« لاۋىيلار »

17

قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جاي

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ سەن تۆۋەندىكى ئەمرلىرىمنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا، شۇنداقلا پۈتۈن ئىسرائىللارغا يەتكۈزگىن، 3ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا بىرەرسى كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىنى مەيلى قارارگاھ ئىچىدە ياكى سىرتىدا بوغۇزلىغان بولسۇن، 4ئۇلارنى ئىبادەت چېدىرىم دەپ ئاتالغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلمىسا، ئۇ قان تۆككەن گۇناھكار ھېسابلىنىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. 5بۇ قائىدە ئىسرائىللارغا ھايۋانلارنى خالىغان يەردە بوغۇزلىماسلىقنى ھەمدە ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى روھانىيغا ئېلىپ كېلىپ، ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىنى ئۆگىتىدۇ. 6روھانىي قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامغا چاچسۇن، مايلىرىنى كۆيدۈرۈپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنسۇن. 7ئۇلار بۇندىن كېيىن يەنە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، قۇربانلىقلىرىنى ئۆچكە سىياقىدىكى جىنلارغا ئاتىمىسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر، بۇنىڭغا ئۇلار ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلسۇن.

8ئۇلارغا شۇنى ئېيتقىنكى، مەيلى ئىسرائىللار، مەيلى ئىسرائىللار ئارىسىدىكى يات خەلقلەر بولسۇن، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى 9ماڭا ئاتاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلمىسە، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.

قان يېيىشنىڭ چەكلىنىشى

10_ مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، كىمكى قان يېسە، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. 11چۈنكى ھەممە جانلىقنىڭ جېنى قاندىدۇر. مەن پەرۋەردىگار قاننى ئۇلارغا قۇربانلىق سۇپىسىدا ئۆزلىرىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىشى ئۈچۈن بەردىم. ئۇلارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدىغىنى جانلىقنىڭ جېنى بولغان قاندۇر. 12شۇڭا مەن ئىسرائىللارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇلار قان يېمىسۇن.

13ئەگەر ئىسرائىللار ۋە ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر ھالال قۇش ياكى ھالال ياۋايى ھايۋاننى ئوۋلاپ تۇتۇۋالسا، ئۇنى دەرھال بوغۇزلاپ، قېنىنى كۆمۈۋەتسۇن. 14چۈنكى ھەممە جانلىقنىڭ جېنى قاندىدۇر. شۇڭا مەن ئىسرائىللارنىڭ ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنىڭ قان يېيىشىنى چەكلىدىم، چۈنكى جان قاندىدۇر. قان يېگەن ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.

15مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ئۇلار يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېسە ناپاك بولىدۇ. ئۇلار چوقۇم كىيىمىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر، كۈن پاتقاندا ئاندىن ئۇلار پاكلىنىدۇ. 16ئەگەر ئۇلار ئۇنداق قىلمىسا، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى