« لاۋىيلار »

22

مۇقەددەس يېمەكلىكلەر

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئېيتقىن، مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنىڭ بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ماڭا بېغىشلىغان مۇقەددەس يېمەكلىكلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 3ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرەرسى ناپاك تۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ماڭا بېغىشلىغان مۇقەددەس يېمەكلىكلىرىگە يېقىنلاشسا، ئۇ ئىبادەت جايىمدا قەتئىي خىزمەت قىلمىسۇن، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

4ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدىكى تېرە كېسىلىگە ياكى جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالما ئېقىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىرى تاكى پاكلانغۇچە مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. جەسەت سەۋەبىدىن ناپاك بولغان نەرسىگە تېگىپ كەتكەن ئادەم، ئېھتىلام بولغان ئادەم، 5ياكى ھارام ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ۋە ناپاك ئادەمگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولغان ئادەم بولسۇن، 6شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. بويىنى سۇغا سالمىغۇچە، مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. 7كۈن ئولتۇرغاندا ئۇ پاكلىنىدۇ، ئاندىن ئۇ مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېسە بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ يېمەكلىكىدۇر. 8ئۇ يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنى يەپ، ئۆزىنى بۇلغىمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

9روھانىيلار مەن جاكارلىغان بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلسۇن. بولمىسا مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ. بۇ گۇناھى ئۈچۈن گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.

10روھانىي ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا ھەرقانداق ئادەم مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. مەيلى روھانىينىڭ مېھمىنى، مەيلى روھانىينىڭ چاكىرى بولسۇن، ھېچكىم مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. 11لېكىن روھانىي سېتىۋالغان قۇل ياكى روھانىينىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان قۇل مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېسە بولىدۇ. 12روھانىينىڭ قىزى روھانىيلاردىن باشقا كىشىگە ياتلىق قىلىنسا، روھانىينىڭ نېسىۋىسى بولغان مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. 13ناۋادا روھانىينىڭ قىزى تۇل بولۇپ قالسا، ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كېتىپ، بالىسى بولمىغانلىقتىن ئاتىسىنىڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن بولسا، قىزلىق دەۋرىدىكىدەك ئاتىسىنىڭ يېمەكلىكلىرىدىن يېسە بولىدۇ. مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنى روھانىي ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقىلار يېمىسۇن.

14ئەگەر بىرى مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن ئۇقۇشماي يەپ سالسا، مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنىڭ ئەسلى قىممىتىگە يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، روھانىيغا تۆلەپ بەرسۇن. 15-16روھانىيلار ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتاپ سۇنغان مۇقەددەس يېمەكلىكلىرىنى روھانىي بولمىغانلارنىڭ ئۆز مەيلىچە يېيىشىگە يول قويۇپ، يېمەكلىكلەرنى ھارام قىلمىسۇن. بولمىسا، يېمەكلىكلەرنى يېگەن كىشىلەر گۇناھكار ھېسابلىنىپ، ئەيىب قۇربانلىقى سۇنۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەن يېمەكلىكلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.

قوبۇل بولىدىغان قۇربانلىقلار

17پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

18_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەمدە پۈتۈن ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر ياكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر ئىچكەن قەسىمىڭلار بويىچە ياكى خالىس ھالدا ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭلار، 19بىر تۇياق بېجىرىم بۇقا، قوچقار ياكى تېكە سۇنۇڭلار، شۇندىلا قۇربانلىقىڭلار قوبۇل بولىدۇ. 20بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى سۇنساڭلار، قوبۇل بولمايدۇ. 21ئەگەر بىرىڭلار ئىچكەن قەسىمىڭلار بويىچە ياكى خالىس ھالدا ماڭا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنماقچى بولساڭلار، چوقۇم كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىڭلارنىڭ بېجىرىم ۋە ساغلاملىرىدىن سۇنۇڭلار. 22قارىغۇ، ئاقساق-چولاق، زەخىملەنگەن، يىرىڭلىق يارا ۋە قوتۇر باسقان ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلماڭلار. بۇلارنى ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسىدا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇشقا بولمايدۇ. 23لېكىن خالىس ھالدا قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭلار، بىر پاچىقى قىسقا ياكى ئۇزۇن بولغان كالا ياكى قوينى سۇنساڭلار بولىدۇ. لېكىن ئىچكەن قەسىمىڭلارغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، بۇنداق بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى سۇنماڭلار. بۇنى مەن پەرۋەردىگار قوبۇل قىلمايمەن. 24ئۇرۇقدېنى زەخىملەنگەن، ئېزىلگەن، يىرتىلغان ياكى پىچىۋېتىلگەن ھايۋانلارنى ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار. زېمىنىڭلاردا بۇنداق ئىشلارغا يول قويماڭلار. 25بۇنداق بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى يات خەلقلەردىن سېتىۋېلىپ، ماڭا ئاتالغان يېمەكلىك سۈپىتىدە سۇنماڭلار. چۈنكى ئۇ مېيىپ ۋە بېجىرىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قوبۇل بولمايدۇ.»

26پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى:

27_ يېڭى تۇغۇلغان موزاي، قوزا ۋە ئوغلاقلار يەتتە كۈن ئانىسىغا ئەگىشىپ يۈرسۇن، سەككىزىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنساڭلار بولىدۇ، بۇ قوبۇل بولىدۇ. 28مەيلى كالا، قوي ياكى ئۆچكە بولسۇن، ئانىسى بىلەن بالىلىرىنى بىر كۈندە بوغۇزلاشقا بولمايدۇ. 29ماڭا مىننەتدارلىق قۇربانلىقىڭلارنى سۇنغىنىڭلاردا قۇربانلىقىڭلارنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن، مەن سىلەرگە جاكارلىغان بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىڭلار. 30قۇربانلىقنى شۇ كۈنى يەپ تۈگىتىڭلار، ئىككىنچى كۈنى سەھەرگە ئېشىپ قالمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

31ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 32مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىماڭلار. ئىسرائىللار مېنى مۇقەددەس دەپ بىلسۇن، مەن سىلەرنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن. 33مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى