىلىپ، مېنىڭ دىدارىمغا ئىنتىلسە، يامان يولدىن يانسا، ئۇنداقتا مەن ئەرشتە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، زېمىنىغا شاپائەت قىلىمەن. 15ئەمدى مۇشۇ جايدىن قىلىنغان دۇئاغا كۆزۈم ۋە قۇلىقىم ئوچۇق بولىدۇ. 16مەن بۇ يەرنى مېنىڭ ئۆيۈم بولسۇن دەپ تاللاپ، ئۆز نام-شەرىپىم ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مۇقەددەس قىلدىم. كۆزۈم ۋە قەلبىم ھەمىشە مۇشۇ يەردە بولىدۇ. 17ئەگەر سەن ئالدىمدا ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئىش-ئەمەللەرنى قىلساڭ، ئەمرلىرىمنىڭ ھەممىسىگە ئىخلاس قىلىپ، قانۇن-نىزاملىرىمغا ئەمەل قىلساڭ، 18ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگىنىمدەك، سېنىڭ تەختىڭنى مۇستەھكەم قىلىمەن.

19ئەمما سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىساڭلار، سىلەرگە بېكىتكەن قانۇن-نىزاملىرىمنى تەرك ئەتسەڭلار، ساختا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولساڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنساڭلار، 20مەن سىلەرنى سىلەرگە بەرگەن بۇ زېمىندىن يۇلۇۋېتىمەن، ھەتتا ئۆز نام-شەرىپىم ئۈچۈن مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ كۆزۈمدىن يوقىتىمەن. ئۇ جىمى خەلقلەر ئالدىدا ئىزا-ئاھانەت ۋە كۈلكىگە قالىدۇ. 21ھازىر ئۇلۇغلىنىۋاتقان بۇ ئىبادەتخانا شۇ ۋاقىت كەلگەندە، ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ زېمىننى ۋە ئىبادەتخانىنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. 22كىشىلەر: «چۈنكى ئۇلار، ئاتا-بوۋىلىرى ئېتىقاد قىلغان ۋە ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارى خۇدادىن ۋاز كېچىپ، ساختا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقان ۋە ئۇلارغا چوقۇنغان، شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ پۈتكۈل بالايىئاپەتنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ياغدۇرغان» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ.



*107-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى